باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چارشەنبە
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

مۇھەببەتنىڭ چىگراسى يوق 15

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-21 18:46:20

ئۇزادى نەگە كەتكەندۇ؟ئۆيىگە قايتىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس،ھەنىپە نومۇسچان قىز ،ئۇنىڭ خاراكتېرىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدىن قوغلانغان ھالدا ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھەرگىز بارالمايدۇ،ئانام ئۇنىڭغا بەكىرەك ھاقارەت قىلىۋەتكەن بولسا ئەجەبا ئۆزىگە بىر ئىش قىلۋالغىلى كەتمىگەندۇ،تۇيۇقسىز كاللامغا كەلگەن بۇ سوئال بىلەن تەڭ،ۋۇجۇدۇم پارتىلغاندەك بولۇپ،ئۇدۇل ئامبار تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم،يېزىمىزدا بىر چوڭ ئامبار بولۇپ،سۇيى كۆپ ھەم چوڭقۇر بولۇپ،سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان ئادەم چۈشۈپ كەتسە ئامان قالمايتتى،يىلدا بىر نەچچە بالا مۇشۇ ئامبارغا سۇغا چۈشكىلى بېرىپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ تۇراتتى.
يۈرىكىمنىڭ ئەنسز سوقۇشلىرىغا ئەگىشىپ ئامبارغا يېقىنلاپ كېلىۋېتىپ ،ئامبار تەرەپتىن،نېرۋىسى ئاداشقان ئادەمدەك ،قالايمىقان مېڭىپ كېلىۋاتقان ھەنىپەنى كۆرۈپ قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەۋاتقان يۈرىكىم ئورنىغا چۈشكەندەك ،ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ بېرىپ ،باركۈچۈم بىلەن باغرىمغا باستىم.

ھەنىپەنىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان ياشلىرى مۆرەمنى ھۆل قىلىۋەتتى.

-بۇ يەردە نېمىش قىلىۋاتىسىز ھەنىپە،نېمىشقا مەن كەلگۈچە ساقلاپ تۇرمىدىڭىز-ھەنىپە سۆزۈمگە جاۋاب قايتۇرماستىن توختىماي يىغلايتتى،ئۇ شۇ تەرىقىدە بىر ھازا يىغلىغاندىن كېيىن توختىدى،ئىككىمىز يېقىن يەردىكى ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ خالى ئورۇننى تېپىپ ئولتۇردۇق.

-ئەسلىدە ئۆلۈپلا ھەممە دەرتتىن قۇتۇلاي دېگەن ،لېكىن سىزگە چىدىمايدىكەنمەن مۇھەممەت-ھەنىپە غەمكىن كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ،قۇچۇقۇمغا بېشىنى قويۇپ ياتتى.

-ئۇنداق ئەخمىقانە ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ ھەنىپە ئىككىمىز نېمىلەرنى دەپ ۋەدىلەشكەن،ۋەدىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئاللادىن كەلگەن ئەجەلدىن باشقىسى بىزنى ئايرىيالمايدۇ ھەنىپە،مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز مەنمۇ ياشىيامايمەن.

-بىراق راسلا چىدىيالمىدىم،ئۆزۈمنى سۇغا ئاتاي دەۋاتقان شۇ دەملەردە ،سىز ھەم،ئىككىمىزنىڭ ۋەدىللىرى كۆز ئالدىمغا كېلۋېلىپ بۇنداق قىلىشىمغا يول قويمىدى.

-ئەمدى سىزنى بۇنداق جاپاغا قويمايمەن،سىزنىڭ جاپا چېكىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدىم ھەنىپە،ئەمدى بىز بۇ يەردىن كېتەيلى،يىراقلارغا كېتىپ ،ئۆزىمىزگە تەۋە ماكانىمىزنى قۇرايلى،ئەمدى سىزنى ئانام بىلەن دادامنى قايىل قىلايلى دەپ قىينىمايمەن ھەنىپە،

-ئۇنداق دېمەڭ،ھەممىنى قىلغان ھېلىقى ئەنۋەر دېگەن ھايۋاننىڭ ئىشى،ئاتا-ئانىڭىزدىمۇ گۇناھ يوق،ئۇلار خاتا،چۈشىنىپ قالغان گەپ.

-ئەمدى ئۇ ئەنۋەرنى كۆرىدىغانلا بولسام ،چوقۇم ئۆلتۈرىۋېتىمەن-شۇ ۋاقىتتا كۆزلىرىمگە قان تولۇپ كەتكەن ئېدى.ھەنىپە قوللىرى بىلەن ئاغزىمنى ئەتتى.

-ئۈش ئاغزىڭىزنى ئۈشىتمەڭ، ئۇ سىزنىڭ قولىڭىزنى بۇلغىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ‹

-بىراق ئۇنىڭ سىزنى بۇنداق ھاقارەت قىلىۋېرىشلىرىگە يول قويساق بولمايدۇدە.

-مەنمۇ ھېچ بىلمىدىم،ئۇ ھايۋاننى كۆرەرگە كۆزۈم قالمىدى.-ھەنىپەنىڭ ئامالسىز كۆزلىرىگە قاراپ كاللامغا دەرھال بىر ئامال كەلدى.

-توغرا ئۇنى ئەرىز قىلايلى، ئۇ سىزنىڭ يۈز ئابرويىڭىزنى بۇنداق تۆكۈۋەرسە بولمايدۇ-دە

-ياق ئەرىز قىلساق بولمايدۇ،ئۇنداق قىلساق ،چاۋىمىزنى چىتقا يايغان بولمامدۇق،ھەممە ئادەم بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئاڭلاپ كېتىدۇ-ھەنىپە مېنىڭ پىكرىمنى رەت قىلدى.

-نېمىشقا ئەرىز قىلمايمىز ھەنىپە،چوقۇم ئەرىز قىلشىمىز كېرەك،ئەرىز قىلغاندىلا ھەم ئۇنىڭدىن قۇتۇلالايمىز،ھەم سىزنى ئاقلاپ چىقالايمىز، بۇنداق قورقۇپ يۈرسەك ،ئۇ بېشىمىزغا مېنىدۇ،باشقىلار ئۇنىڭ شۇ يالغان ياۋداقلىرىغا تېخىمۇ ئىشىنىپ كەتمەمدۇ؟

-ھەنىپە بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مېنىڭ پىكرىمنى قۇۋەتلىدى.

بىز ئۆيگە قايتىپ ،ئانام بىلەن دادامنىڭ ھوجىرىسىغىمۇ كىرمەستىن،ئۇدۇل ھوجىرىمىزغا كىرىپ كەتتۇق،ئەتىسى ئەتىگەندە ،ھەنىپە كۈندىكىگە ئوخشاشلا سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ ،ھويلا -ئاراملارنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشتى.مەن نەرسە كېرەكلىرىمىزنى يىغۇشتۇرۇپ بۇ يەردىن كېتىشنى قارار قىلىپ ،ئۇنى چاقىردىم،بىراق ھەنىپە-ئۆزۈمنى ئاقلىماي تۇرۇپ،ئانىڭىز بىلەن دادىڭىزنى پاكلىقىمغا ئىدۈرمەي تۇرۇپ بۇ يەردىن كەتسەم،ئۇلارنىڭ مەن توغرىلۇق ئويلىغانلىرىنى راسىتقا ئايلاندۇرغان بولىمەن -دەپ پەقەت ئۇنىمىدى. ئۇنى قايىل قىلىش ئۈچۈن كۈچەۋاتسام ،ئانام كىرىپ كەلدى.

-بالام ،ئاكاڭدىن ھەممە ئەھۋالنى ئاڭلىدۇق،ئۇمۇ ساڭا قىلغانلىرىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ بەك خىجىل بولۇپتۇ،مەن نېمە دەپ بۇنداق قىلىمەن ،سىلەرمۇ ئاتا-ئانا بولغان چاغدا بىلىپ قالىسىلەر،ئاتا-ئانا دېگەن نېمە قىلسا پەرزەنتىنى ئويلاپ قىلىدىكەن،پەرزەنتىم قانداق قىلسام بەخىتلىك بولاركىن دەپ قىلىدىكەن،سەن ھەنىپە بىلەن بەخىتلىك بولىدىغان بولساڭ ،مەن بۇندىن كېيىن ئۇنى ئۇنى ئۆز قىزىمدەك كۆرۈشكە رازى -ئانام ماڭا قاراپ تۇرۇپ شۇ گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن ھەنىپە تەرەپكە ئۆرۈلدى-بالام مېنى كەچۈرۈڭ،سىزگە جىق ئۇۋال قىپتىمەن،

ئانامنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى.ئاتا-ئانىمىزنىڭ چۈشىنىشگە ئېرىشىشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت يوقلىقىنى شۇۋاقىتلارنىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم.

ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى،ھەنىپە ئىككىمىز تېخىمۇ بەخىتلىك بولۇپ كەتتۇق،بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى،ئەنۋەرنى ئەرىز قىلغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ تۇرمۇشىمىز ئىزىغا چۈشتى،مەن ئاكامنىڭ يېنىغا تەكلىپ قىلشىغا قوشۇلماي،ئۆزۈم ئىشلەپ پۇل تېپىپ ،شەھەردە كىچىك دۇكاندىن بىرنى ئېچىۋېلىپ خېلىلا ھاللىنىپ قالدىم،ئانام بىلەن دادام ھەنىپە ئىككىمىزنى شەھەردىن ئۆي ئېلىپ تۇرۇشقا دالالەت قىلغان بولسىمۇ،ھەنىپە ئۇلاردىن ئايرىلىشقا قەتئىي ئۇنىمىدى،ئانام -قىزىم يوق دەپ ،كۆڭلۈم يېرىمتى،ھەنىپە ھەم بالامنىڭ چوڭ ھەم قىزىم بولۇپ،ئېغىرىمنى يېنىكلەتتى-دەپ ئۇنىڭغا مەندىنمۇ بەك ئامىراق بولۇپ كەتتى،دادامنىڭ ئامىراقلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ،ھەنىپەنى قاچىسىدىكى گۆشنى كۆرمىگىچە گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدۇ.

بىز كەينى كەينىدىن ئۈچ بالىغا ئاتا-ئانا بولۇپ بەخىتكە چۆمۈلدۇق،ھازىر دادام،ئانام،مەن ھەنىپە ھەم ئۈچ بالىمىزدىن تەشكىل تاپقان بۇ چوڭ ئائىلىمىزدە كۈنلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك.

ئەمدى ئاكامغا كەلسەك،ئاكامنىڭ تۇرمۇشۇ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي ،تېخى بۇلتۇرلا ئىككى بالسىنى يېتىم قىلىپ ،ئايالى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتتى،يېڭىدىن توي قىلغان بولسىمۇ ،ئايالى ھەم بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا سىقىلىپ تەڭلىك تاتىپ ،بارغانسىرى ياداپ كېتىۋاتىدۇ،ئۇ ھەر قېتىم كۆرۈشكەن چاغلىرىمىزدا-ئۇكام ساڭا قايىلمەن،ئالدىڭدا بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىمنى ئويلىساملا بەك خىجىل بولۇپ كېتىمەن،مەن پۇل تاپتىم،يۈز تاپتىم لېكىن بەخىتكە ئېرىشەلمىدىم،ئىللىق بىر ئائىلىگە ئېرىشەلمىسەڭ ،جەمىيەتتىكى ئورنۇڭنىڭ،تاپقان پۇلۇڭنىڭ سەن ئۈچۈن ھېچ قىممىتى بولمايدىكەن.سەن بەختىڭنى قەدىرلەپ توغرا قىپسەن،ماڭا قارىغاندا ئەقلىڭ باركەن -دەپ قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ ماڭا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتىدۇ.

شۇ چاغلاردا ،ھەنىپەنى تاللاپ توغرا قىلغانلىقىمغا،ئېرادىلىك جاسارەتلىك بولالىغانلىقىمغا ھازىر بەك خۇشال بولغۇم كېلىدۇ.بۇ كۈنلىرىمىز ئۈچۈن ياراتقان ئېگەمدىن قالسا ھەنىپەگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن،چۈنكى ئۇ ماڭا يۆلەك بولمىغان بولسا ،بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى-دە.

خاتىمە:

ئۆز سۆيگۈنىڭىز بىلەن بەخىتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىڭ ،مۇھەببىتىڭىزنى دادىللىق بېلەن ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىڭ،ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ چىگراسىزلىقىغا،مال-دۇنيا،قېرىش ياش ،يۇرت تاللىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ،مۇھەببىتىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلىڭ.ئالدىڭىزغا ئۇچىرىغان كىچىككىنە قىيىنچىلىقلارغا باش ئېگىپ مەڭگۈلۈك بەختىڭىزنى ۋەيران قىلماڭ.

مۇھەببەت بىر كۆرۈش مەيدانىدۇر،جاسارەت بىلەن ئېرادە قىلىپ بارلىقىنى بېغىشلىغۇچىلارغا غەلىبە مەنسۇپ بولۇپ،بەختىنى تاپقۇسىدۇر،بوشاڭلىق قىلىپ،بەل قويىۋېتىپ،ۋاز كەچكۈچىلەرنىڭ ئۆمۈرى پۇشايمان ئىچىدە ئۆتكۈسىدۇر.

قېنى كېلىڭ سىزمۇ قەلبىڭىزدە شەكىللەنگەن مۇھەببەتنىڭ چىگراسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ،كەلگۈسى بەختىڭىز ئۈچۈن پارلاق يول ئېچىڭ،بالدۇرراق بەختىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ئاددىي ھېكايەمنى ياقتۇرۇپ ئوقىغان بارلىق دوسىتلىرىمغا كەمىنە تاھىرجان يۈسۈپتىن چەكسىز تەشەككۈر.


تۈگىدى 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2