كېرىيە توغرىسىدىكى ئومومىي خەۋەرلەرنۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > مەخسۇس سەھىپە > يەر تەۋرىدى > خوتەندە يەر تەۋرىدى >

كېرىيە توغرىسىدىكى ئومومىي خەۋەرلەر

ۋاقتى:2014-02-15 19:45 | مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى | ئاپتورى:admin | كۆرۈلىشى:قېتىم

 

كېرىيە توغرىسىدىكى ئومومىي خەۋەرلەر


تورنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك خەۋەرلەرنى مۇنبەرگە يوللاپ تۇرالمىدىم، كەچۈرۈڭلار   

كېرىيەگە كەلدۇق،ئاپەت بولغان جايغا داۋاملىق كېتىۋاتىمىز، قېرىنداشلار يېقىندىن بۇيان ئۈندىدارنى ئۇرۇش مەيدانى قىلۋىلىپ،بىردەم تۈرك ناخشىچىنى ۋە ناخشىچى ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزگەنلەرنى تىللاپ ئۈلگۈردى، تۈنۈگۈندىن باشلاپ تۆھمەتلەر بىلەن مىسرانىم باشچىلىق توربېكەتلەر دەپ دەرھال تورلارنى ،شىنجاڭ تېلۋىزىيسىنى تىللاشقا ئۈلگۈردى،ئەپسۇس ھەممىمىز نىشانىمىزنى ئاپەت رايونىغا قاراتتۇق،نەق مەيدانغا ئاتلاندۇق،ئۇيغۇر كارخانىچىنى تىللاپتۇق،ئەتتىگەندىلا توپلىشىپ كارخانىچىلارمۇ ئاتلاندى،ئۇمۇتوختىدى،كەلمىگەن بىرقىسىم كىشىلەرنى تىللاپ سېسىتقىلى تۇرۇپتۇق، بالىلارنىڭ ئالاقىلاشقان ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئەتە ئەتىگەن ئۇلارمۇ نەق مەيدانغا باردىغىننى ئېيتتى،ئەمدى يەنە بىرقىسىم كىشىلەر ۋە شۇنىڭدەك شىركەتلەرنى كۈچەپ تىللاۋاتىمىز،ئەپسۇس ئۇلارمۇ لايىقىدا ياردەملەرنى قىلىۋاتىدۇ،ئەمدى شۇ يەرگە ماڭغانلارنى كۈچەپ تىللاشقا چۈشۈپ كېتىپتىمىز،قېرىنداشلاردىكى زىيادە ھاياجانلىنىش كېسىلىنىڭ تېزراق ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئاللاھ خالىسا بىر ئىككى كۈن نەق مەيداندىن ئامالنىڭ بېرىشىچە خەۋەرلەرنى تەپسىلىي بېرىشكە تېرىشىمىز، قېرىنداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم ئۇيغۇر ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرەكلىرى ئىناقلىق،مېھىر گۈللىرى بىلەن پۈركەنسۇن!غەيۋەت شىكايەتتىن،ئاغرىنىشتىن سىز بولسىڭىزمۇ يىراق تۇرسىڭىز، رەھمەت!…

كېرىيەنىڭ كوناشەھەر رايونىدىكى ئۆيلىرىگە دەزكەتكەن بىرقىسىم ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلدۇق،ئابىدە ،مىراس شىركەتلىرىمىز كىيىم كېچەك ۋە يىمەك ئىچمەكلەرنى نەق مەيداندا ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا بەردى،شۇنداقلا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئوتلۇق سالاملىرىنى يەتكۈزدى،تورلىرىمىز بىرقانچە كىشىنى نەق مەيدان زىيارەت قىلدى،ئاللاھ خالىسا تەپسىلاتىنى پات ئارىدا تورلىرىمىزدا ئېلان قىلىمىز، نۆۋەتتە قېرىنداشلارنىڭ كەيپىياتى،روھى ھالىتى ئىنتايىن ياخشى، ئىككىنجى  بېكەت  ئاچچان يېزىسى.


كېرىيە توغرىسىدىكى ئۇيغۇر تورچىلاردىن كەلگەن يەنە بىر خەۋەر؛ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار،بۈگۈن ئەتتىگەن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ سائەت 9 لەر ئەتراپىدا خوتەنگە چۈشتۇق، كارخانىچىلاردىن  ئابىدە ،مىراس قاتارلىق شىركەتلەر تەييارلىغان تەمىناتلار ۋە ئاپەتكە ياردەم بېرىشكە تەشكىللەنگەن توپ بىلەن مىسرانىم،ئانا تۇپراق،كارۋان، چىمبۇلاق تورلىرىنىڭ  مىكروفونلىرىنى ئېلىپ يەر تەۋرىگەن رايونلارغا يۈرۈپ كەتتۇق،ئەلۋەتتە بۇ يەر كېرىيەدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەرلەر ئىكەن،بىز شىركەتلەر بىلەن ئوزۇق-تۆلۈكلەرنى ،كىيىم كېچەكلەرنى  يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ئاممىغا يەتكۈزدۇق،يەر تەۋرەشنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىكى 7.3 بال ھەقىقەتەن يۇقىرى سان،ئەمما ئاللاھ يۇرتلىرىمىزنى ساقلاپتۇ،مۆجىزىلەر يۈز بېرىپتۇ،بىز بىلگەن ،ھەم بارغان ئاتىچان يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن بىلشىمىزچە بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە بىرمۇ ئادەم يارلانمىغان،بىر قانچە ئۆيلەر دەز كەتكەن،ئەلۋەتتە بۇنداق بولىشدا يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئادەم زىچ بولماسلىق  سەۋەبى،  يەنە 150مىڭ مو يەردىكى يايلاق تاغنىڭ گۆمۈرلۈپ چۈشىشى سەۋەبلىك بۇزۇلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،319 ئۇلاغ ئۆلگەن،ئۈندىداردا نەچچە كۈندىن بۇيانقى يەر تەۋرەشنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈۋاتىسىلەر، خوش، كۆرۋاتقىنىڭلار ئالاھىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان يەرلەرنىڭ رەسىملىرى،يىغپ كەلسەك كۆپ بولسا 10 پارچىغغا يېقىنلا تەكرار رەسىملەر،شۇنىڭدىن بىلىۋىلىشقىمۇ بولىدۇ،مەركەزدىن ،شىنجاڭ تېلۋىزىيسىگىچە ئاختۇرۇپ خەۋەر بېرىشلىرىدە يەنىلا شۇ بۇرۇنقى رەسىمدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق،ئەمما بىر قىسىم تورداشلار نەچچە يىل ئاۋالقى رەسىملەرنىمۇ مۇشۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش دەپ تارقىتىپ،كىشىلەردە خاتا ھېسيات پەيدا قىلماقتا،بۇ يەرگە كېلىپ ھېس قىلغىنىڭىز بولسا مۇشۇنداق چەت ،يىراقلاردىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى،شۇڭا بۇلاردىكى نامراتلىق بىزدىكى يەر تەۋرەشكە يىغىۋاتقان ئىئانىلەرنى توختاتقۇزمىدى،بۇ يەرگە كەلگەنلەرمۇ باشقىلارنىڭ ھېسياتىغا ياندىشىپ تۇرۇپ ئۈزۈلمەي خەۋەرلەرنى بېرىپ كەلدى،ئەمدى دەيدىغىنىم باشقا يىغىلماقچى بولغانلار بۇلارنىڭ ھەقىقىي قىيىنچىلىقىغا ئاساسەن ئىئانە توپلاڭلار،ئىئانىمۇ ئەمەس،ماددىي بويۇم،يەنى ئۇ يەر تاغقا يېقىنراق يەر بولغاچقا كەچلىرى سوغۇق،بىرقىسىم كەپە ئۆيلەردە پاناھلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز،شۇڭا ئۇلارغا ئىزچىل كۆمۈر لازىم ئىكەن،يەنە نۇرغۇن يايلاقلارنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن نۇرغۇن ئۇلاغلارغا يەم -خەشەك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت،قولىدىن كېلدىغانلارنىڭ مۇشۇ نەرسىلەرنى ياردەم قىلىشىنى،شۇنداقلا يەر تەۋرەشنى دىمىسەكمۇ ھەر جايلاردىكى ،چەت يېزا قىشلاقلاردىكى قان قېرىنداشلىرىمىزنى يوقلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىساق، يەر تەۋرەشنى ھەم يوقلاشنى ئويلىشىپ مەخسۇس ئاتلىنىشقا تەييارلانغانلارغا بىرەرسى باش بولۇپلا كېلىپ كەتتىنىڭ پۇللىرىىنى شۇلار ئېھتىياجلىق نەرسىلەرگە سەرىپ قىلسا، بۇنداق دىيشىمدە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ دائىرسى چوڭ،نوپۇس زىيادە شالاڭ،شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بۇ تەراپكە كەلسەڭلارمۇ نەگە بېرىشنى،كىمنى ئىزدەشنى بىلەلمەي قالىسىلەر،قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى ھەركەتكە كېلىشلىرى بىزنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى،بىر تەرەپ ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا باشقا تەرەپنىڭمۇ تەڭ ھە ھۇ دېيەلەيدىغان ئېسىل ئۇيۇشچان روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلدى،ھەم داۋاملىق مۇشۇنداق بولغۇسى، شۇڭا بېرىش بارماسلىق توغرىسىدا ئىككىلنىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ يەنىمۇ ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،ھازىرقى كارخانىچىلارنىڭ تەمىنلىگەن،ھۆكۈمەتنىڭ سەپلىگەن نەرسىلىرىگە قارىغاندا يىمەك ئىچمەك تەمىناتلىرى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن……ئاللاھ ھەممىڭلارنى سالامەت قىلسۇن……     ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم خەۋىرى

ئاپەت رايونى ئەمەس،ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەن مىسرانىم تورىغا شۇنداقلا باشقا ئانا تۇپراق،چىمبۇلاق،كارۋان قاتارلىق تورلارغا  ۋاكالىتە بۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تورداش ،قېرىنداشلارغا يەتكۈزىۋاتىمەن،بېشىدا دېگىنىمدەك ئاپەت رايونى دەپ تىلغا ئېلنىپ يېزىلۋاتقان ماقالىلەردىكى بۇ سۆز بىزنى چۆچىتمەي قالمايدۇ،ئاپەت رايونى مەڭگۈ بارساق بولمايدىغان ،دائىم نەس باسىدىغان يەر،توغرا ئاتىلىشى ئاپەتكە ئۇچىرغان  رايون،قېرىنداشلارنىڭ ماقالە يازغاندا دىققەت قىلىشنى سورايمەن،ئەتتىگەندە كېرىيە ناھيە ھاكىمى بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا تۈنۈگۈندىن بۈگۈن ئەتىگەنگىچىمۇ نۇرغۇن قېرىنداشلار بۇ رايوندىكى قېرىنداشلار ئېھتىياجلىق كۆمۈر،يەم خەشەكلەرنى يەتكۈزگەن،شۇنداقلا ھازىرى ناھىيە ھۆكۈمەتتىكى زاپاس تەمىناتلارمۇ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن، مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركۈملەپ بۇ  رايونغا كېلىشنى تەۋسىيە قىلمىدىم،چۈنكى ئەھۋال بىز يىراقتا تۇرۇپ باشقىلاردىن بىلگىنىمىزدەك ئۇنچە ئېغىر ئەمەسكەن،ئەپسۇس ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ يۈرەك ئېچىشتى،ئەسلىدىنلا نامرات بولغان بۇ رايوندىكى كىشىلەر مۇشۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش بىلەن بىزلەرنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى،شىنجاڭدا بۇنىڭدەك نامرات رايونلاردىن قانچىلىك بار بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ،خوش ،گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك،تۈنۈگۈندىن بېرى كېلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ نەق قولىغا تېگىش مەسىلسى ئويلاندۇردى،كۆپلىگەن ساخاۋەتچىلەر،ۋەساخاۋەت ئەترەتلىرى نۇرغۇن يىغىشلارنى قىلۋاتىدۇ،ئەپسۇس ئىئانە قىلدىغىنى بولسا تارقاقلاشقان ئاھالىلەر، بۇ خىل ئەھۋالدابىۋاستە ئۇلارغا تەييارلىغان نەرسىلەرنى يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس،قانداق قىلىش كېرەك؟  ئەلۋەتتە بىردىنبىر ئۇسۇل ناھىيلىق ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ قايتىش،يېقىندىن كېلىۋاتقان سالاملار ۋە بويۇملار ئۇ يەرلەرگىمۇ بىرە قۇر توشتى،ئەپسۇسلىندىغان يەنە بىر ئىش،ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدن خوتەن خەلقىنىڭ ئومومىي پىسخىك خاراكتىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا باشقىلارنىڭ ئالدىغا تېلىنىپ بېرىشنى  خالىمايدىغان خاراكتىرى  بىز ئاپارغان نەرسىلەرنى دېھقانلار ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ئېلۋىلىشى سەل تەسكە توختايدىغاندەك تۇرىدۇ، بىز ھەممىمىزنىڭ تېلۋىزورلاردىن كۆرگىنىمىزدە باشقا يەرلەردە يەر تەۋرىگىندە نەچچە مىڭ كىشىلىك ئادەملەر توپىنىڭ توپلىشىپ تاماقلارنى سىرتلاردا يەپ مەلۇم بىر رايوندا نۇرغۇن چېدىرلارنى  تىكىپ ئولتۇرغان كۆرنىشى ئىدى،ئەپسۇس بۇ يەرنىڭ ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرىگەن نۇقتىلاردىمۇ نەچچە ئونتال چېدىرنى ئۇچراتمىقىمىز تەس،قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرى چوڭ قازان پولو ئېتىپ قالسا ئادەملەرنى يىغىپ بولالماي تاماقنىڭ ئېشىپ قېلىشى ئېنىقلا،ھەممىمىز بىلىمىز،تەمىنات ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتسە كىشىنى ھورۇن قىلىپ قويىدۇ،ئەمما بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرۋاقىت يوقلاپ تۇرىشىمىز كېرەككەن،بۇلارغا ھازىر ئەمدى ئېھتىياجلىق بولۋاتقىنى ئىقتىسادىي ياردەم، يەنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون ۋە باشقا ئاپەتكە ئۇچرىمىغان چەت،يېزا -قىشلاقلاردىكى قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇش ،ئىشلەپچىقىرىش،دېھقانچىلىقىنى نورمال ئېلىپ ماڭىدىغان ئىقتىسادىي كاپالەت ئىكەن،قېرىنداشلارنىڭ يەنىمۇ كۆپ ماددىي بويۇملارنى بولسا ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بولغان نامرات رايونلارغا بېرىشىنى ھەم سورايمىز،ئەلۋەتتە  قېرىنداشلارنىڭ مېھىرلىك قوللىرى ھەر ۋاقىت يەر جايدىكى قېرىنداشلارغا يەتسە ھەم خوشالمىز،ئەمدى يەنە بىر ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم ئاپەت رايونىدىكى تەمىنات ئويلىغاندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئاپەتكەئۇچرىغان رايونىغا ياردەم قىلماقچى بولغانلار رەسىمدىكى جەدۋەلنى توشقۇزۇشىڭلار كېرەك ئىكەن،ئىئانە قىلماقچى بولغان شەخىسلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئېلىشى تەس ئوخشايدۇ ،بايا بىز خوتەندىكى راۋان شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ 30 توننا كۆمۈرىنى بىر قاتار قانۇنىي رەسمىيەتلەر بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئاتلانغانلىق خەۋرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق،ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن يەرلەر ئىئانىلەرنى توپلىدى،بولسا ئىقتىسادىي ياردەمنى يولنى ئۇزۇن كۆرمەي،ئۆيمۇ ئۆي تارقىتىپ ماڭساڭلار،بىرقانچىڭلار مەسئۇل بولۇپ،ئەمما ماددىي بويۇمنى مەلۇم تەشكىلات ياكى مەلۇم شىركەتلەر نامىدا بەرمىسەڭلار قوبۇل قىلىش ۋە يەتكۈزۈشتە بىر قاتار قىيىنچىلىققا ئۇچرايسىلەر،شۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاللاھ يۇرتلىرىمىزنى ئامان ئىسەن قىپتۇ،شۇ پۇرسەت بىلەن قېرىنداشلىرىمىزغا مېھرىمىزنى يەتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ،ئەمما ئەھۋال راسلا توردا تارقىلىۋاتقاندەك ئېغىر بولىدىغان بولسا ئىئانىنى تىزىملاشقا،بىر قاتار رەسمىيەتلەرنى ئۆتۈشكە ۋاقىت يار بەرمەيدۇ،شۇنداقلا ھەممىمىز قاراپ تۇرماي خەلق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا يۈرۈپ كېتەتتۇق،مەن خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئاخپاراتچى بولغانلىقىم سەۋەبلىك بىرقىسىم ئىشلارنى كۆرگىنىم ۋە ھېس قىلغىنىم بويىچە رەڭ بەرمەي ،پەردازلىمايلا ئاشكارلاپ،خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتىمەن،ساخاۋەتلىك قەلىبلەرگە مەڭگۈ بەختلەر يار بولسۇن،بۇ يەرگە كېلەلمىگەنلەرمۇ ئىچىڭلارنى پۇشۇرماي مېھىرلىك قوللىرىڭلارنى يەنىمۇ قىيىنچىلىقى بار قېرىنداشلىرىمىزغا سۇنىۋەرسەڭلار،ھەرگىزمۇ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسەت رەسىم چۈشۈش بولۇپ قالمىسا،تۈركۈملەپ يىغىۋاتقان ئىئانىلىرىمىز پەقەت يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ساپمۇساق خەلىقلىرىمىز ئۈچۈنلا بولماي،كېسەل كارۋىتىدا تىپچەكلەۋاتقان،مائارىپتا تەربىيلىنەلمەيۋاتقان يەنەشۇنىڭدەك نامرات قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ،قالغىننى تەپەككۇرى ئويغاق قېرىنداشلىرىمىز تولۇق ھېس قىلالايدۇ،    ئاللاھ ھەممىڭلارنى سالامەت قىلسۇن!   ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم         2.15-كۈنى

كېرىيەدىن قايتتۇق،ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم  نەق مەيدان خەۋىرى ،ئاللاھقا شۈكرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ساق سالامەت ۋە روھىي ھالىتى نورمال،بۈگۈنمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر شىركەتلىرى  ھال سوراپ باردى،بۈگۈنكى كۆپ قىسىم شىركەت ۋە شەخىسلەر ئاساسەن ئاپەتكە ئۇچرىغان يەرلەردىن باشقا ئېغىرقىيىنچىلىقى بار ،مىيىپ ۋە قارىغۇچىلىرى يوق كىشىلەرنى نەق پۇل بىلەن يوقلىدى، دىسەم يەنە شۇ گەپ،ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى كىشىلەرگە تەمىنات ئېھتىياجدىن خېلىلا كۆپ ئېشىپ كەتتى،يەنە يىغىش قىلىپ بۇ يەرگە ئاتلانغانلار بولسا باشقا ئېھتىياجلىقلارغا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنساڭلار،ئۈندىدارلاردا قارىغۇلارچە ھېلى بارغانلارنى، ھېلى بارمىغانلارنى ، ھېلى رەسىم چۈشكەننى، ھېلى ئىئانە قىلغاننى ياكى قىلمىغاننى تىللاپ ھېسياتقا تاينىپ نەرسە يوللاۋاتقانلار توختىساڭلار، چۈنكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغانلارنىڭ ئۇ ئىش ئۈستىدە ھاياجان بىلەن ،ھېسياتىغا تاينىپلا پىكىر قىلىش ھوقوقى يوق!ئەگەر يولغا چىقىپ بولغان ياكى تەييارلىق قىلىپ بولغان شەخىس ۋە شىركەتلەر كېرىيەنىڭ ئوي توغراق، توغرا غاز، كونا شەھەر،كۈنەس كەنتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان خۇداغا شۈكرى قىلىپ ياشاۋاتقان خەلىقلىرىمىزنى بىۋاستە يوقلاپ قويساڭلار،ھەم پات پات مۇشۇنداق يوقلاپ تۇرساق،مېھىرلىرىمىز بىلەن قەلىبلەر ئىللىسا، بولسا ئەمدى ئىئانە توپلاش ،شۇنىڭدەك بىرقىسم ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا نەرسە توپلاشلارنى تېخىمۇ ئېھتىياجلىقلارغا سۇنۇپ تۇرساق،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!    كېرىيەدىكى ئاخىرقى قېتىملىق خەۋرىمىز مۇشۇ بولۇپ قېىلىشى مۇمكىن، بۇ قېتىمقى ئىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئىزچىل ياردەملەرنى قىلغان بارلىق شەخىس ۋە كارخانىلار يىراقتىن دىققەت قىلىپ تۇرغان ھەممە قېرىنداشلارغا بارلىق ئۇيغۇرچە تورلارغا ۋاكالىتەن كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز!2014-يىلى 15-فېۋرال
    بارلىق ھوقوق بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا مەنسۇپ
    版权所有五石『五石网BaxTax』 儿童教育网
    Copyright by © 2008-2013 BaxTax.Cn , Powered by 2008-2013 BaxTax.Cn