كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە نىسبەتەن داشقازان پاراڭلىرى قايناپ كەتتىنۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > مەخسۇس سەھىپە > يەر تەۋرىدى > خوتەندە يەر تەۋرىدى >

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە نىسبەتەن داشقازان پاراڭلىرى قايناپ كەتتى

ۋاقتى:2014-02-15 20:12 | مەنبە:نۇر تورى | ئاپتورى:admin | كۆرۈلىشى:قېتىم

 
كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە نىسبەتەن داشقازان پاراڭلىرى قايناپ كەتتى

2014-يىلى 12-فېۋرال ھەممىمىزگە نىسبەتەن ئادەتتىكى بىر كۈن ئىدى. ئىشلار جايىدا ھەممە ئۆزىنىڭ ئىشلىرى، خىزمىتى ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن ئالدىراش ئىدى. بىراق چۈشتىن كېيىن بولغاندا تۇيۇقسىز چاقماق تېزلىكىدە شۇنداق بىر خەۋەر تارقالدى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرەپتۇ، سىلەر سەزدىڭلارمۇ؟ خوتەن كېرىيەدىكى دوستلار سىلەر ئامانمۇ؟ خوتەندىكى ئۇرۇق-تۇققانلار سىلەر سالامەتمۇ؟ قالغانلارچۇ؟ ...دېگەندەك ئەنسىز بىر ھال سوراشلار ھازىرقى زامانىۋى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن كىچىك مۇنازىرە سۇپىمىز بولغان ئۈندىداردا قايناپ كەتتى. ئەلۋەتتە ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ سۆز چەكلىمىلىكى ئاجىز بىر سورۇندا مۇنداق بىر شۇم خەۋەرنىڭ تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىققىنى ئۈچۈن تازا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايتتى. چۈنكى ھەمىمىزگە مەلۇملۇق، ئالدىنقى يىلى قايسى بىر يىگىت تولىمۇ يەڭگىللىك قىلىپ، زامانىمىزنىڭ نەسىردىن ئەپەندىسى بولغان ھىسام قۇربان ئاكىمىزنى ۋاپات بولدى، دەپ ئۈندىدار دېگەندەك ئاممىۋى مۇنازىرە سۇپىسىدا ساختا خەۋەر تارقاتقاچقا، نەتىجىدە بۇ يىگىت ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ جەمىئىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، دەپ قارىلىپ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. شۇ ساۋاقلار يادىمىزدا بولغاچقا، بۇ خەۋەرنىڭ يالغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئېرەنشىمىدۇق.



سوغۇققانلىق ۋە تىڭېرقاش كەيپىياتىدا تۇرىۋاتقىنىمىزدا، دۆلىتمىزدىكى ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات تور بەتلىرىدىن خوتەن كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرەپ، نۆۋەتتە ئۆلۈم-يىتىم خەۋىرىنىڭ يوق ئىكەنلىك خەۋىرى ئارقىمۇ-ئارقا كىلىشكە باشلىدى. دەل شۇ پەيتتىلا بىز ئاندىن بۇ شۇم خەۋەرنىڭ راستلىقىغا ئىشەندۇق. شۇ مىنۇتلاردا ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتى چۈشكۈن ئىدى. قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق بىر بالايى-قازانىڭ يەتكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىمىزدىن، ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇ بىچارىلەرنىڭ ھالىنى كۆرەلمىگەنلىكىمىزدىن، ئومومەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىللىق ھەم مېھىرلىك قۇۋەتكە تولغان بىر تەسەللىلىك قۇچاقلاشقا، ئەنسىزلىكتىن تۆككەن ياشلىرىنى سۈرتۈش ئۈچۈن كۈچلۈك بىر قوللارغا تەشنا ۋاقتىدا يىنىدا بولالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن تىت-تىتلىق ئىلكىدە ھەر بىرىمىزنىڭ كۆڭلى يىرىم بولۇپ، ئۈنىمىز ئىچىمىزگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.


ئەمما ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا شۇنداق بىر كۈچنى ھېس قىلدۇق! ئۇيغۇر دېگەن ئۇيۇشقاق مىللەت دېگەن ئىسىم يەشمىمىزنىڭ مەنىسىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇق! ئەسلىدە بىز يالغۇز ئەمەس ئىكەنمىز! بىز ئۆزىمىزنى بوش چاغلاپ قاپتۇق، جىمجىت بولۇنغان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرمىغىنىمىز ئۈچۈن، روھىمىز چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن...شۇ يەر تەۋرىگەن پەيتنىڭ ئۆزىدىن سائەت ئۆتمەي تۇرۇپلا تەرەپ-تەرەپتىن كېچىنى كېچە دىمەي، زېمىستاندا سوغۇق دىمەي، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ياردەمگە جىمجىت ئاتلانغان كىشىلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى كېيىن بىلدۇق ۋە ئاڭلاپ تۇردۇق؛ بۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى داستىخانغا چىققاندىن كېيىن، شۇلارغا ئۇلاپلا بەس-بەستە قىلىنغان ياردەملەر، سۇنۇلغان ساخاۋەتلىك قوللار، جىمجىت ھالەتتىكى تىلەكلەر كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدەك پەيدا بولۇشقا باشلىدى. «خوتەنلىك ئۇيغۇرۇم، سىلەرگە بىز بار!» غا ئوخشاش مېھىرلىك يۈرەك سادالىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ياڭرىشى پەرىشان قەلبىمىزگە راھەتلىك بەردى.

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە نىسبەتەن داشقازان پاراڭلىرى قايناپ كەتتى

زامانىمىزدىكى ئاخباراتچىلىقتىنمۇ ئەڭ تېز ئورۇنغا چىققان ئۈندىدار ئارقىلىق، شۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىنغان روھى ۋە ماددى جەھەتتىكى ياردەملىرىگە ھەممىمىز شاھىت بولدۇق؛ كۈچى بارلار كۈچ، پۇلى بارلار پۇل، مىلى بارلار مال چىقاردى. ئومومەن ھېچ بىر ئۇيغۇر بۇ ئىشقا پەرۋاسىز قارىمىدى. شۇلاردىن سۆيۈندۇق، شەخسىيەتسىز مېھىر-مۇھەببىتىدىن مىننەتتار بولدۇق، ئۇيغۇرۇم دەپ پەخىرلەندۇق؛ ھېچ بىر كۈچ چىقىرالمىساقمۇ، دىلىمىزدا شۇ كۈچ چىقارغانلار ئۈچۈن مەدەتلەرنى تىلىپ تۇردۇق.


كېيىن مەلۇماتلار تېخىمۇ ئېنىق بولدى، بىزنىڭ جۇڭگو ئاخبارات تورىدىن ئىگەللىگەن تولۇق مەلۇماتتا دىيىلىشىچە، 7.3 بال يەر تەۋرىگەن خوتەن كېرىيە ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، كوئىنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىغا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدىغان يىرىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدە كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاتچان يېزىسى پىشكەر كەنتىدىكى رايون بىر قەدەر ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپتۇ. ئاتچان يېزىسىنىڭ بۇ رايونى تاغلىق بولۇپ، نوپۇس بىر قەدەر شالاڭ، ئاھالىلەر تارقاق ئورۇنلاشقان ئىكەن.

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە نىسبەتەن داشقازان پاراڭلىرى قايناپ كەتتى


رەسىمدىكى قىزىل رەڭلىك A ھەرىپى تۇرغان جاي كېرىيە ناھىيەسى ئاتچان يېزىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىن تىپىلغان ئورنى

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە نىسبەتەن داشقازان پاراڭلىرى قايناپ كەتتى

خەرىتىنى تېخىمۇ يېقىنراق قىلىپ كۆرسەك، ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئىيىتقىنى بويىچە، بۇ جاينىڭ دەل تاغلىق رايون ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ شۇ كۈنى خەۋەر بىرىشىچە، شىنخۇا تورىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇخبىرلار پونكىتىدىن تېلگېرامما بىرىپ، كېرىيە ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، كېرىيە ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىم، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، سەھىيە، ج خ، ئوت ئۆچۈرۈش، ئېلېكتر كۈچى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلاردىن كەلگەن خادىملار تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئاتچان يېزىسىدىكى ئاپەت رايونىغا قاراپ ئاتلىنىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكچى بولغانلىقىنى، ھازىر، ئاختۇرۇش گۇرۇپپىسى لاۋازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ ئاپەت رايونىغا بېرىپ بولغانلىقىنى، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى، زىيانغا ئۇچراش ئەھۋاللىرىنىڭ جىددىي سىتاتىستېكا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىيتىپ ئارامسىز دىللىرىمىزغا بىر ئاز بولسىمۇ ئەمىن بەردى.

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە نىسبەتەن داشقازان پاراڭلىرى قايناپ كەتتى

كېيىنكى مەلۇماتلاردىن بىلىشىمىزچە، ئاتچان يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇ قېتىمىلىق يەر تەۋرەشتە بەختكە يارىشا بىرمۇ ئادەمنىڭ يارىلانمىغانلىقى، ئەمما ئۆيلەرگە دەز كەتكەنلىكىنى ئىيىتقان. ئەلۋەتتە 7.3 بال يەر تەۋرەشتە بىرمۇ ئادەمنىڭ يارىلانمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بىز يۇقىردا خەرىتىدىن كۆرگىنىمىزدەك يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئادەم زىچ ئورۇن ئەمەسلىكىدىندۇر. پەقەت تاغ گۆمۈرلۈپ چۈشۈش سەۋەبلىك يايلاقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 300 نەچچە تۇياق چارۋا قوتان ئۆرۈلۈپ كېتىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ قالغان.

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە نىسبەتەن داشقازان پاراڭلىرى قايناپ كەتتى

شىنخۇا تورىنىڭ نەق مەيدان خەۋىرى

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە نىسبەتەن داشقازان پاراڭلىرى قايناپ كەتتى


خوش، خوتەندە بۇ قېتىم يەر تەۋرەش بولۇپ، يەرلا تەۋرىمىدى، بەلكى ئۇيغۇر جەمىئىيتى تەۋرىدى. ساخاۋەت، مېھىر-مۇھەببەت، ياخشى تىلەك، ياردەمگە چاقىرىق، ھەتتا بۇ ۋەقەگە سەل قارىغانلارنى تارتىپ ئىلىپ چىقىپ، ئاشكارا سورۇندا پاش قىلىش، كىمگە نېمىلەرنى بىرىش، كىملەرنىڭ قانچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ئەڭ دەسلەپ يىتىپ بىرىپ بولۇش، نەق مەيداندىن كىمنىڭ ئەڭ ئاۋال خەۋەر بىرىشىگىچە بولغان نۇرغۇن «تەۋرەشلەر» نىڭ ئەڭ يېڭى ھەم داشقازان پاكىتلىرى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئۈندىداردا قايناپ، ئەۋجىگە چىقتى، غۇلىغۇلە پەيدا قىلىپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئەزاسىغىچە يىتىپ باردى.


ئىشلارنىڭ يالغىنى يوق، ھەممىسى بولۇنغان ئىشلار، بىراق بۇ ئىشلارغا خۇددى سامان بىلەن لاي ئارىلاشسا ئاندىن تام قوپۇرلۇپ چىققىنىغا ئوخشاش، بەزىبىر سەلبى بولغان، ساختا بولغان خەۋەرلەر، رەسىملەر، گەپ-سۆزلەرمۇ قوشۇلماي قالمىدى. كىم-كىملەرنىدۇر شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلغىنىنى ئۆزى كۆرمىگىنى ياكى ئاڭلىمىغىنى ئۈچۈن، شۇلارنىڭ ياقىسىدىن سۆرىيەلمىسىمۇ، تىلىدا بولسىمۇ سۆرەپ ئىلىپ چىقىپ، قاتتىق تەنقىدلىگەنمۇ بولدى. ئىتىقادىمىزدىكى «ئوڭ قول بەرگەننى سول قول بىلمىسۇن» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە، سەن كۆرمىگىنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنى ياردەم قىلماي بىزدىن تانغانلار، دىسەڭ توغرا بولماس...دەپ بولۇنغان تەبقىدلەرگە توغرا يۆلىنىشتە قاراپ رەددىيە بەرگۈچىلەرنى ھەر خىل قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشلارمۇ بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە پاكىتلىرى بىلەن بىرمۇ-بىر دەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئىنساننىڭ قولىمۇ ئالقان ۋە دۈمبىگە ئايرىلغاندەك، ھەر ئىش ئىككى ياقىلىمىلىق بولاتتى، بۇنداق پىكىرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى نورمال ئىش، پەقەت ئەقىللىق تەپەككۇرغا ئىگە كىشىلەرلا بۇ نۇقتىنى چۈشىندۇ خالاس.


لېكىن ھەممىنىڭ بىر چىكى بار، شۇ چەكتىن ئىشىپ كەتسىمۇ، يەتمەي قالسىمۇ بولمايدىغان؛ خوتەندىكى بۇ قېتىملىق ۋەقەگە نىسبەتەن 2008-يىلى يەر تەۋرىگەن چاغدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەرنىڭمۇ قوشۇلۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۈلگۈرىشى ئادەمنىڭ سەل غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئىش؛ شەخسى ھېسىياتقا ئارىلاشقان غۇۋا كۆرۈنگەن پاكىتقا ئاساسەن تامغىلىق يەكۈنلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ زادى سەۋەبى نېمىدۇر؟

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە نىسبەتەن داشقازان پاراڭلىرى قايناپ كەتتى

بۇ رەسىم 2008-يىلى كېرىيەدە يەر تەۋرىگەندە تارتىلغان سۈرەت، بۇ تور بىكەت ئادرىسى ئارقىلىق تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ. http://news.qq.com/a/20080327/002721.htm



ساخاۋەتلىك قوللارنىڭ جىقلىقىدىن، بۇيۇملارنىڭ كۆپلىكىدىن، ياردەمگە ئاتلانغان قوشۇننىڭ زورلىقىدىن چەكتىن ئىشىپ، گويا ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن بىرىلىۋاتقان مەخسۇس خەۋەردەك؛ مەن قىلغاننى ساڭا كۆرسىتىپ قويمىسام، مېنى بىزدىن تاندىڭ دېدىڭ، دېگەنگە ئوخشاش بىر خىل ئىنكار قىلىش، سوغوق سۇ سېپىش، قاقشاش قاتارلىق ناچار كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىپ قىلىشىمۇ نورمال ئەھۋال. قانۇن سىزىقىغا تىگىپ كەتمىگەن ھەر قانداق بىر گەپنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئېنىق بىر ئىش؛

ئامال يوق؛ بىز ئۇيغۇر ئاشۇنداق مېھرىبان خەلق، بۇنداق ساخاۋەتلىك خەۋەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مېھرىبان قەلىبلەرنى بىز كۆرەلەيمىز، ھېس قىلالايمىز؛ ئەمما بەكمۇ ئەپسۇسلۇق ۋە ئىنتايىن سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك بولغان تەخىرسىز بىر ئىش شۇكى، سىز بۇنداق ساخاۋەت ئىشلىرىڭىزدىن بىزنى خەۋەردار قىلمىسىڭىز، ئارىمىزدىن بىرەرسىنىڭ كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چۈشۈپ، سىزنى تەنقىد قىلىدىغانلىقى سىزنىڭمۇ مېنىڭمۇ كۆڭلۈمگە ئايان.

بۇلار زادى نېمە ئۈچۈن؟

نېمە ئۈچۈنگە جاۋاپ يوق؛ ھەر كاللىدا ھەر خىيال، ھەر نىيەتتە ھەر جاۋاپ.

خەلقىمىزدە مۇنداق بىر مىسال بولىدىغان:
بىر كىشى ئايالى ۋە ئېشىكى بىلەن يىراق سەپەرگە چىقىپتۇ. دەسلەپ بۇ كىشى ھېرىپ كىتىپ ئېشىكىگە ئۆزى مېنىۋىلىپ ئايالىنى پىيادە قويۇپتۇ، بۇنى كۆرگەن يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلار بۇ كىشىنىڭ بۇ قىلغىنىنى مەسخىرە قىلىپ: كۆرۈڭلار بۇ ئەركەكنى، ئايالىنى پىيادە قويۇپ ئۆزى ئېشىكىگە مېنىۋاپتۇ؟ دەپتۇ. شۇنىڭ بلەن بۇ كىشى خىجىل بولۇپ، ئايالىنى ئىشەككە مىندۈرۈپ قويۇپ كىتىپ بارسا، بۇنى كۆرگەن كىشىلەر يەنە : بۇ ئايال ئىرى ھۆرىمەت قىلمايدىكەن، قاراڭلار، ئىرىنى پىيادە قويۇپ ئېشەككە ئۆزى مېنىۋاپتۇ، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايال خىجىل بولۇپ، ئېشەكتىن چۈشۈپ كىتىپ ئەر-خوتۇن ئىككىسى پىيادە مىڭىۋاتسا، يولدىكى كىشىلەر يەنە مەسخىرە قىلىپ: قاراڭلار بۇ ئەر-ئايالغا، تەييار ئېشىكى تۇرسا مىنمەي، پىيادە مىڭىپتۇ، دەپتۇ.

سىزنىڭچە بۇ ئەر-خوتۇنلار زادى قانداق قىلسا ئاقىلانە بولار؟

مۇشۇنداق ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ بەس-بەستە مەيدانغا كىلىپ، ھەتتا كۆز-كۆز قىلىش نۇقتىسىغىمۇ يەتكىلىۋاتقاندا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ زىخمۇ كۆيمەيدىغان كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ئەڭ ئۆلچەملىك چارە زادى قايسى؟ «ئوڭ قول بەرگەننى سول قول بىلمىسۇن» دېگەن مۇستەھكەم قورغانغا تاش ئېتىپ يۈرىۋېرىدىغان گەپمۇ؟ ياكى بۇ قورغاننىڭ مۇقەددەسلىكىنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەقىقى مەنىسىنى ئويلىنىپ كۆرمەك كېرەكمۇ؟ ياكى كۆزۈم كۆرمىگەنگە ئىشنمەيمەن دەپ، تانغاق مۈشۈك بولۇپ يۈرۈش كېرەكمۇ؟ ئاجەبا ئەلنىڭ كۆزى يوقمۇ؟ بىز ئويلىنىشىمىز كېرەك، ھەر ئىشنىڭ چىكى بولمىسا، چەكتىن ئىشىپ كەتسە، بىزگە يادقا بولغان يىشىل پاقا مىسالىنىڭ تەكرارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ياخشىراق بىر ئويلىنىپ بىقىشىمىز كېرەك.


مېھىرلىك ئىشلارغا كۆزلەر تەگمىسۇن، ساخاۋەت قوللىرى پەقەت داستىخانغا چىققان ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەردىلا توختاپ قالمىسۇن، تار دائىرلىك بولۇپ كۆپتۈرۈلۈپ كەتكەن ۋە كەڭ دائىرلىك بولۇپ شالاڭ بولۇپ قالغان ئىشلار مۇكەممەل بولمىغىنىدەك، ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن بوۋاقتەك، تەم-تەم مىڭىۋاتقان بالىدەك، يىقىلىپ-قوپۇپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ياشلاردەك ئۇيغۇر جەمىئىيتىمىزنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەن ھەر قانداق بىر مەنىلىك ئىشلار ساخاۋەتلىك مېھرىبان كىشىلىرىمىزنىڭمۇ ماددى ياردىمىگە مۇھتاج، روھى جەھەتتىن قوش قوللاپ كۆتۈرۈشىگە مۇھتاج؛ پەقەتلا داستىخانغا تاشلانمىغانلىقى ياكى ئېغىزدىن چىمىغىنى ئۈچۈنلا، ئۇلار يېتىمسىراپ قالمىسۇن. ئۇلارمۇ بىز ئۇيغۇرغا مۇھتاج!

 
    بارلىق ھوقوق بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا مەنسۇپ
    版权所有五石『五石网BaxTax』 儿童教育网
    Copyright by © 2008-2013 BaxTax.Cn , Powered by 2008-2013 BaxTax.Cn