ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىنىپلارنىڭ تەنتەربىيە ھەيئەتلىرىنى تاللاپ تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش توغۇرسىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىنىپ تەنتەربىيە ھەيئىتى تەنتەربىيە دەرسىدە ئوقۇتقۇچىغا ياردەملىشىپ مەيدان سايمانلارنى تەييارلاش،ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىنلەپ تەييارلىق ھەركىتىنى ئىشلىتىش ،دەرىس ئارلىقىدا گورپىلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش بىلەن بىرگە سىنىپ مۇدىرىنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرىتقى پائالىيەتلەرگە تەشكىنلەش، سىنىپ مۇدىرىغا ۋە تەنتەربىيە ئوكۇتقۇچىسىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھچالىدىن دوكلات قىلىپ تۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىنىپلارنىڭ تەنتەربىيە ھەيئەتلىرىنى تاللاپ تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىش ئىنتايىن زۆرۈر. 1-سىنىپلارنىڭ تەنتەربىيە ھەيئەتلىرىنى تاللاش. سىنىپلارنىڭ تەنتەربىيە ھەيئەتلىرىگە بەدەن سساپاسى ياخشى،باشقا دەرسلەردە ئەلاچى ياكى ياخشى بولغان،تەنتەربىيەدە مەلۇم تالانىتقا ئىگە،ئەخلاق-پەزىلەتلىك،ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلگە بولالايدىغانلارنى تاللاش كىرەك. 2-تاللانغان سىنىپ تەنتەربىيە ھەيئەتلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرىش.تاللانغان سىنىپ تەنتەربىيە ھەيئەتلىرىنى تەربىيەلەشتە، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.بولۇپمۇ ئۆگىنىش، تەشكىل ئىنتىزامغا بويسۇنۇش ۋە تۈرلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش جەھەتلەردە سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلگە بولۇشتەك يۇقىرى تەلەپنى قويۇش،ئاندىن دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلىك پائالىيەتلەرگە تەشكىنلەش،كاماندا بىرىش،ھەرخىل سەپ تۈزەش،سەپ مەشىقلىرىنى ئىشلىتىش،ھەرقايسى تۈرلەر ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىغا ياردەملىشىپ ئۆلگە كۆرسىتىپ بىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپ چىقىش لازىم. 3-ھەرقايسى سىنىپلاردىكى تەنتەربىيە ھەيئەتلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش. تاللانغان ۋە تەربىيەلەنگەن سىنىپ تەنتەربىيە ھەيئەتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ۋە رولىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. 1) سىنىپ تەنتەربىيە ھەيئىتىنى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرىسىنى تەشكىنلەش ۋە مەيدان-سايمانلارنى تەييارلاشتىكى ياخشى ياردەمچىدۇر. شۇڭا،ئوقۇغۇچىلارنى سەپكە تىزىپ دەرس مەيدانىغا ئىلىپ بىرىش،روخسەت سورىغان،كىسەل بولغان ۋە دەرسكە كىلەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالىدىن دوكلات قىلىش،تەييارلىق ھەركىتى ئىشلىتىش، ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا ئاساسەن ،مەيدان-سايمانلارنى تەييارلاش،دەرستىن سىرت ئىشلەشكە بىرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنداشقا نازارەتچىلىك قىلىش،شۇنداقلا دەرس ئاخىرلاشقاندا ئوقۇتقۇچىغا ياردەملىشىپ ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى يىغىشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كىرەك. 2) سىنىپ تەنتەربىيە ھەيئىتى تەنتەربىيە دەرىس ئغنىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئۆلگە كۆرسەتكەندە سىنىپ تەنتەربىيە ھەيئىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى لازىم. مەسىلەن؛- توپ تۈرلىرىدە ئوقۇتقۇچى ھەرخىل پاسلىشىش تېخنىكىسىدىن ئۆلگە كۆرسەتكەندە،ئۆزى بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلار چىقىپ پاس ئىلىش ۋە پاس بىرىشكە،ئۆلگە كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىپ،توغرا ھالەتتىكى پاسلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئۈنۈملىك كۆرسىتىلىشكە ياردەملەشتۈرۈش.ئەسۋاپلىق گىمناستىكا دەرىسىدە بولسا ئاسراش ۋە ياردەم بىرىش ئۇسۇللىرىنى ئۈگىۋىلىشقا تەكلىپ قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر ھالدا تېخنىكا ئىگىلىشىگە ياردەم بىرىش. 3) تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى تۈرلىك سىناق ئىلىش،تىېخنىكا باھالاش،مەۋسۇملۇق ئىمتېھان ۋە ‹‹تەنتەربىيە بىلەن چىنىقىشنىڭ دۆلەتلىك ئۆلچىمى››دىن سىناق ئىلىش خىزمىتىگە ياردەملىشىشكە سىنىپ تەنتەربىيە ھەيئىتىنى تەكلىپ قىلىپ،ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كىرەك. مەسىلەن؛-يۈگىرەش تۈرلىرىدىن سىناق ياكى ئىمتىھان ئالغاندا،سىنىپ تەنتەربىيە ھەيئىتىنى پەللىدىن چىقىش كاماندىسى بىرىشكە ياكى ۋاقىت خاتىرلەشكە ياردەملىششىكە؛ ئىتىش سەكرەش تۈرلىرىدە ،ئىتىش سايمانلىرىنىڭ يەرگە چۈشكەن ئىزىغا بايراق قاداش،قاتارلىق خىزمەتلەرگە ياردەملەشتۈرۈش لازىم. 4) تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى دادىللىق بىلەن تەنتەربىيە ھەيئىتىنى سىنىپ مۇدىرىغا ياردەملىشىپ،ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى يۈرلىك تەنتەربىيە كۇرجۇكلىرىغا تەشكىنلەشكە ۋە ھەر يىلى ئۆز مەكتىپىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان يىنىك ئاتلىتىكا تەنھەركەت يىغىننىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدىكى سىنىپ لارنىڭ پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىدە،ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىنلەپ پاراتتىن ئۆتۈشكە قوماندانلىق قىلىشقا ؛سىنىپ مۇدىرى بىلەن مەسسىلەتلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىنىك ئاتلىتىكا مۇسابىقىسىنىڭ قايسى تۈرلىرىگە قاتنىشىشىنى بىكىتىپ چىقىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ،سىنىپ مۇدىرىغا دوكلات قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. يۇقىردىكى تەلەپلەر بويىچە،سىنىپ تەنتەربىيە ھەيئىتى تاللىنىپ تەبىيەلەنسە ۋە ئۇلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىلسا،تەنتەربىيە دەرسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى،تۈرلىك دەرىستىن سىرىتقى تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ياخشى تەشكىنلىگىلى،جۈملىدىن ھەر بىر مەكتەپ ۋە سىنىپلارنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش،تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشىلاپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىنى ئەمىلى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|