ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: شۇنداق بىرخىل كۆكتات، مىۋە ۋە باشقا يىمەكلىلەر باركى، ئۇلارنى خاممۇ، پىششىقمۇ يىگىلى بولىدۇ، بىراق قانداق يىيىشنىڭ بەدەنگە بېرىدىغان پايدىسى ئوخشاشمايدۇ. بىز تۆۋەندە شۇنداق كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى تونۇشتۇرىمىز، چۈنكى ئۇلارنى بىلىپ قويۇشنىڭ قىلچە زىيىنى يوق.
ئاق تۇرۇپ: ئاق تۇرۇپنى خام يىسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، پىشۇرۇپ يىسە نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئاق تۇرۇپنى كىشىلەر «پۇقرالارنىڭ ئادەمگىياھى» دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ۋىتامىن C بىلەن مېنىرال ماددىلار مول، يىمەكلىك تالاسىمۇ ئاز ئەمەس، ئاق تۇرۇپنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق-چۈچۈك، بەدەنگە يىغىلىۋالغان يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى تېزلتىىدۇ. بەلغەمنى بوشىتىپ ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ، ئۇنى خام يىسە تەركىبىدىكى ئاچچىقلىق ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجىرلىشىنى تېزلىتىپ، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
نىلۇپەر يىلتىزى: ئۇنى خام يىسە، قۇرۇق ئىسسىقنى ئالىدۇ، پىشۇرۇپ يىسە، تالنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. كۈز پەسلى يېڭى نىلۇپەر يىلتىزى بازارغا كىرىدىغان پەيت ،چوڭلاردىن نىلۇپەر يىلتىزى ھەققىدە مۇنداق ھېكمەت قالغان: كۈزدە چىققان نىلۇپەر يىلتىزى بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان گۆھەر.
ئۇنىڭدا كالتىسىي، فوسفور قاتارلىق ماددىلار مول، تۆمۈرنىڭ مىقدارى ھەرقانداق كۆكتاتنىڭكىدىن مول، شۇڭا ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ، خام يىسە، بەدەندە ھۆللۈكنى كۆپەيتىپ، ئىسسىقنى ئالىدۇ، ئۇ پىشۇرۇلسا، سوغۇققا مائىل تەبىئىتى مۆتىدىل ئىسسىققا ئايلىنىدۇ، شۇڭا تالنى قۇۋۋەتلەپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
كاشتان: كاشتاننى خام يەپ بەرسە، ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىدۇ، پىشۇرۇپ يىسە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، ئۇنىڭدا ناترىي، كالتىسىي، ۋىتامىن ۋە كىراخمال ئىنتايىن مول. خام يىسە قاننى جانلاندۇرىدۇ، ئارتېرىيە قېتىشىىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ پىشۇرۇپ يىسە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بىراق ئۇنى زىيادە كۆپ يىسە، ئادەمنى قۇرۇق ئىسسىق تۇتۇۋالىدۇ، شۇڭا مىجەزى ئىسسىق ئادەمنىڭ يىيىشىگە تازا ماس كەلمەيدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !