ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇتەخەسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشىتى: ياشانغانلار كۈندە 25مىنۇت پىيادە سەيلە قىلىپ بەرسە، ئۆمرىنى يەتتە يىل ئۇزارتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشىدۇ، چۈنكى دائىم ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەك تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ياشانغانلار 70 ياشتىن باشلاپ چېنىقسىمۇ، 80ياشقا كىرگەندە ئاغرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى %10 كىمۇ يەتمەيدىكەن.
مۇتەخەسىسلەر بىر تۈركۈم چېنىقمايدىغان، ئەمما سالامەتلىكى ياخشى كىشىلەر بىلەن بىر تۈركۈم تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنى چېنىقتۇرۇش پىلانىغا قاتناشتۇرۇپ كۆزەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئوكسىگىنلىق چېنىققان، ئارىلاپ كۈچ مەشىقى قىلغانلارنىڭ بەدىنىدىكى قېرىشنى كېچىكتۈرۈدىغان ماددىلار ئاسان ئاكتىپلىشىدىكەن. ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىقى قىلىدىغانلارغا قارىغاندا، ئىزچىل چېنىققان ۋە كۈچ مەشىقى قىلغانلارنىڭ سالامەتلىكى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، بالدۇر قېرىپ كېتىش خەۋپىدىن قۇتۇلىدىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !