ھەرخىل خېياللار بېلەن يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا شايارغا يېتىم كەلدۇق،بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بېسەرەمجان قىلسام بولماس-دەپ ئويلاپ،ھەنىپەنى ھازىرلا كۆرۈۋالغۇم بولسىمۇ،يېقىن ئەتراپتىكى بىر كىچىك مېھمانخانىدىن ياتاق ئېلىپ،ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولدۇم.
ئەتىسى سەھەردىلا بازاردىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىپ،ئاينۇرنىڭ سىڭلىسى دەپ بەرگەن ئادىرىس بويىنچە ھەنىپەنىڭ ئۆيىگە كەلدىم،ھەنىپەلەرنىڭ ئۆيى ناھىيە بازىرىدىلا بولغاچقا تاپمىقىممۇ ئاسانغا چۈشتى.
-سىز نېمىدەپ كەلدىڭىز؟ بۇ يەردىن كېتىڭ،ئەمدى سىزگە دەيدىغان ھېچقانداق گېپىم يوق،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر سىزنى قارشى ئالمايدۇ-ئىشىكنى ئۇرۇشۇمغا ھەنىپەنىڭ دادىسى چىقىپ ئىشىكنى ئېچىپ قوپاللىق بېلەن مېنىڭ ئالدىمنى توستى.
-سىزدىن ئۆتۈنەي تاغا مېنى كىرگىلى قويۇڭ،مېنىڭ ھېچقانداق ئىشتىن خەۋىرىم يوقكەن،تېخى تۆنۈگۈنلا خەۋەر تېپىپ بۇ يەرگە كەلدىم،ئاكامنىڭ قىلغان ئىشلىرى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز .
-بولدى سىز كېتىڭ،ھەنىپەنى ئارامىدا ياشىسۇن دېسىڭىز بۇ يەردىن كېتىڭ-ھەنىپەنىڭ دادىسى شۇنداق دەپلا ئىشىكنى ياپماقچى بولدى.
-ئەركىن تاغا(ھەنىپەنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى)تاغا گېپىمنى ئاڭلاپ باقسىڭىزچۇ؟مەن گېپىمنى دەۋالاي-مەن ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىشكە ئۇرۇندۇم.
-دادىسى بولدى قىلسڭىزچۇ؟ئاتايىن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن مېھماننى بوسۇغىدىن قايتۇرۋەتسەك بولماس،ھېچ بولمىغاندا ئۆيگە باشلاپ ،بىرە پىيالە چاي قۇيۇپ بولسىمۇ يولغا سالىلى-ھەنىپەنىڭ ئانىسى چىقىپ شۇنداق دېگەندىن كېيىن ،ئەركىن تاغام بىر تەرەپكە ئۆتتى،مەن بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىردىم،ھەنىپەنىڭ ئۆيى بىزنىڭ قەشقەردىكى شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ،ئىككى قەۋەت سېلىنغان،كىچىك ھويلىسى بار ئېدى.
-سىزنىڭ ھېچنىمىدىن بېخەۋەرلىكىڭىز چىرايىڭىزدىن چىقىپ تۇرىدۇ، بىز سىزنىمۇ ھەممە ئىشتىن خەۋىرى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇق-ھەنىپەنىڭ ئانىسى ماڭا چاي قۇيغاچ گەپ باشلىدى، ئەركىن تاغام مېنى كۆرگۈسى يوقتەك يېنىمغا كىرمەي ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى.
-راس مەن ھېچقانداق ئىشتىن بېخەۋەرمەن،نېمە ئىش بولغانلىقىنى ماڭا دەپ بەرسىڭىزچۇ.-مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىراپ ئۇنىڭ ئاغزىغا قارىدىم.
-قىز بالا باققان گۇناھمۇ بالام،شۇ كۈنى كەچتە ئاكىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ،ھەنىپەنى سەتلىگىنى يەتمىگەندەك بىزنىمۇ بىرمۇنچە ھاقاتلىدى.ئەرگە بېرەلمىگەن بۇزۇق قىزىڭنى ئۇكامنى ئالداپ زورلاپ تاڭماقچىمىدىڭ،مېنىڭ ئېنىم تېخى كىچىك بالا،ئىشىنىپ دۇكىنىمدا ئىشلەتسەم ،ئەمدى مېنىڭ ئېنىمنى قولغا چۈشىرىۋېلىپ مال دۇنيارىمنى يۈتىۋالماقچىمىدىڭ،ھازىرغىچە ئۇنى ئالداپ زادى قانچە پۇلغا خېيانەت قىلىشتىڭ،ئەتىدىن باشلاپ،قىزىڭ ئۇكامنى ئىزدەيدىغان بولسا،بىر يېرىنى سۇندۇرىۋېتىمەن،ئۈرۈمچىدە تۇرغۇسىز قىلىۋېتىمەن،جالاپ دەپ نامىنى چىقىرىۋېتىمەن،قىزىڭنى ئالىدىغانغا ئەر چىقماس قىلىۋېتىمەن-دەپ بىرمۇنچە ھاقارەتلىدى.ئەركىن تاغىڭىز بۇ تىللارغا چىدىماي،ھوشىدىن كېتىپ،تاس قالدى مېڭسىگە قان چۈشكىنى،ئەمدى نېيتىڭىزدىن يېنىڭ بالام،بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەمدى ئىككىڭلارنىڭ ئىشىڭلارنىڭ يەنە داۋاملىشىش مۇمكىن ئەمەس،ئەڭ ياخشىسى سىز كېتىڭ،ئەركىن تاغىڭىزنى توغرا چۈشىنىڭ-ئۇ مۇشۇ سۆزلەرنى دەۋاتقان چاغدا ئەركىن تاغام بوسۇغىدا ئولتۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى-بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن تەس كەلدى،ئۇ نەچچە كۈننىڭ ياقى توختىماي،قىز باققان گۇناھمۇ دەيدىغان بولۇپ قالدى.قىزىمىزنىڭ رايىغا بېقىپ،ۋاقتىدا تويىنى قىلىۋەتمىگەن گۇناھ بىزدە بار،سىزدىنمۇ ئاغرىنمايمىز، ئەلچىلەرگىمۇ ماقۇل دەپ جاۋابىنى بېرىپ بولغان،تويلۇقنى ئەكىرىپ ۋاقىتنى كېلىشىۋەتسەكلا توينى قىلىۋېتەتتۇق،ئۇلارنىڭ قۇلقىغا سودا سارايدا بولغان جىدەل نەدىن ئاڭلاندىكىن بۇ تويمۇ يېنىپ كەتتى .
ھەنىپەنىڭ ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ئەركىن تاغامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ مورىسىنى سىلاپ تەسەللى بەردىم،ئۇ ماڭا كىچىك بالىدەك ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى.
-تاغا كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،سىز ھەنىپەنىڭ دادىسى ،خۇددى مېنىڭ ئۆز دادامغا ئوخشاش،مېنى كەچۈرۈڭ ،مەن سىزنىڭ بۇنچىۋالا ئۇۋالچىلىق تارتقىنىڭىزنى بىلمەپتىمەن،مەن ئاكامنىڭ يېنىدىن يېنىپ كەلدىم،ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا قايتمايمەن،بىزنىڭ ھېچقانداق ئالاقىمىز قالمىدى،سىز ئاكامنىڭ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن مېنى جازالىسىڭىز قانداق بولىدۇ،سىز ماڭا بىر يىل ساقلاشقا ۋاقىت بەرگەن ئېدىڭىز،نېمە ئۈچۈن ماڭا ھېچنەرسە دېمەيلا بۇ توينى قىلماقچى بولىسىز، خۇددى سىزگە ئوخشاشلا مەنمۇ ھەنىپەنى ياخشى كۆرىمەن ئۇنىڭ بەخىتلىك ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،سىز بىزنى ئايرىۋەتسىڭىز ، ھەر ئىككىلمىز بىر ئۆمۈر ھېجىران ئازابىدا ياشايمىز،ھەنىپەمۇ كۆڭلى يوق بىر ئىنسان بېلەن بېشىنى باغلىغاندەك تەستە ياشايدۇ،سىز مەندىن چوڭ،بۇ خىل ھېسىياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەندىن ياخشى چۈشىنىسىز ،سىزدىن ئۆتۈنەي ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ،ھەنىپە ئىككىمىزنى مۇرادىمىزغا يەتكۈزۈڭ،خەق نېمە دېسە دېسۇن،قانداق ئويلىسا ئويلىسۇن،بىز ئۆزىمىزگە ياراتقان خۇداغا ئاق ھەم پاك،سىز مېنىڭ نەزىرىمدە پەرزەنتىگە كۆيىنىدىغان لاياقەتلىك ئاتا،ھەنىپە بولسا شەرمىي -ھايالىق پاك قىز.
ئەركىن تاغام سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇرۇپ قولۇمنى چىڭ سىقتى.
-ماڭا ھەنىپەنى بەخىتلىك قىلىشقا ۋەدە بېرەلەمسىز.
-ۋەدە قىلاي ئۇنى چوقۇم بەخىتلىك قىلىمەن،
-مەن سىزگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندىم،خەق نېمە دېسە دېسۇن،قانداق گەپ تاپسا تاپسۇن،ماڭا قىزىم بەخىتىلىك بولسىلا شۇ كۇپايە،يەنە بىر گەپ ھەنىپەنىڭ بەخىتلىك بولۇشى ئۈچۈن ھازىرلا ئۇنىڭ بېلەن توي قىلالامسىز؟
ئەركىن تاغامنىڭ بۇ سۆزلىردىن سەل ئىككىلنىپ قالدىم،توي دېگەن ئۆمۈردە بىر قېتىم بولىدىغان ئىش،ئاكامغۇ مەيلى،لېكىن ئاتا-ئانامنى قايىل قىلىپ رازىلقىنى ئېلىشىم كېرەك تە،لېكىن ئۇلارنىڭمۇ خۇددى ئاكامدەكلا قارشى تۇرىدىغىنى ئېنىق،ئەركىن تاغاممۇ دەل مۇشۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتقان بولسا كېرەك،بولدىلا ھەنىپە ئۈچۈن ئۆمرۈمدە بىر قېتىم ئاتا-ئانامنى نارازى قىلاي،ئۇلارنى كېيىن چوقۇم قايىل قىلىم ئۆزۈمنى كەچۈرۈم قىلدۇرالايمەن.بىراق،مېنىڭ يېنىمدا ھەنىپەگە تويلۇق قىلىپ بەرگۈدەك ھېچنەرسە يوق ئېدى.
-قىلالمايسىز شۇنداقمۇ،بولدى بالام سىز كېتىڭ،مەن سىزدىن ئاغرىنمايمەن-ئەركىن تاغام ئاستاغىنە قولۇمنى قويىۋېتىپ يەنە ئولتۇرۋالدى.
-قىلىمەن ،قىلالايمەن،-مەن ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ جاراڭلىق يوسۇندا شۇنداق دېدىم.
-راسما-ئەركىن تاغام ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قارىدى-ئاتا-ئانىڭىز سىزدىن نارازى بولىشى مۇمكىن ،ئاكىڭىز سىزدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن باشقىلار ئۈستىڭىزدىن گەپ تېپىشى مۇمكىن،مۇشۇنىڭ بىلەن تەڭ نۇرغۇن ئۇۋالچىلىق تارتىۋېلىشىڭىز مۇمكىن،مۇشۇلارغا چىدىيالامسىز.
-ھەنىپەلا يېنىمدا بولىدىكەن ھەممىگە چىدايمەن،بىراق مەندە ئۇنىڭغا قىز مېلى قىلىپ بەرگۈدەك ھېچنەرسە يوق.
ھېچقىسى يوق بالام قىز مېلنى مەن ئۆزۈم تەييارلاپ بېرىمەن،جان بولسا جاھان ئاش بولسا قازان قالغان كېمىنى كېيىن سىز تەييارلاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.-ئەركىن تاغام شۇنداق دەپلا ئىككىنچى قەۋەتكە قاراپ -ھەنىپە بۇياققا چۈش قىزىم -دەپ چاقىردى.
-بىر دەمدىن كېيىن كۆزلىرى تولا يىغلاپ قىزىرىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ھەنىپە پەسكە چۈشتى،ئۇ مېنى كۆرۈش بېلەنلا ئۆزىنى توختىتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى،ھەنىپەنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى بىزنى يالغۇز قويۇپ چىقىپ كەتتى.
-نېمىشقا تېلفونىڭىزنى ئېتىۋالىسىز ،نېمىشقا بۇ ئىشلارنى ماڭا دېمەيسىز-ھەنىپەنى كۆزلىرىگە قاراپ ،بىر ھەپتىنىڭ ياقى ئۇنىڭدىن سوراشنى ئويلاپ يۈرگەن سوئالىمنى ئاخىرى سورىۋالدىم.
-مېنى قىلغۇسى يوق دەمسىز،كۆنگەن يامانمۇ ،كۆيگەنمۇ دەپ،سىزگە ئاللىقاچان كۆنۈپ قاپتىكەنمەن،مۇشۇ كۈنلەرنى قانچىلىك تەستە ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلمەيسىز،بىراق دادام تېلىفونۇمنى ئېلىۋېلىپ مېنى ھۇجرامغا بەنىت قىلىپ قويغان تۇرسا مەندە نېمە ئامال بار دەيسىز؟
-ھەيرانمەن،مەن كەلمىگەن بولسام،بىلمىگەن بولسام،دادىڭىز كىم بىلەن تويىڭىزنى قىلسا شۇنىڭغا تېگەمتىڭىز؟
-ياق،سىزنىڭ كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،بۇرۇنلا كۆڭلۈم تويۇپ بولغان.ئەگەر سىز راسلا كەلمىگەن بولسىڭىز ،راسلا باشقا بىرى بىلەن توي قىلىدىغان بولسام ،ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالاتتىم.
ئۈش-ھەنىپەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭ ئاغزىنى بارماقلىرىم بېلەن ئېتىۋالدىم-مەن سىزنى ئۆلگىلى قويمايمەن،سىزنىڭ مېنى تاشلاپ كېتىشىڭىزگە يول قويمايمەن.
ھەنىپە ئىككىمىز شۇ كۈنى بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ،يېيىلىپ شۇنداق كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتۇق.
ئەركىن تاغامنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بېلەن ،ھەنىپە ئىككىمىز.بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا تەييارلىق قىلىپ،كىچىككىنە بىر توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىۋالدۇق،مەن ئاكامنىڭ كېلىپ،بېسەرەمجان قىلىشىدىن شۇنچىلىك ئەندىشە قىلغان بولساممۇ،بىراق،ئۇ ماڭا قېيدىدىمۇ،ياكى نومۇس قىلىپ قالدىمۇ،شايارغا كېلىش تۈگۈم،ماڭا بىرەر قېتىم تېلفونمۇ قىلىپ قويمىدى.تەلىيىمگە خۇددى مۇشۇ كۈنلەر ئۈچۈن قىلغاندەكلا نوپۇسۇمدا يېشىم 3 ياش چوڭ قىلىپ تىزىمغا ئېلىنغاچقا ،توي خېتى ئېلىشىمىزمۇ تەسكە چۈشمىدى.
توي كېچىسى شۇنچىلىك شېرىن،شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك،ئۆزۈڭ سۆيگەن ئادىمىڭ بىلەن ئاددى ھۇجرىدا ئۆتكۈگەن شۇ توي ،كۆڭلۈڭ يوق ئادەم بېلەن بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدا ئۆتكۈزگەن تويدىنمۇ كۆڭۈللۈك بولۇپ ساڭا خۇشاللىق بېغىشلايدىكەن.
تۇنجى توي كېچىسى ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر كېچە بولدى،بىر كېچە ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزغان بولساممۇ،روھىم يەنىلا شۇنچىلىك كۆتۈرەڭگۈ،چۈنكى مەن مۇرادىمغا يەتتىم.ئەمەسمۇ؟
توينى تۈگىتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ،يېزىغا يۇرتۇمغا قايتىش ئىستىكىم بارغانسىرى كۈچىيىۋاتاتتتى،چۈنكى بۇ يەردە قېيناتامنىڭ ئۆيىدە قېيناتامنىڭ،ئاش-تۇزىنى يەپ،ئىچكۈيئوغۇل بولۇپ ياشاش مەندەك بىر ئوغۇلبالىغا پەقەتلا ماس كەلمەيتتى.شۇڭا بالدۇرراق يۇرتقا قايتىپ،ئاتا-ئانامنىڭ رازىلقىنى ئېلىشقا تىرىشىپ،ئۆزۈمنىڭ بىر چىقىش يولۇمنى تېپىشىم كېرەك ئېدى.لېكىن ھەنىپەنىڭ دادىسىغا قانداق ئېغىز ئېچىشنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتاتتىم.
-بالام،توينىمۇ قىلۋالدۇق،ئاتا-ئانا رازى خۇدا رازى،بىز سىلەردىن رازى،ئەمدى سىلەر بېرىپ،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ رازىلقىنى ئېلىڭلار،ئۇلار ھەنىپەنى كۆرسۇن،پەقەت بولمىغاندا ئاندىن يېنىپ كەلسەڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر.-مەنئىچىمدە قىيىنچىلىق تارتىپ يۈرگەن كۈنلەردە دەنىپەنىڭ دادىسى بىلگەندەكلا مېنى يېنىغا چاقىرىپ شۇنداق دېدى،ئۇنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەنلىكىدىن قەۋەتلا خۇشال بولدۇم.ھەنىپەمۇ يۇرتقا قايتىدىغىنىمىزنى ئاڭلاپ قەۋەتلا خۇشال بولدى.
-بەلكىم ئاتا-ئانام سىزگە سوغاق مۇئامىلە قىلىشى،سىزنى ئېتىراپ قىلماي كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتىشى ،يۇرتقا بارغاندىن كېيىن دېلىڭىز ئاغرىيدىغان ئىشلار كۆپ يۈز بېرىشى مۇمكىن،سىز چىدىيالارسىزمۇ-يۇرتقا مېڭىشنىڭ ئالدىدا ھەنىپەدىن، بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئېسىگە سېلىپ پىكرىنى ئېلىپ باقماقچى بولدۇم.
-سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزز مېنىڭمۇ ئاتا-ئانام،مەيلى ئۇلار نېمىلا دېسۇن مەن چىدايمەن،ئۇلارنىڭ ياخشى كېلىنى بولۇپ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىمەن.
ھەنىپەنىڭ جاۋابى كۆڭلۈمنى قەۋەتلا خۇشال قىلىپ ،ئۇنى تاللىغانلىقىمدىن قەۋەتلا مەنمۇن بولدۇم.
ئەتىسى ھەنىپەنى دادىسى ھەنىپە ئىككىمىزنى قەشقەرگە يولغا سېلىپ قويدى.
ئالدىمدا ئۇزاق يول،مەنزىلىم تېخى ئۇزاق ،مېنى كۈتۈپ تۇرغان قېيىنچىلىقلار ئالدىمدىكى يولدىنمۇ ئۇزاق،چىدىشىم كېرەك،ئېرادىلىك بولۇشۇم كېرەك.-مەن شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن يېنىمدا ئولتۇرغان ھەنىپەنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ،بىللە تىرىشايلى غەيرەت قىلايلى دېگەندەك مەنىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ قويدۇم.
ھەنىپەمۇ مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمنى چۈشەنگەندەك ،كۆزلىرى بىلەن كۈلۈپ تەڭ تىرىشايلى-دېگەندەك ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
-تاماققا چۈشۈڭلار-شوپۇرنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەڭ ھەنىپە ئىككىمىز بىر-بىرىمىزدىن ئاجىراپ،ماشنىنىڭ ئەينىكىدىن سىرىتقا قارىدۇق،ئانچە چوڭ بولمىغان بىر بازار ،ماشىنا يولنىڭ بىر تەرىپىدىكى ئاشخانىنىڭ ئالدىغا تارتىپ توختىتىلغان ئېدى.
-بىزمۇ چۈشۈپ ئازىراق بىر نەرسە يەپ چىقمايلىمۇ-دېدىم ھەممەيلەننىڭ پەسكە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەنىپەگە قاراپ.
-بولدى ،يولنىڭ تامىقى زىيان قىلىدۇ دەپ،ئانام گۆش پىشۇرۇپ بەرگەن قوسىقىڭىز ئاچقان بولسا شۇنى يەيلى-ھەنىپە شۇنداق دەپ بىر خالتىنى ئېچىپ ،ئىككى ناننىڭ ئارىسىغا ئېلىنغان گۆشنى چىقرىپ ماڭا ئۇزاتتى.
-ئۇنداق بولسا مەن پەسكە چۈشۈپ ئىچىدىغان بىر نەرسە ئېلىپ چىقاي ھە -مەن شۇنداق دەپ قويۇپ پەسكە چۈشۈپ كەتتىم.
-ئاداش ئىككىڭلار ئەر-خوتۇن ئوخشىمامسىلەر-ئىچىملىك ئالاي دەپ دۇكانغا كىرىپ تۇرشۇمغا بىز بىلەن بىر ماشىنىدىن چۈشكەن بىرەيلەن ئالدىمغا ئۇچىراپ ماڭا شۇنداق دېدى،ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،يائاللا ،بىزنىڭ توغرىمىزدا يامان گەپ قىلمايدىغان ئادەممۇ ئۇچرايدىكەن ھە،دەپ ئۇ ئادەمدىن مىننەتدار بولۇپ،-ھەئە ،بىز يېڭىلا توي قىلىغان، يۇرتقا كېتىۋاتىمىز-دېدىم ،ھەم ئۇنىڭ بولدى دېگىنىگە قارىماستىن ،ئالغان ئىچىملىكلىرىنىڭ پۇلىنى قوشۇپ تۆلىۋەتتىم.
-ئاداش ،ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ئايال بىلەن توي قىلغىنىڭلارغا قارىغاندا ،ئايالىڭلار تازا بىر باينىڭ قىزى ئوخشىمامدۇ؟-ماشنىنىڭ يېنىغا يېقىن كېلەي دېگەندە ،ئۇنىڭ دېگەن بۇ سۆزى دەرھال جۇدۇنۇمنى ئۆرلەتتى،ئۇنىڭغا بىر نەرسىلەرنى دېگۈم كېلىپ ،ئاغزىمنى ئۆمەللەپ بولۇپ ،ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ ،ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن ماشنىغا چىقتىم.
-مېنىڭ يەنە ئازىراق قىلىدىغان ئىشىم بارئىدى ،ئەمىسە سىلە چىقىۋېرىڭلا-ئۇ ئاداشمۇ ئاچچىقىم كەلگەنلىكىنى پەملىگەندەك شۇنداق دەپ قويۇپ پەستە قالدى.
-نېمە بولدىڭىز مۇھەممەت-ھەنىپە چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ مەندىن ئەنسىرىگەندەك ئۇيان-بۇيانلىرىمغا قاراپ كەتتى-پەستە بىرەرسى بىلەن ئۇرشۇپ قالمىغانسىز ھە؟
-ياقەي،ھېچ ئىش بولغىنى يوق-دەرھال ئۆزەمنى تۈزەشتۈرۈشكە تىرىشتىم،چۈنكى ھەنىپەنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولىشىنى پەقەتلا خالىمايتتىم.
-چىرايىڭىز بەكلا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ،شۇڭا ئەنسىرەپ قالدىم مېجەزىڭىز يوقمۇ،يا؟
-ياقەي مەن ساپساق تۇرمامدىم مانا،بىكادىن ئاغرىپ قالىدىغانغا كىچىك بالا بولمىسام يا مەن.
-ئۇنداق بولسا خاتىرجەم بولدۇم-ھەنىپە ئاستاغىنە مۆرەمگە بېشىنى قويدى،ماشنىدا ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوق ئېدى،مەن ئۇنىڭ ساچلىرىنى سىلاپ پېشانىسىگە سۆيدۈم.
-رەھمەت سىزگە ھەنىپە.
-نېمىگە رەھمەت دەيسىز؟
-مېنى بەخىتلىك قىلغىنىڭىزغا ،مېنى ياخشى كۆرگەنلكىڭىزگە ،مېنىڭ ئايالىم بولغانلىقىڭىزغا رەھمەت،بىلەمسىز ھەنىپە ،مەن بۇرۇن مۇشۇنداق كۈنلەرنى پەقەت چۈشۈمدىلا كۆرەتتىم،سىزنى ھەركۈنى چۈشەيتتىم،سىز مېنىڭ چۈشلىرىمنىڭ مەلىكىسى.
-سىزگىمۇ رەھمەت،مۇھەممەت،سىز مېنىڭ ئاق ئاتلىق شاھزادەم،مېنى ئازابتىن خالاس قىلىدىغان،شاھزادەم.
-بىز ئەمدى توي قىلغاندىكىن ،سىز مېنىڭ خانىشىم بولدىڭىز.
-ئۇنداقتا سىز مېنىڭ پادىشاھىم.
ھەنىپەنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
-سىزدىن بەك ئەنسىرەيمەن ھەنىپە؟
-نېمىشقا ؟
-بەلكىم يۇرتقا بارغاندىن كېيىن ،ئاتا-ئانام،ئۇرۇق تۇغقانلار سىزگە ئازار بېرىشى ،ھاقارات قىلىشى مۇمكىن،سىزنىڭ جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ،يەنە يۇرتقا ئېلىپ كېتىۋاتىمەن،كۆڭلىڭىز ئازار يەپ قالسا مەندىن بىزار بولۇپ كېتەرسىزمۇ؟
-كۆپ ئويلىماڭ مۇھەممەت،بۇرۇن مەنمۇ خۇددى سىزدەك ئويلايتتىم،باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن ،كۆڭلۈمنىڭ ئازار يېيىشىدىن بەكلا قورقاتتىم،شۇڭلاشقا سىزنى ياخشى كۆرسەممۇ،ئېتىراپ قىلىشقا پەقەتلا جۈرئەت قىلالمىغان ئېدىم،لېكىن سىز ماڭا جۈرئەت ئاتا قىلدىڭىز،ئەمدى بۇ قەدەمنى باسقان ئىكەنمەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن،ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمەن، سىز بىلەن جاپادىمۇ،ھالاۋاتتىمۇ بىرگە بولۇپ،مەڭگۈ ئايرىلمايمەن.
-ئۇنداقتا قول بېرىشەيلى-ھەنىپەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قولۇمنى ئۇزاتتىم-بىر-بىرىمىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمىز.
-مەڭگۈ ئايرىلمايمىز- ھەنىپەمۇ قولىنى ئۇزاتتى ئىككىمىز باغلاشتۇق.ئاندىن مەن ئۇنى باغرىمغا باستىم.
ھەنىپەنىڭ باغرىمغا بېشىنى قويۇشى بىلەن قانلىرىم قىززىپ ،ئۇنى قوغداشقا بولغان ئېرادەم تېخىمۇ كۈچەيدى.
-ئۆينى بىلىدىكەنسەن ھە،ئاتا-ئاناڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن دەپتۇق تېخى-يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن ھېچيەرگە قارىماستىن ئۇدۇل ئۆيگە باردۇق،ئىىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ شۇنداق جىددىيلىشىپ كەتتىم،ھەنىپە قورقوپ بىر تەرەپكە مۆكۈۋالدى،ئانام ئىشىكنى ئېچىپ مېنى كۆرۈپلا سۆزلەپ كەتتى-ئۆيگە كىرە.
-ھەنىپە بۇياققا چىقىڭ-ئانامنىڭ ئۆيگە باشلىشى بىلەن تەڭ مەنمۇ ھەنىپەنى چاقىردىم،ھەنىپە تىترەپ تۇرۇپ ،خىجىللىقتىن نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەندەك مۆكۈۋالغان يېرىدىن چىقىپ مېنىڭ يېنىمغا كەلدى.
-ئانا تىنىچلىق تۇردىڭىزمۇ-ھەنىپەنىڭ ئانا دېگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ ئانام ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتى.مەن دەرھال بېرىپ ئۇنى يۆلىدىم.
-نېمە دەيدۇ،ما دەيۈز خوتۇن ،مەن خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن-ئانام ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئۆزىنى توختىتىۋالغاندىن كېيىن مېنى ئىتتىرۋەتتى.
-ئانا ئۆزۈڭنى بېسىۋال،ئىككىمىز توي قىلدۇق،ئەمدى نېمە دېسەڭمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ،بىزنى كەچۈرگىن.بىز سىلەردىن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلدۇق،سەن تېخى ھەنىپەنى چۈشەنمەيسەن،ئۇ بەك ياخشى قىز-ئانامنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىپ ،ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقا باشلىدىم.
-قۇرۇپ كەتسۇن ئۇ ياخشىلىقلىرى، ئاناڭدىن،داداڭدىن سورىماي،ھامماچاڭدەك بىر خوتۇن بىلەن توي قىلۋېلىپ ،نومۇس قىلماي ئۇنى باشلاپ بۇ يەرگە قايسى يۈزۈڭ بىلەن كەلدىڭ،ئەل جامائەت ئالدىدا يۈزىمىزنى پوق قىلماقچىمۇسەن،ئوغۇل باققانغا سازايى قىلدۇرماقچىمۇسەن، ئەڭ ياخشىسى كەت،مېنىڭ سەندەك بالام يوق،بۇ دەيۈزنى ئېلىپ كۆزۈمدىن يوقال،داداڭ كۆرۈپ قالىدىغان بولسا ،ئالەمنى مالەم قىلىدۇ،ئۇ كەلگۈچە كېتىۋال،ئەل جامائەت ئالدىدا بىزنى ياشىغىلى قوي،نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە كەت.-ئانام ھۆڭۈرەپ يىغلىغىنىچە مېنىڭ دەرۋازىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئنتىلىۋاتقان بەدىنىمنى سىرىتقا ئىتتىردى. ھەنىپە بىر ياندا،ئانام بىر ياندا يىغلاۋاتاتتى،ئۇلارغا قاراپ قانداق قىلشىمنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتاتتىم.
-ئانا جېنىم ،ئانا، مېنى كەچۈرگىن ،خەق كۆرۈپ قالسا سەت بولىدۇ،بىزنى ئۆيگە كىرگۈزىۋەتكىن،نېمە گەپ بولسا ئۆيگە كىرىپ ،ئاندىن دېيىشىلى.
-سەن تېخى ئۆيگە كىرمەكچىما ،ساڭا يەنە يۈز كېرەكما،باغرىمنى قان قىلىۋەتتىڭغۇ،ھۈ،،ھۈ،ھۈ-ئانام توختىماي يىغلاۋاتاتتى،
-جېنىم ئانا،يىغلىمغىن سەن يىغلىساڭ مەنمۇ چىدىيالمايدىكەنمەن،مەن كېتەي،سەن يىغلىمايدىغانلا بولساڭ مەن بۇ يەردىن كېتەي-مەن شۇنداق دېگىنىمچە ھەنىپەنى ئېلىپ،دەرۋازىدىن يىراقلىشىپ ،ماڭدىم،ئانامنىڭ ئۆكسۈپ،ئۆكسۈپ يىغلىغان ئاۋازى خېلى ئۇزاق يەرلەرگىچە قۇلقىمغا كىرىپ تۇردى.بۇ يىغىلار مېنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ئامالسىزلىق ياشلىرىمنى تاراملىتىشقا باشلىدى،بىراق يىغامنى توختىتىشىم كېرەك ئېدى ،چۈنكى مەن يىغلايدىغان بولسام،ھەنىپەگە تېخىمۇ بەك بېسىم پەيدا بولاتتى.
داۋامى بار