مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى پەنلەر ئوقۇتۇشى
باش بەت

روسىيىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ت

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-16 12:56 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
روسىيىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمى روسىيىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمى بىر قانچە قېتىملىق ئىسلاھات ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كە

 روسىيىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمى

 


روسىيىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمى بىر قانچە قېتىملىق ئىسلاھات – ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى.

ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلىشتىن ئىلگىرى ئالىي مەكتەپلەر ئاز بولۇپ، ئاق سۆڭەكلەر بىلەن پۇلدارلارنىڭلا بالىلىرى ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە ئىدى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشچى – دېھقانلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەيدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، بىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسى تەكشى ئەمەس ئىدى.

20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى ‹‹دۇنياۋى پەن – تېخنىكا سەۋىيىسىگە ئىگە مۇتەخەسسىسلەر››نى تەربىيىلەش ئۈچۈن ‹‹ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرەن ۋە پۇختا بىلىمگە ئىگە بولۇشى لازىم››لىقىنى تەلەپ قىلىپ، بىلىمدىن ئىمتىھان ئېلىشنى ئاساس قىلىش، جەمئىيەت كۆرسىتىشنى قوشۇمچە قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىش پروگراممىسىغا ئاساسەن ئۆزلىرى سوئال چىقىرىپ، ئىمتىھانغا ئۆزلىرى رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆزلىرى نومۇر قويۇپ، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى يولغا قويغان، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن روسىيە بۇ تۈزۈمنى قوللىنىپ كەلمەكتە.

2007 – يىلى 1 – ئايدا روسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ ئۈچ مائارىپى(ئۆمۈرلۈك مائارىپى) 2009 – يىلىدىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ ئىمتىھاننى تەدرىجىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قانۇنىنى ماقۇللىدى. دۆلەتنىڭ ئىمتىھاننى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈش ئىمتىھانىنى ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئىمتىھانى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. قانۇندا مۇنداق بەلگىلەندى: دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا فېدېراتسىيە دەرىجىلىك ھوقۇقلۇق ئورگان مەسئۇل بولىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانى ئۈچۈن مەخسۇس فېدېراتسىيە ماتېرىيال ئامبىرى ۋە فېدېراتسىيە سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاساسىي ماتېرىيال ئامبىرىنى قۇرىدۇ.

مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان چاغدىكى نەتىجىسى ئىككى يىل ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. قانۇندا يەنە مۇنداق بەلگىلەندى: ئىجادىيەت ئىقتىدارى، پسىخىك ساپا، جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدارغا مەخسۇس تەلەپ قويىدىغان ئىنستىتۇت – مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقاندا، دۆلەت بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش بىلەن بىللە، مەكتەپكە كىرىش سىنىقى تولۇقلاپ ئېلىنىدۇ. قانۇندا يەنە بۇنداق ئىنستىتۇت – مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلىشى لازىم، دەپ بەلگىلەندى.

روسىيە بۇ يىل مەملىكەت مىقياسىدا تۇنجى قېتىم بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىپ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ئۈچۈن ئىختىساس ئىگىلىرىنى تاللىماقچى بولغاندا روسىيىنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانى بەزى ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغان، روسىيە جەمئىيىتى جامائەت پىكرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھاننى قوللىغۇچىلار %31نى ئىگىلىگەن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانغا نىسبەتەن باشقىچە قاراشتا بولغان
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر