ئارىدىن بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى،ئانام بىلەن دادام ماڭا خۇددى بۇرۇنقىدەكلا ئامىراق بولۇپ كەتتى،لېكىن ھەنىپەگە بولغان مۇئامىلىسى يەنىلا ئوخشاش،ئانام گەرچە ماڭا شۇنچە كۆيۈنسىمۇ،ھەنىپەنىڭ قىلغان ئىشلىرى پەقەتلا كۆزىگە سىغمايتتى،ماڭا ھەركۈنى خوتۇڭ ئانداق خوتۇنۇڭ مانداق دەپ ،توختىماي ئۇنى چېقىشتۇرۇپ تۇراتتى.
ھەنىپە مەن ھوشۇمنى يوقاتقان شۇ كۈندىن باشلاپ،ئاش-تاماق،ھويلا ئارام قاتارلىق بالىق ئۆي ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ئانام بىلەن دادامغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ،ھېچ ئانامغا ياخشى كۆرۈنگەندەك ئەمەس ئىدى،ئانام ھەنىپەگە ئۇدۇللاپ گەپ قىلمىغاچقا ،بەزى ئىشلارنى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلالماسلىقى تەبىئىي ئىدى،بىراق ئانام ھەنىپەنىڭ قىلغان ھەممىلا ئىشىدىن قۇسۇر ئىزدەيتتى،بىر كۈنى -ئەتكەن ئېشى تۇزلۇق،دېسە بىر كۈن تۇزى كەم،بىركۈن .سەيدىن قۇسۇر تاپسا بىر كۈن ئېشىدىن دېگەندەك،ماڭا شۇنداق ئۇششاق چۈشەك گەپلەردىن تارتىپ ،توختىماي ئېيىتقۇلۇق ئېيتىپ تۇراتتى،ئانامغا گەپ قىلاي دېسەم ،ئۆزۈڭ ئالغان خوتۇن بولغاچقا ،يان بېسىۋاتامسەن دېمىسۇن دەپ كۆڭۈل ئايايمەن،ھەنىپەگە بىرنېمە دەي دېسەم،ئانامنىڭ ئېيىتقان بىر ئېغىز گېپىمۇ تۈزۈك چاك باسمايدۇ،مەن ھەنىپەنى ئوبدان چۈشىنىمەن،ھەر قېتىم،ئۇنىڭ بۇرۇن بىر قېتىممۇ قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قېتىرقىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگۈنۈمدە،ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاتا-ئانامنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئىستىكىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم.ئانام بىلەن دادام ھەنىپەگە خۇددى ئۇ بۇ ئۆيدە مەۋجۇت ئەمەستەك مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولسىمۇ،بىراق ئۇ بىر قېتىممۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ماڭا شىكايەت قىلىپ باقمىدى،شۇلارنى ئويلىساملا ئاللاھىمنىڭ ماڭا ھەنىپەدەك بىر قىزنى جۈپ قىلىپ بەرگەنلىكىگە چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيىتقۇم كېلىدۇ.
ئېتىز ئېرىقلارنىڭ ئىشلىرى تۈگىشىگە ئەگىشىپ ،ئۆيدە ئولتۇرىدىغان كۈنلىرىممۇ كۆپىيىپ قالدى،بۇنىڭ بىلەن ھەنىپە ئىككىمىزنىڭمۇ بىرگە ئولتۇرىدىغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بارغانسىرى ئۇزاقلىدى.بىراق بىزنىڭ بۇنداق كۈنلەپ،كۈنلەپ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇشلىرىمىز ئانامنىڭ كۆزىگە پەقەتلا سىغمىدى.بىركۈنى ئانام مېنى ئاتايىن چاقىرىپ چىقىپ-بالام كەچكىچە ئۆيدىن چىقماي ،خوتۇنۇڭنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئولتۇرۇشتىن خىجىل بولمامسەن،ئوغۇلبالا بولغاندىكىن،سىرىتلارغا چىقىپ ،ئەل-ئاغىنە ،دوس بۇرادەرلىرىڭنى تېپىپ،شۇلار قىلغان ئىشلارنى قىلمامسەن،قاراپ باقە سەن دېمەتلىك بالىلارغا ،قايسى سەندەك خوتۇنىنىڭ يېنىدىن چىقماي ئولتۇرىدىكىن-دېدى.
ئانامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن بۇنداق بولۇۋەرسە ھەنىپەنىڭ ئۇنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ سەت كۆرۈنۈپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆينىڭ ئوشۇق تۆشۈك كىرىم مەنبەيى بولمىغاچقا،ئاكامنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن پۇللىرىنى خىراجەت قىلىدىغان بولغاچقا ،بۇرۇنلا ئۆزۈم بىر ئىش قىلىپ ئاكامغا تايانماسلىق قارارىغا كەلگەن ئىدىم،چۈنكى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە قىلغان ئىشلىرىدىن كېيىن ،ئەمدى ئۇنىڭغا ئەمەس ئۆزۈمگە تاينىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم،شۇنىڭ بىلەن شەھەرگە كېلىپ ئىشلەپ ئازىراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ،ئۆز ئالدىمغا ئېگىلىك تىكلەش قارارىغا كەلدىم،ھەم بۇ ئىشنى دادامغا مەسلىھەت سالدىم،داداممۇ پىكرىمگە قوشۇلدى.يېزىمىزمۇ شەھەرگە ئانچە بەك يىراق بولمىغاچقا،ھەركۈنى سەھەر كىرىپ قورۇلۇشلاردا ئىشلەپ ،كەچ كىرگەندە يېنىپ چىقتىم،گەرچە قۇرلۇشلاردا ئىشلەش بىر قەدەر جاپالىق بولسىمۇ،ماڭا ئاكامنىڭ دۇكىنىدا ئولتۇرۇشقا قارىغاندا كۆپ ئەركىن ھەم ئازادە تۇيۇلاتتى.چۈنكى مېنىڭ بىر كۈن كەچكىچە ئىشلەپ ئالىدىغان پۇلۇم ئۆزۈمنىڭ ھالال تەرىمنىڭ بەدىلى،ئۆيگە قايتسام -كۈلۈمسىرەپ قارىشى ئالىدىغىنى ئۆزۈمنىڭ جۈپتى ھالالىم،ھەم سۆيگۈنۈم.بىر ئەركىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولمىسا كېرەك.
-كەچتە بالدۇرراق قايتىپ كېلەسىز -ھەنىپەنىڭ ئىشىكتىن چىقىپ ئىشقا مېڭىش ئالدىدا ئېيىتقان بۇ سۆزىدىن ھەركۈنكىگە ئوخشاشلا سۆنۈپ كەتتىم.
-مېنى سېغىنىپ كېتەمدىكەنسىز.
-ۋۇ ئەسكى كىم سىزنى سېبنىدىكەن،ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن شۇ؟
-ئەنسىرىمەڭ جېنىم،ئېرىڭىزنى ئاللاھ پاناھىدا ساقلايدۇ.
-ئىشقىلىپ بالدۇر كېلىڭ.
-سىز سېغىنغان بولسىڭىز بالدۇر كېلەتتىم ،بىراق سىز مېنى سېغىنمايدىغان تۇرسىڭىز.
-كىم سېغىنمايمەن دەپتۇ.
-ئۇنداق بولسا ،سىزنى سېغنىپ كېتىدىكەنمەن دەڭ،ئاندىن بالدۇر كېلىمەن،
-دېمەيمەنغۇ تازا.
-دېمسىڭىز مەيلى تازا كەچ كېلىمەن بۈگۈن.
-ئۇنداق قىلماڭچۇ،سىنى راسلا بەك سېغىنىپ كېتىدىكەنمەن-ھەنىپە تولىمۇ مىسكىن قىياپەتتە بوينۇمغا گىرە سالدى.
ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىتىدىن ،مەن يوق چاغلاردا بۇ ئۆيدە قانچىلىك يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم.
-ئاھ مېنىڭ جېنىم ،جاپا چېكىۋاتىسىز غەيرەت قىلىڭ،-مەن ئۇنىڭ مەڭزىگە ينىككىدە بىرنى سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن،ئانام بىلەن دادامنىڭ يېنىغا كىرىپ خوشلۇشۇۋېتىپ ئىشقا ماڭدىم،ھەنىپەنىڭ مېنى ئۇزاتقاندىكى غەمكىن چىرايى،كۈن بويى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.كەچتە بالدۇرلا ئىشتىن قايتىپ،بىر غەرىپچە تاماقخانىدىن ئۇ ياقتۇرۇپ يەيدىغان پىسا قاتلىمسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ،قوينۇمغا سېلىپ ،تەقەززالىق بېلەن،ماشنىغا چىقىپ،ئۆيگە قاراپ ماڭدىم،بىزنىڭ يېزا ماشىنا بىلەن شەھەرگە يېرىم سائەتلىك يول بولۇپ،3يۈەن كىرا ئالىدىغان ماشىنىلار بەش مىنۇتتا بىر دېگەندەك مېڭىپ تۇراتتى.بۈگۈن ھەنىپەنى ھەركۈنكىدىنمۇ بەك سېغىنىپ كېتىۋاتاتتىم،شۇڭلاشقىمۇ يېرىم سائەتلىك يول ماڭا يېرىم كۈندە بېسىلغاندەك تەس بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى.
خۇددى سۆيگۈنى بىلەن تۇنجى رەت كۆرۈشۈشكە ئالدىرىغان يىگىتتەك ،جىددىيلىك بىلەن ئۆيگە كېلىپلا ،ئۇدۇل ھۇجرامغا قاراپ يۈگۈردۈم،-ئۇف ،ھەرنېمە بولسا ئانام بىلەن دادام ھويلىدا يوقكەن،بولمىسا قوينۇمدىكى نەرسە سېزىلىپ قالار بولغىيتى-شۇ خېياللار بىلەن ھۇجرامنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم،ھەنىپە يوق،ئۇ زادى نەگە كەتكەندۇ؟قوينۇدىكى نەرسىنى دەرىزىگە قويۇپ ،ئۇدۇل باغقا يۈگۈردۈم -باغدىمۇ يوق،ئاناملارنىڭ يېنىغا كىردىم ،ئانام يۆگىنىپ يېتىپتۇ،دادام بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ،بىر ئىش بولغانلىقى ئېنىق،زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟ھەنىپە زادى نەگە كەتكەندۇ؟
نەپەسلىرىمنىڭ سوقۇشى تىزلىشىپ كېتىۋاتاتتى، ھەنىپەنىڭ ئۈرۈمچىدىن تۇيۇقسىز غايىپ بولغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىشى بېلەن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ،ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا ئامالسىز قالدىم.
-ھەنىپە قېنى،ئۇ نەگە كەتتى،ئۇنى نېمە قىلدىڭلار.
ئانام بىلەن دادام زۇۋان سۈرمىدى.
-گەپ قىلىۋاتىمەن،ئۇنى زادى نېمە قىلدىڭلار،ھەيدىۋەتتىڭلارمۇ؟گەپ قىلساڭلارچۇ؟
-سەن ئۇ بۇزۇققا نېمانۋە قىلىپ كېتىسەن،لايىقىدا گەپ قىل بىز سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ،-جىمجىت ياتقان ئانام تۇيۇقسىزلا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ،ماڭا قاراپ چەكچەيدى-سېنى ئوقىتىۋالغان ئوخشايدۇ ئۇ پاسكىنا،ۋاي ئېسىت ،بىر بالام بار،قېرىغاندا مېنى باقىدۇ ،دەپ،ئۈمۈت كۈتۈپ كەتكەنلىرىم،ۋاي ئېسىت،ھۈ،ھۈ،ھۈ.
ئانام سۆزىنى تۈگىتىپلا يىغىسىنى باشلىدى.
-ئەمدى چەكتىن بەك ئاشۇرىۋەتتىڭ ئانا،نېمىشقا ئۇنى توختىماي ھاقارەتلەيسەن،ئۇ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا زادى نېمە گۇناھ قىلدى.زادى نېمىشقا ئۇنى بۇنچىۋالا ئۆچ كۆرىسىلەر،
-كۆزۈڭگە سىغمىغان بولساق سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن بىللە كەت،سەندەك بالىنى تۇغمىغان بولاي ھۈ، ھۈ، ھۈ.
-ئۇ زادى نەگە كەتتى نېمە ئىش بولدى ماڭا دەپ بەرسەڭلارچۇ-ئانام بىلەن دادامغا يالۋۇرغاندەك قارىدىم.
-نەگە كەتكىنىنى بىز نېمە بىلمىز،كەتكەندۇ ھېلىقى بۇرۇنقى ئېرىنىڭ كەينىدىن،ھۈ،ھۈ، ھۈ،
-قايسى بۇرۇنقى ئېرى،ئۇنىڭ نەدە بۇرۇنقى ئېرى باركەن-خۇددى ئۆزۈم توغرىسىدا ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر ئىشىمنى ئاڭلاۋاتقاندەك داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، ئەجىبا ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئېرى دەۋاتقىنى ھېلىقى ئەنۋەر دېگەن ھايۋان بولمىسۇن يەنە،ئۇ بۇ يەرگە ھەنىپەنى ئىزدەپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟
-دادا،سىز بولسىڭىزمۇ گەپ قىلسىڭىزچۇ؟زادى نېمە ئىش بولدى.ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ماڭا ئايان،مەن ھەممىنى بىلىمەن ئۇ بۇرۇن توي قىلمىغان.-جىمجىتقىنە ئولتۇرغان دادامنىڭ قوللىرىغا ئېسىلدىم.
-بۇ ئىشلارنى مەنمۇ بىلمەيمەن،ئاناڭنىڭ دېگەنلىرى راس بالام،مېنىڭمۇ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، سەن كەتكەندىن كېيىن،ئايشەمخاننىڭ 8 ياشلىق قىزى پاتىمە ئىككى قېتىمدەك ھەنىپەنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ ،يەنە چىقىپ كېتىپ يۈردى،ئاناڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ-دەپ ئەنسىرەپ،ئۇنىڭ ئالدىنى توساپ سورىسا،ھەنىپە ئاچامنىڭ بۇرۇنقى ئېرى ئۇنى چاقىرىپ بەر دېگەنتى،چاقىرسام چىققىلى ئۇنمىدى -دەپتۇ،كوچىغا چىقىپ قارىساق راس دېگەندەك بىر ئەركىشى تۇرىدۇ،بىزنى كۆرۈپلا قېچىپ كەتتى.ئاناڭ ھەنىپەنىڭ يېنىغا كىرىپ سورىسا ھېچنىمە دېگىلى ئۇنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاناڭ ئىشنىڭ باش ئاخىرىنى سۈرۈشتۈرمەيلا،ئۇنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي،ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى،مەنمۇ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم، ئۇ قىز كەلگەندىن بېرى ،ئىككىڭلارنىڭ ئېناق ئكتىۋاتقىنىڭلارغا ،ئۇ قىزنىڭ مۇلايىملىقىغا قاراپ،بوپتۇ مۇشۇ ئىككىسى بەخىتلىك بولىدىغانلا ئىش بولسا بوپتۇ دەپ ،ئۇنىڭ سەندىن چوڭلىقىغىمۇ ،ئېتىبار بەرمەي ،ئاناڭنى توسۇپ تۇرغان ئىدىم.بىراق بۇ ئىشنىڭ بولغىنىنى كۆرمەمدىغان.ماڭا ئۇ بىچارە قىزغا ئۇۋال بولغاندەكلا تۇيىلىۋاتىدۇ بالام.بېرىپ ئۇنى تاپقىن ئۆزىگە بىر ئىش قىلىۋالمىسۇن يەنە.-دادامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتالماي ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتىم.
-نەگە بارىدۇ،كىمنى ئىزدەپ تاپىدۇ، بىر قېتىم ئەرگە تەگكەن ئايالنى كېلىن قىلىپ قايسى يۈزىمىز بىلەن ياشايمىز بۇ يۇرتتا،چاتىقى بولمايدىغان بولسا، يەنە،نېمىشقا يەنە ئىزدەپ كېلىدۇ؟بالىسىمۇ بارمۇ تېخى.
-بولدى بەس، قالغان ئىشنى ئاكامغا تېلىفون قىلىپ سورىۋېلىڭلار،ئۇ توي قىلغانمۇ بالىسى بامۇ،يوقمۇ ئۇ ئوبدان بىلىدۇ،ئانا سېنى كۆيۈمچان مېھرىبان ئىش ئۇقىدۇ ،دەپ بىلەتتىم ،دادامچىلىكمۇ ئەقلىڭ يوقكەن،ھەنىپەنى قوغلاپ چىقارغۇچە ئۇنىڭغا ئازىراقمۇ ئىچىڭ ئاغرىمىدىما ،ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆز قىزىڭ بولغان بولسا ،قانداق قىلاتتىڭ،قېنى سەندىكى مېھرى -مۇھەببەت،مەن خاتا قىپتىمەن،ئەسلىدە يۇرتقا كەلمىسەم بوپتىكەن،سىلەر قوغلىۋەتكەن چاغدىلا بۇ يەردىن كەتسەم بوپتىكەن،ھەنىپەنىڭ سۆزىگە كىرمىسەم بوپتىكەن، بىچارە ھەنىپە سىلەرنى قايىل قىلىمەن تاش يۈرىكىڭلارنى ئېرىتىمەن دەپ،سىلەرنىڭ تى-ھاقارەتلىرىڭلارغا چىداپ، بۇ ئۆيدە جىندەك يالغۇز ياشىدى ، بۇزادى نېمە ئۈچۈن.
ھۆڭۈرەپ يىغلاپ ،ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى باسالماي سۆزلەۋاتاتتىم-نېمىشقا مەن كەلگۈچە ساقلاپ تۇرۇپ ،ئىككىمىزنى بىللە قوغلىۋەتمىدىڭلار،مەن ئاۋال،ھەنىپەنى بىر تاپاي،ئۇنىڭغا بىر ئىش بولغان بولسا،سىلەرنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن،
سۆزۈمنى تۈگىتىپلا سىرىتقا قاراپ ئېتىلدىم،
ئاھ ھەنىپە سىز زادى نەدە،نەگىمۇ كەتكەنسىز،مېنى كەچۈرۈڭ ،سىزنى يالغۇز قويمىسام بوپتىكەن، مەندەك لاياقەتسىز ئەرنى كەچۈرۈڭ-ئۆزۈمنى توختىماستىن ئەيىپلەيتتىم،ئۇنى قەيەردىن ئىزدەشنى بىلمەيتتىم ،كاللام قاپاقتەك قۇرۇق،چەكسىز بىر خىل ئازابلىق ئېقىن ۋۇجۇدۇمنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ قىينىماقتا.
داۋامى بار.