بىر سائەتلىك ياخشى دەرسنىڭ ئۆلچىم
يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-16 12:55 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىر سائەتلىك ياخشى دەرسنىڭ ئۆلچىمى دەرسخانا ئوقۇتۇشى نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش
بىر سائەتلىك ياخشى دەرسنىڭ ئۆلچىمى
دەرسخانا ئوقۇتۇشى نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي تەشكىلىي شەكلى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىكى ئاساسلىق بازىسى. دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى مەكتەپ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى بەلگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان باھاسى ھەمىشە بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمى بىلەن زىچ باغلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بىر سائەتلىك ياخشى دەرسنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ تەرەققىيات خاراكتېرلىك تەلىم- تەربىيە نۇقتىئىنەزەرىنى چىقىش قىلغاندا، ياخشى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچى، ئوقۇتۇش نىشانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ مەقسەت قىلىش
دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باھالاش ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىشتا، كۆپ سانلىق كىشىلەر دەرسخانا ئوقۇتۇش نىشانىنى ئورۇنداشنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا مۇھىم رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى، بىراق زادى قانداق نىشاننى بېكىتىش كېرەكلىكى يەنىلا ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە. بۇرۇن كىشىلەر ئوقۇتۇش نىشانىنى بىلىمگە، بولۇپمۇ دەرسلىك مەزمۇنىنى ئىگىلەشكە قوياتتى، دەرسلىكتىن سىرتقى نىشان ئۈستىدە ئازراق ئويلىناتتى. ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دەرسخانا ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ تىكلىنىشىدە بارغانسېرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ مەقسەت قىلىش تەكىتلەنمەكتە.بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ئاساسىي نىشان
بۇ، دۆلەت ئېلان قىلغان ئوقۇتۇش پروگراممىسى ۋە دەرس ئۆلچىمىدە ئېنىق بەلگىلەنگەن، ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان ئىلىم - پەن ئاساس بىلىملىرى، ئاساسىي ئىقتىدار ھەمدە ئاساسىي ئۆگىنىش قابىلىيىتى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئىدىيىۋى پەزىلەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، دۆلەت كەلگۈسىدىكى پۇقرالارغا قويىدىغان ئەڭ ئادەتتىكىچە تەلەپ بولۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىسى.ئاساسىي نىشاننى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئىپادىلەشتە كونكرېتلىققا، روشەنلىككە، قاتلاملىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭدا ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى كېرەك.
2. يۈكسىلىش نىشانى
بۇ، ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتچانلىق تەرەققىياتىدا ئىپادىلىنىدۇ. سۇبيېكتچانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىشى، ئەمەلىيىتى ۋە ئۆز تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، ئەتراپلىق يېتىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى. سۇبيېكتچانلىق تەرەققىيات نىشانى ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش، تەشەببۇسكارلىق ۋە ئىجادچانلىقتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش مۇستەقىل خاراكتېر دەپمۇ ئاتىلىپ، تاشقى جەھەتتىكى مەجبۇرلاش ۋە تىزگىنلەشنى قوبۇل قىلمايدىغان، ئۆز ئىدىيىسىنى مۇستەقىل، ئەركىن تىزگىنلەيدىغان، ئۆز ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان خاراكتېرنى كۆرسىتىدىغان بۇ خىل خاراكتېر ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش، مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش، كەسكىن بولۇش، ئۆزىنى ئاڭلىق باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. تەشەببۇسكارلىق دېگىنىمىز، رىئاللىقتىكى تاللاش ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن ماسلىشىشتىكى پائالىيەتچانلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى تاللاش خاراكتېرى ۋە جەمئىيەتكە بولغان ماسلىشىشچانلىقىدا مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. تەشەببۇسكارلىق ئوقۇغۇچىلاردا يۈكسەك نەتىجە تۇيغۇسى، كۈچلۈك رىقابەت ئېڭى، قويۇق ئۆگىنىش ھەۋىسى ۋە بىلىم ئېلىش ئارزۇسى بولۇشنى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاكتىپ قاتنىشىش ھەمدە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئىقتىدارى بولۇشنى تەكىتلەيدۇ. ئىجادچانلىق رېئاللىقتىن ھالقىش بولۇپ، سۇبيېكتچانلىق تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ئالىي ئىپادىسىدىن ئىبارەت. سۇبيېكتچانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن (مەسىلەن، ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىشنى ياخشى كۆرۈش، باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشنى ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرۈش، «يېڭى ئەقىل» كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرۈش قاتارلىقلار)، بەلكى يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.
3. ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈش نىشانى
ياخشى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق دېموكراتىك، ئىناق دەرسخانا مۇھىتى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئىجادىيەتنىڭ ياكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ پسىخىك كەچۈرمىشىگە ئىگە قىلىپ، دەرسخانا تۇرمۇشىنىڭ لەززىتى ۋە شادلىقتىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
ئىككىنچى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇش
ئوقۇتۇش مەزمۇنى دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئاساسىي نىشاننى چىقىش قىلىپ، دەرسلىكنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئوقۇتماي، دەرسلىكنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئوقۇتۇشى لازىم.ياخشى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئوقۇتۇش مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
1) ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنى توغرا چۈشىنىشى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىجادىي قوللىنىشى، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى مۇۋاپىق بەلگىلىشى، ئاساس، ئۈلگە، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك پەننىي بىلىملەرنى تۈجۈپىلەپ تاللاپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاساس بىلىملەر ۋە پەنلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىلىرىنى پۇختا ئىگىلىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇتۇش مەزمۇنى ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن تولۇقلىنىشى ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىم.
2) ئوقۇتۇش مەزمۇنى خىرىس تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ھەۋىسى ۋە بىلىم ئېلىش ئارزۇسىغا ئىلھام بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ مۇلاھىزە قىلىشقا يېتەكلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشى لازىم.
3) ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىيلىق، گۇمانىتارلىق ۋە ئىجتىمائىيلىقنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىر تەرەپتىن ئىلمىي ئەقەللىيلىكنى چىقىش قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي ئۇقۇم، ئاساسىي قائىدە، ئاساسىي قانۇنىيەت، ئاساسىي ئىقتىدار ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تاكتىكىلىق ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىتىش ھەمدە ئىلمىي ئاڭغا ئىگە قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ۋە جىددىي، ئەستايىدىل ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن ئىلمىي ئىزدىنىشنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئىگىلىتىش لازىم. يەنە بىر تەرەپتىن گۇمانىتارلىق، ئىجتىمائىيلىقنى چىقىش قىلىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ھېسسىيات، ئىرادە، بىۋاسىتە سېزىم قاتارلىق غەيرىي ئەقلىي ئامىللارغا ئەھمىيەت بېرىش، كوللېكتىپ ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇش مۇھىتىنىڭ يوشۇرۇن تەسىرىگە ئېتىبار بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانىتارلىق ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش، گۇمانىتارلىق روھىنى تاۋلاش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى، ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ئىندىۋىدۇئال پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
4) ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوقۇتۇش ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىقتىدارىنى ۋە تەھلىل قىلىش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئوقۇتۇش تاكتىكىسى ۋە ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش
ھازىرقى زامان دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنى سۇبيېكت قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەكىتلەيدۇ.
1) ئوقۇغۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش
ھازىرقى زامان دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى پائالىيەتلەر ئاساسىدا، ھازىرقى بىلىم قۇرۇلمىسى ئارقىلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاشقى دۇنياغا سىڭىشىش ياكى ماسلىشىش جەريانى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا بىلىمنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىۋېلىش جەريانى. ئوقۇغۇچىلار دەرسخانا ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشى، مۇستەقىل بىلىم ئىگىلىشى، بىلىمدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ھەمدە ياخشى خاراكتېر ۋە كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنى شەكىللەندۈرۈشى لازىم. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشىنى ۋاقىت ۋە بوشلۇق بىلەن تىرىشىپ تەمىن ئېتىشى، ئۆزىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشى زۆرۈر. كىشىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئادەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش ۋاقتى پۈتۈن بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتىنىڭ 12 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان دەرسلەردە 32 دىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش ۋاقتى قىلىنىشى لازىم.
بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىشىمۇ مېڭە ئىشلەتكەنلىك، قاتناشقانلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ياخشى دەرس ئۆتسىلا، ئوقۇغۇچىلار ئوخشاشلا مول بىلىم ئۆگىنىۋالالايدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن لېكسىيىنى ئاڭلاپلا ئولتۇرۇشى ھامان پاسسىپ قاتنىشىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئوقۇغۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشقان چاغدىكى ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ.
2) ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش
ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان دەرسخانا ئوقۇتۇشى دەرسخانىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن كوللېكتىپ ئارىسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئالاقە پائالىيىتىگە، شۇنداقلا كوللېكتىپ ئارىسىدىكى ھەمكارلىشىش پائالىيىتىگە ھەمدە كوللېكتىپ ئارىسىدىكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپ ئورنىتىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئوقۇتۇش تەشكىلىي شەكلىدە كوللېكتىپ ئوقۇتۇش بىلەن كىچىك گۇرۇپپىلاردا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار «نوپۇز ئىگىسى، مەسلىھەتچى، ھەمراھ»تىن ئىبارەت ئۈچ رولنى تاللاشتا، ئوقۇغۇچىلار رىقابەت بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ياخشى تەرەققىي قىلىدىغان ئىناق مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ خىل مۇناسىۋەت بىر خىل ئۆزئارا قوبۇل قىلىدىغان، ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان، دېموكراتىك، باراۋەر ۋە ئىناق كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت. ياخشى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سۇبيېكتىنى ئورتاق بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانى. ئۇ كۆپ خىل، مول مۇناسىۋەت شەكلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش، بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشتەك ھەمكارلىق ئېڭى ۋە ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى ئاڭلىق تۈردە يېتىلدۈرىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كىچىك گۇرۇپپىلاردا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش شەكىل جەھەتتىلا توختاپ قالماسلىقى، ئوقۇغۇچىلار ماھىيەتلىك مۇزاكىرىلەردە ئويلىغانلىرىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئالماشتۇرالىشى، چۈشەنچىلىرىنى بېيتىشى لازىم.
3) ئوقۇغۇچىلار خوجايىنلارچە ئۆگىنىش، پەرقلەرنى راۋاجلاندۇرۇش
ياخشى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە خوجا بولۇپ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى تاللاش، ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش، ئۆز - ئۆزىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتىدىكى مەۋجۇت پەرقلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ، «ھەممىنى تەپتەكشى قىلىش» بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ئەسلىدىكى ئاساسىدا، ئوخشىمىغان باشلىنىش نۇقتىسىدا ئەڭ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتىدىكى خاسلىقنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىيىتىدە ئىپادىلەنگەن چاقناش نۇقتىلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۇتۇۋېلىپ، ئۇلاردىكى يوشۇرۇن ئەۋزەللىكنى بايقايدۇ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممە جەھەتتىن بابباراۋەر راۋاجلىنىشىنى قوغلاشمايدۇ، بەلكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە روشەن خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا، ئوقۇتۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئەندىزە بويىچە ئەمەس، بەلكى پەرقلەندۈرۈپ يېتەكلەپ، قاتلاملارغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرقى راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.
4) يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش
ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گۇمانىي، قىيىن مەسىلىلەرنى سورىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىجادىي يوشۇرۇن ئىقتىدارى تىرىشىپ قېزىلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش روھى يېتىلدۈرۈلىدۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ھۇزۇرىنى تېتىشىغا شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىلىدۇ، ئالاھىدە ئىجادكارلىق ئىقتىدارى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.
تۆتىنچى، ئوقۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي ماھارىتى
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ دەرسخانىدىكى ئىپادىسى ئوقۇتۇش ئاساسىي ماھارىتىدىن ئىبارەت. ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بىرقەدەر كۈچلۈك ئاساسىي ئوقۇتۇش قابىلىيىتى بولمىسا، ئوقۇتۇش نىشانى ھەرقانچە مۇۋاپىق بېكىتىلگەن، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ھەرقانچە ئىلمىي، ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى ھەرقانچە ئىلغار بولغان تەقدىردىمۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرقەدەر كۈچلۈك ئوقۇتۇش قابىلىيىتى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىك. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:
1. دەرسخانىنى يېتەكلەش قابىلىيىتى
دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى بىرقەدەر ياخشى تەشكىللەش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ئۈچۈن، دەرسخانىدىكى ئوخشاشمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ رىتىمىنى تەڭشەش، ئوقۇتۇش سىغىمچانلىقىنى مۇۋاپىق قىلىش، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، دەرسخانىدىكى ماسلىشىشچانلىق قابىلىيىتى كۈچلۈك بولۇش كېرەك.
2. ئەمەلىي مەشغۇلات قابىلىيىتى
ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش تېخنىكا ۋاسىتىلىرى، كۆرسەتمىلىك تەجرىبە ھەمدە ئوقۇتۇش سايمانلىرىنىڭ پەيتىدە، مۇۋاپىق بولۇشى، مەشغۇلات قېلىپلاشقان، مەلىكىلىك بولۇشى لازىم.
3. تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش قابىلىيىتى
ئوقۇتۇش تىلى قېلىپلاشقان، تاۋلانغان، ئاددىي، جانلىق بولۇش؛ دوسكا كۆرۈنۈشى مۇۋاپىق، خەتلەر قېلىپلاشقان بولۇش لازىم.
يۇقىرىدا ياخشى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى تۆت جەھەتتىن شەرھلەندى. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يىغىنچاقلىساق، ياخشى دەرسخانا ئوقۇتۇشى سۇبيېكت مائارىپ ئىدىيىسىنى يادرو قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ۋە تەرەققىيات تەلىپىدىكى ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش قارىشىغا ماسلىشىشى زۆرۈر، بۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ھازىرقى زامان ئوقۇتۇشىنىڭ دەرس قارىشى ئومۇمىي خەلق مائارىپى دەرسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىلىم، ئىقتىدار، ئەخلاق ۋە كىشىلىك قەدىر - قىممەتنى ماس ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چاقىرىق قىلىدۇ، يەنى دەرس نىشانىنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى بىىلمدىن سۇبيېكت مائارىپىغا بۇرۇلۇش ياساپ، دەرس لايىھىلەشتە قۇرۇلمىلاشتۇرۇش، دەرس شەكلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇش ۋە ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش، دەرس مەزمۇنى جەھەتتە پەن مائارىپى بىلەن گۇمانىتارلىق مائارىپىنى بىرلەشتۈرۈش تەكىتلەنمەكتە. (2) ھازىرقى زامان ئوقۇتۇشىنىڭ بىلىم قارىشى ھازىرقى زامان دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مۇقىم ۋە مۇقىمسىز، تۇرغۇن ۋە ھەرىكەتچان بىلىملەرگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارنى كۈچلۈك ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ يېتىشتۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش جەريانىدىكى تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تەكىتلىشى لازىم. (3) ھازىرقى زامان ئوقۇتۇشىدىكى ئوقۇغۇچى قارىشى. ھازىرقى زامان دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشتىكى ئورنىغا باشقىلارنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان سۇبيېكت، دەپ قارايدۇ. ھەربىر ئوقۇغۇچىنى مۇستەقىل كىشىلىك قەدىر - قىممەت ۋە خاراكتېر تەرەققىياتىغا ئىگە سۇبيېكت، دەپ قاراپ، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنى بابباراۋەر بولغان ئىپادىلەش، ئىجاد قىلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئەسلىدىكى ئاساستا جانلىق، تېتىك، تەشەببۇسكار راۋاجلاندۇرىدۇ. (4) ھازىرقى زامان ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپەت قارىشى. ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشىنى تەكىتلەپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىن بىلىم ئېلىشنىلا تەلەپ قىلىپ قالماستىن، مۇستەقىل مۇلاھىزە قىلىش قابىلىيىتى، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى، ئاخبارات، ئۇچۇرلارنى توپلاش، بىر تەرەپ قىلىش، پايدىلىنىش قابىلىيىتى، يېڭى بىلىمگە ئېرىشىش ۋە يېڭى بىلىمنى راۋاجلاندۇرۇش قابىلىيىتى ھەمدە تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تېخىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------