قىزىرىش
![]() (ھېكايە)
![]() ئابدۇكېرىم ئىسمائىل
![]() — ياش بولغاندىكىن چوڭلارغا ئورۇن بوشاتسا بولاتتى...
— ھازىرقى ياشلار ئاتا – ئانىسىنىمۇ پوش دېمەيدۇغۇ... — نومۇسمۇ قىلمايدىكەن... — گاسمىدۇيا؟ ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان ياش يىگىتنىڭ ھېلىلا ئاپتوبۇسقا چىققان ياشانغان كىشىگە ئورۇن بوشاتماي ئولتۇرۇشى يولۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. — بۇيەردە ئولتۇرۇۋالسىلا... يىگىتنىڭ ئارقىسىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئورنىنى ھېلىقى ياشانغان كىشىگە ئۆتۈندى. ئۇنىڭ گېپىدىن يىگىتكە زەردە قىلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. يىگىت 25 ياشلار چامىسىدا بولۇپ، بولۇنۇۋاتقان گەپ – سۆزلەرنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئوڭايسىزلىقتىن قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئاپتوبۇس يەنە بىر بېكەتكە كەلگەندە ياش يىگىت ئورنىدىن تۇردى. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا نەزەر ئاغدۇرۇشتى – دە، ئۈندىيەلمەي قېلىشتى. چۈنكى يىگىت قولىدىكى كىرىشتۈرمە ھاسىنى شىرتتىدە ئۇزارتىپ يەرگە چىڭ تىرەپ، يەنە بىر پۇتىنى تەستە يۆتكىگىنىچە ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا ئىشىكىگە قاراپ سۈرۈلۈۋاتاتتى... ![]() شىنجاڭ گېزىتى تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|