مەكىت ناھىيەسىدە 378 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 54 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتىنۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > مەخسۇس سەھىپە > يەر تەۋرىدى > خوتەندە يەر تەۋرىدى >

مەكىت ناھىيەسىدە 378 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 54 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى

ۋاقتى:2014-07-13 18:42 | مەنبە:تەڭرىتاغ تورى | ئاپتورى:بەشتاش | كۆرۈلىشى:قېتىم

 
مەكىت ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 378 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 54 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى
مەكىت ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 378 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 54 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 9-ئىيۇل سائەت 20:00 گىچە بولغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 5.1 بال يەر تەۋرەشتە 378 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ، 85 ئادەم بىخەتەر جايلارغا جىددىي يۆتكەلگەن ، 54 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 153 ئېغىز ئۆي بۇزۇلغان .

    قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، تەۋرەش مەركىزى مەكىت ناھىيە بازىرىدىن 71 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرىدىن 197 كىلومېتىر ، مارالبېشى ناھىيەسىدىن 57 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ ، مەكىت ناھىيەسىنىڭ بازار جەمى يېزىسى ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى ، سېرىقبۇيا بازىرى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولغان .

    نۆۋەتتە ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئاپەت يۈز بەرگەن نەق مەيدانلارغا بېرىپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان بولۇپ ، ئاپەتكە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئەھۋاللار يەنىمۇ ئېنىقلىنىۋېتىپتۇ.

 
    بارلىق ھوقوق بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا مەنسۇپ
    版权所有五石『五石网BaxTax』 儿童教育网
    Copyright by © 2008-2013 BaxTax.Cn , Powered by 2008-2013 BaxTax.Cn