مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا شەھىرىمىزدە ياز كىرگەندىن بۇيان، ئاشقازان ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرى كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى:«ھاۋا ئىسسىغاندىن كېيىن پاشا كۆپىيىدۇ، يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىمۇ ئاسان ئۆزگىرىپ قالىدۇ، بۇ ئامىللار ئاشقازان ۋە ئۈچەي كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىشتەي تۇتۇلۇش ۋە ئۇيقۇ ئازىيىش ئامىلى قوشۇلسا، ئاللىقاچان قوزغالغان ئاشقازان ۋە ئۈچەي كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى كۆپ، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر؛يەنە ئاشخانا ئۆي ۋە ھاجەتخانىنىڭ تازىلىقىنى ياخشى قىلىپ، چىرىگەن ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن، تازىلىقى ناچار يېمەكلىكلەردىن نېرى تۇرۇشمۇ مۇھىم تەدبىر. ئۇنىڭدىن باشقا، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرماي بولمايدۇ».
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !