19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگىليىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يورك شەھرىدە قىزىل، يىشىل كىيىملەر ئاياللارنىڭ سالاھىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. يەنى ئاياللار قىزىل كىيىم كىيسە توي قىلىپ بولغانلىقىنى، يىشىل كىيىم كىيسە تىخى توي قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. ئەنگىليىنىڭ لوندۇن شەھرىدىكى مەجلىس بىناسىنىڭ ئالدىدا پەيتۇنلار ئادەم سوقۇپ ئۆتۈپ كىتىشتەك قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بەرگەنلىكتىن، 1868-يىلى 10-دىكابىر ئەڭ دەسلەپكى سىگىنال چىرىغى ئەنگىليىنىڭ لوندۇن شەھرىدىكى بىر مەجلىس بىناسسىنىڭ خەلق مەيدانىدا بارلىققا كىلىپ، كۆمۈر گازى ئارقىلىق يانىدىغان قىزىل، يىشىل قاتناش چىرىغى ئورنىتىلغان. بۇ شەھەر كوچىسىغا ئورنىتىلغان تۇنجى قاتناش چىرىغى بولۇپ قالغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، چىراغ ئورنىتىلىپ 23 كۈن بولغاندا تۇيۇقسىز پارتىلاپ كىتىپ، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر قاتناش ساقچىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەردىكى قاتناش چىرىغى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1914-يىلىغا كەلگەندىلا ئامرىكا قىزىل، يىشىل چىراغنى يولغا قويغان. تۇنجى قىتىم ئورنىتىلغان قىزىل، ىشىل، سىرىق رەڭلىك بەلگە چىرىغى 1918-يىلى بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى سىرىق رەڭلىك بەلگە چىرىغىنى كەشىپ قىلغۇچى دۆلىتىمىزدىكى خۇ رۇدېڭ ئىسىملىك كىشى بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ ئادەم كۆپ كوچا دوقمۇشىدا يىشىل چىراغنىڭ يىنىشىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. يىشىل چىراغ ئەمدىلا يىنىشىغا بىر ئاپتومبىل ئۇنىڭ يىنىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كىتىپتۇ. ئۇ قورققىنىدىن بەدىنى سوغۇق تەرگە چۆمۈپتۇ. ئۇ ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، يۈز بەرگەن ئىشنى ئويلاپ ئاخىرى قىزىل، يىشىل ئىككى چىراغنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىرىق رەڭلىك سىگىنال چىرىغىنى قوشسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىل، يىشىل، سىرىق رەڭلىك سىگىنال چىرىغى دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىشكە باشلاپتۇ.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|