جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە ، 12-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 3:19 دە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى ئەتراپى (شىمالىي كەڭلىك 36.1 گىرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.5 گىرادۇس ) دا 7.3 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 12 كىلومېتىر كېلىدىكەن .
2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13:34 مىنۇت ئۆتكەندە، كېرىيە ناھىيىسىدە يەنە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلىقى 8 كىلومېتىر.
2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:08 ئۆتكەندە، كېرىيە ناھىيىسىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى 9 كىلومېتىر.