ھەر قېتىم يامغۇر ياققان چاغدا يامغۇردا يالغۇز مېڭىش ماڭا ئادەتكە ئايلانغان ئېدى . بۇ قىلىقىمدىن باشقىلار ‹ يامغۇردا جېنى يايرايدۇ بۇنىڭ › دەپ زاڭلىق قىلىشاتتى ، ئۇلار نېمىنى چۈشۈنىدۇ ؟ بۇنى پەقەت ئۆزەملا بېلىمەن . مەن يامغۇردا يۈرسەم خۇددى ئۇ قېشىمدا پەيدا بولغاندەك ، بىر -بىرىمىزنى قولتۇقلىشىپ يامغۇر سەيلىسى قىلىۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ . يامغۇرنىڭ بىر خىل رېتىمدا شىۋىرلاپ يېغىشى خۇددى قاغجىرىغان يۈرىكىمدىن چىقىۋاتقان سېغىنىش مۇقاملىرىمنىڭ تەڭكەش مۇزىكىسىدەك بىلىنسە ، يۇپۇرماقلار يۈزىدىكى تامچىلار بولسا شۇ مۇقامدىن تۈكۈلگەن ئادىمىلىك دۇردانىلىرىدەك تۇيۇلاتتى .
1.
ماشىنىنىڭ يىلان باغرى كەتكەن يولدا كېتىۋاتقىنىغا 4 سائەت بۇلۇپ قالدى ، دېرىزىدىن سىرتقا تىكىلىپ قارىغىنىمچە كىتىپ باراتتىم . يول بۇيىدىكى گۈزەل مەنزىرلەرمۇ مېنى ئۆزىگە تارتالمايتتى . گەرچە كۆزۈم دېرىزە سىرتىدا بولغىنى بىلەن خىياللىرىم ئاللىقاچان ئاشۇ توپىلىق مەھەللەمدە ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇينىغان ئالمىلىق باغلاردا ئېدى . مەھەللەمگە ئاياق باسمىغىلى مانا ھەش- پەش دېگىچە 8 يىل بوپتۇ . ‹ بىزنىڭ ئوينىڭ كەينىدىكى قېرى جىگدە دەرىخى ھازىرمۇ بارمىدۇ ؟ ئىليار نېمە ئىشلار بىلەن يۈرگەندۇ ؟ ئۇ توي قىلغانمىدۇ ؟ دەريا بۇيىدىكى تېرەككە ئۇيۇپ قويغان ئىسمىمىز ھازىرمۇ بارمىدۇ ؟ ناۋادا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالسام قانداق قىلارمەن ؟ تۇنىمىغانغا سېلىپ ئۆتۈپ كېتەيمۇ ياكى ئۇنىڭغا 8 يىلدىن بېرى مۇشۇ كۈننى كۈتىۋاتقىنىمنى ئېيتايمۇ ؟ ›
مۇشۇنداق خىياللار بىلەن ئاپتۇۋۇزنىڭ بىكەتكە كىرگىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن . يېنىمدىكى ئايالنىڭ ‹ ئاي خېنىم كەلدۇق ، ماۋۇ ئۇزۇن يولدا مۇڭدىشىپ زېرىكمەي ماڭامىزمىكىن دېسەم ، دېرىزىدىن كۆزىڭىزنى ئۈزمەيلا ئولتۇردىڭىز ، تەبىئەت گادىيى ئەمەستۇرسىز › دېگەن قوپال ئەمما يۇمۇرىستىك سۆزلىرىگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ قۇيۇپلا ، يۈك -تاقلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەمشەلدىم .
—ھەدە ، ماۋۇ سومكا سىزنىڭمۇ ؟
كەينىمدىن چىققان بۇ ئاۋازدىن ئىتتىك كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ،16 ياشلار چاممىسىدىكى بىر قىز ماڭا كۈلۈمسىرگىنىچە بىر سومكىنى تۇتۇپ تۇراتتى .
— ياق سىڭلىم ، بۇ سومكا مېنىڭ ئەمەس ، بەلكىم يېنىمدا ئولتۇرغان ھەدەشنىڭ بۇلىشى مۇمكىن ، ھەي ھەدە ... ھەدە سۇمكىڭىز ، — دېدىم ماشىندىن چۈشۈپ كېتىۋاتقان بايامقى ئايالغا .
— ھە ، قارىمامسىز ماۋۇ ئۆيدىكىنى كۆرۈپلا سومكامنىمۇ تاشلاپ ماڭغىنىمنى ھى ھى ھى
بۇ ئايالنىڭ قىزىقچىلىقىدىن ئاپتۇۋۇزدىكىلەرمۇ تەڭلا كۈلۈشتۇق .
ئەمما ئاپتۇۋۇزدىن چۈشۈپلا ئالدىمدا تۇرغان ئىيارنى كۆرۈپ ، نېمە قىلىشىمنى بىلمەيلا قالدىم .توۋا ، مۇشۇنداقمۇ تاسادىبىلىك بۇلامدۇ ؟ يەنە تېخى بايام يېنىمدا ئولتۇرغان ئايالنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان يىقىنچىلىقىدىن ‹ بىزنىڭ ئۆيدىكى › دېگىنىنى چاقماق تېزلىگىدە چۈشۈنىپمۇ يەتتىم .
ئىليار مېنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى بولغاي ، ھەيرانلىقتىن كەينىگە مۈدۈرلۈپ كەتتى . يۈرىكىم قانچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ھېجرانىدا پۇچىلانغان بولسا ،مانا ھازىرقى بۇ رىياللىقتىن تېخىمۇ پۇچىلانماقتا ئېدى . مەن يۈك تاقلىرىمنى سۆرەشتۈرۈپ بۇ يەردىن تېزراق كېتىشكە ئالدىردىم . ئەمدى ماشىنا توساپ ، چىقاي دەپ تۇرسام كەينىمدىن ئىنتايىن تۇنۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى .
— گۈزەلئاي بۇ سىزمۇ ؟ توختاپ تۇرىڭە ...
قەدەملىرىم جايىدىلا توختاپ قالدى ، شۇنچە يىل ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان يىقىملىق ئاۋاز ، كۆزلىرىمگە سۈرتكىدەك بولغان ئاشۇ نۇر يىغىپ تۇردىغان چىراي ماڭا يىقىنلاپ كەلمەكتە . مانا ئىككى قەدەم ، بىر قەدەم ...
مەن چىداپ تۇرالماي كەينىمگە ئۆرۈلدۈم . كۆزلىرىمدىن تۈكۈلۋاتقان ياشلىرىمنى يۇشۇرۇپمۇ ئالالمىدىم . ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزەمنى شۇنداق ئاتقۇم كەلدىيۇ ، ئەمما يەنىلا ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم .
—ئىليار ، ياخشى تۇردۇڭىزمۇ ، — ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ تەسلىكتە مۇشۇ گەپنىلا قىلالىدىم .
— توۋا ، بۈگۈن چۈش كۆرمىگەندىمەن . بۇ ... بۇ ... ئەستا ! شوپۇر ئۇستام بىر دەم ساقلاپ تۇرامسىز ، مەن ئاۋۇ سىڭلىمنى ماشىنىڭىزغا سېلىپ قۇياي . سىزنى مەن ئاپىرىپ قۇياي گۈزەلئاي ...
—بولدى ئىليار ، سىز ئۆز ئىشىڭىزغا بېرىۋېرىڭ ، ئايالىڭىز ساقلاپ قالدى .
— نېمە ئايالىڭىز ؟ ۋاي نېمە دەيدىغانسىز ، ئۇ بايامقى يېنىمدا تۇرغان ئاغىنەمنىڭ ئايالى ، مەن سىڭلىمنىڭ ئالدىغا چىققانتىم ، قارىڭە ئۇياقتا تۇرغان سىڭلىم ئاسىيە بۇلىدۇ ، تۇنۇيالمىدىڭىزما ؟
ئەسلىدە بايامقى قىز ئىليارنىڭ سىڭلىسى ئاسىيە ئىكەن . شۇنچە يىللاردىن بېرى بۇ ئۇماققىنە بودەك قىز بوي تارتىپ ، ئەمدىلىكتە كۆزنىڭ يېغىنى يىگىدەك گۈزەل قىزغا ئايلىنىپ كەتكىنىدىن راسلا تۇنۇيالماي قالغان ئىكەنمەن .
ئىليار يەنىلا بۇرۇنقىدەك تېتىك كۆرۈنەتتى ، گەرچە يىللار ئۇنىڭ نۇر يېغىپ تۇرىدىغان چىرايىغا نۇرغۇن ئىزنالارنى سالغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم يەنىلا بۇرۇنقىدەك جىلۋىلنىپ تۇراتتى .
ئۇ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي سىڭلىسىنى بايامقى تاكسىغا سېلىپ قۇيۇپ ، مېنى ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن ماشىنىسىنى قوزغاتتى .
— توغرا گۈزەلئاي ، سىزنى كىمنىڭكىگە ئاپىرىپ قۇياي ؟
— موماملارنىڭ ئۆيىگە .
— نېمە ؟ ئۇ ئۆيدە ھازىر ئادەم بولمىسا ؟
— بۇنى بىلىمەن ، ئەمما شۇ ئۆيگە بارغىم بار ، كىچىكىمدىن شۇ ئۆيدە چوڭ بولغان ئېدىم ، سىزمۇ بىلىسىز ئۇلاردىن باشقىمۇ ئۇرۇق -تۇققىنىم يوق .
— لېكىن ئۇ ئۆيدە ئادەم تۇرمىغىلى خېلى يىللار بۇلۇپ كەتتى . ئادەم يوق ئۆينىڭ قانداق بۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بەلكىم ..
مەن ئىليارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ باياتىدىن ئاران تەستە تۇتىۋاتقان توۋغۇنىم بىراقلا ئېلىپ ، كۆزلىرىمدىن ياشلار چېلەك بىلەن قويغاندەك تۈكۈلىشكە باشلىدى . ئىليارمۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى بولغاي ،ماشىنىسىنى توختۇتىپ ؛
— گۈزەلئاي ، ناۋادا مېنى يەنىلا بۇرۇنقى ئىليار دەپ بىلسىڭىز ، سىزنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇياي ، ئۇ يەرگە بارىمەن دېسىڭىز ئاپىرىمەن ، لېكىن كۆرۈپ بۇلۇپ ياتاققا قايتىپ كېلىڭ . ھازىر بۇ ناھىيەدىمۇ ئۆزگىرىش زور ، نۇرغۇن جايلارنى چېقىپ بولدى . مومىڭىزنىڭ ئۆيىمۇ بۇلتۇر چېقىلىپ ، ئورنىغا بىنا ئۆي چۈشۈپ كەتتى .
مەن ئۈمتسىزلىك ئىچىدە ئىليارغا قارىدىم ، ماڭا شۇنداق قىلماقتىنمۇ باشقا ئامال يوق ئېدى ، ماقۇللىقىمنى بىلدۈرۈپ بېشىمنى لېڭشىتىپ قويدۇم .
ئىليارنىڭ تەبەسسۇملۇق چىرايى بىلەن مۆلدۈرلەپ تۇرغان ئوتلۇق كۆزلىرى ئەمدىلىكتە ئېيتقۇسىز بىر خىل ئازاپتا ماڭا تىكىلدى . ۋىسال تەشنالىقىدا رەتسىز سوقۇۋاتقان يۈرىكىم شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئازاپ ۋە خوشاللىقنىڭ ئاچىلىدا تىپچەكلىمەكتە . 8 يىلدىن بۇيان ئىچىمگە سېلىپ كېلىۋاتقان ئازاپلىرىم ، شۇنداقلا تاقىتى تاق بولغان سېغىنىشلىرىم بۈگۈن بىراقلا ئېغىز ئالغاندەك ئۆزەمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تۇتىۋالالمىدىم ، گويا كەينىمدىن بىرى ئىتتىرگەندەكلا ئىليارنىڭ باغرىغا ئۆزەمنى ئېتىپ ھوڭرەپ يىغلاپ كەتتىم .
2.
مەن ئېسىمنى بىلسەملا بوۋام بىلەن موماملارنىڭ ئۆيىدە تۇراتتىمكەن . ئاتا-ئانامنىڭ كېملىكىنىمۇ بىلمەيتتىم . مومام ماڭا سىز كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئۇلار ماشىنا ھادىسىدە تۈگەپ كەتكەن دېگەنتى . كىچىك ۋاقتىلىرىمدا بۇ سۆزگە ئىشىنىپلا يۈرەتتىم . تۇرمۇشىمىزمۇ بوۋامنىڭ تېرىغان ئىككى مو يېرىگە تايىنىپ جان باقاتتۇق . مەكتەپ يېشىغا توشقان يىلىم ، بوۋام قۇلۇمدىن يېتىلەپ مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى . بۇ مەكتەپ لاي بىلەن سۇۋالغان ئىككى كورپۇس ، ئىشىك -دېرىزىلىرىنىڭ ئەينەكلىرىمۇ يوق دېيەرلىكلا كونا ئۆيلەر ئېدى . مەن كىرگەن سىنىپتا 9 نەپەر بالا بۇلۇپ ، ئىليارمۇ شۇ سىنىپتا ئېدى . سىنىپىمىزدا توت دانە كونىراپ كەتكەن پارتا بىلەن ئولتۇرسىڭىز غىچىرلاپ ئۆرلۈپ چۈشكىدەكلا ئۇزۇن ئىككى كىشلىك ئۇرۇندۇقتىن تۆتىسىلا بار ئېدى . 9 بالىغا تۆت ئورۇندۇق ، تۆت پارتىنى قانداق تەقسىملەشتە مۇئەللىمنىڭمۇ بېشى قېتىۋاتقاندەك قىلاتتى . بۇ چاغدا ۋىجىككىنە كەلگەن بۇغداي ئوڭلۈك خوشنىمىزنىڭ قىزى ئايگۈل ؛— مۇئەللىم گۈزەلئاي يەردە ئولتارسۇن ، - دېدى ماڭا ئالىيىپ قاراپ . كىچىككىنە سەبى قەلبىم مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنىلا باشقىلارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچۇردى . مۇئەللىم ھەيرانلىق بىلەن ؛— نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز ؟ — ئۇ دېگەن ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق . — بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ ، — دېدى مۇئەللىممۇ ئايگۈلگە تەربىيە بېرىپ . — مەن ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق ئەمەس ، دادام -ئاپاملار كىچىك چېغىمدا تۈگەپ كەتكەن ، — دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي .— ئاپام سېنى بوۋاڭ مەسچىتنىڭ ئالدىدىن تېپىۋالغان دەيدۇ . — يالغان ...مەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يىغلىغىنىمچە سىنىپتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم . كەينىمدىن مۇئەللىم چىقىپ ، ‹ ئۇلارنىڭ قالايمىقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭ › دەپ بەزلەپ سىنىپقا ئېلىپ كىرىپ ، ئىليار ، ھەنىپە لەر بىلەن بىر پارتىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى . ئىليار بىزنىڭ مەھەللىدىكى سودىگەر مەمەت شاڭخەينىڭ ئوغلى ئېدى . ئۇنىڭ دادىسى بىر قېتىم شاڭخەيگە بېرىپ كىلىشى بىلەن مەھەلىدىكىلەر ئۇنى مەمەت شاڭخەي دەپ ئاتايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىكەن . ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالى مەھەلىدىكىلەردىن ياخشى ئېدى . شۇڭا ئۇ دائىم ماڭا قەلەم ، ئۆچۈرگۈچلىرىنى بېرەتتى . بالىلار مېنى‹ يىتىم ئوغلاق› دەپ چاقىرسا ، ئۇ مەن تەرەپتە تۇرۇپ ئۇلارنى تىللايتتى . مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلىسەن دېسەم ‹ مەن ئەسلىدە قوش كېزەك ئېكەنمەن ، بىر سىڭلىم باركەنتۇق ، ئەمما تۇغۇلۇپ 3 كۈندىن كېيىن تۈگەپ كېتىپتىكەن ، سېنى شۇ سىڭلىمغا ئوخشۇتىمەن › دەپ جاۋاپ بەرگىنى ھازىرمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇراتتى .مەن مومامدىن ئاتا -ئانام توغرۇلۇق يەنە نەچچە رەت سورىغان بولساممۇ ، مومام يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا جاۋاپ بەرگەن ئېدى . شۇڭا بالىلارنىڭ مېنى ‹يىتىم ئوغلاق› دەپ ئاتاشلىرىغىمۇ كۈنۈپ كەتتىم .كۈنلەر ئايلارنى ، ئايلار يىللارنى قوغلىشىپ باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ ئەلا نەتىنجە بىلەن پۈتتۈردىم . مەھەللىمىزدىكى بۇ مەكتەپتە ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغاچ ، ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى . بىر كۈنى كېچىدىكى مومامنىڭ ئۆكسۈپ يىغلىغان يىغا ئاۋاز ىدىن ئۇيغۇنىپ كەتتىم . — مەيلى قانداق جاپا تارتساقمۇ بالىنى ئوقۇتساق بۇلاتتى دادىسى ، بىزمۇ ياشىنىپ قالدۇق ، ئۇ بىزدىن قالسا يا بىر ئۇرۇق -تۇققىنى بولمىسا ، قانداقمۇ قىلار ؟!—مېنىڭمۇ شۇنداق ئوقۇتقۇم بار ، ئۇنىڭ چېچەن ئەقىللىقلىغىغا قارىمامسەن ، ئۇنى تاشلىۋەتكەن ۋاپاسىز ئاتا -ئانىسىغا ئىلگىرى مىڭ لەنەت ئوقۇغان بولساممۇ ، ئەمما ھازىر گۈزەلئاينىڭ بۇنداق ئەقىللىق ، ئىش بىلىدىغان قىز بۇلۇپ چوڭ بولغىنىنى كۆرۈپ ، ھازىر ئۇلارغا رەھمەت داۋاتىمەن . قارىغىنا ئۇنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئۆي ئىشلىرىغا قوللىرىنىڭ ئەپلىك كېلىشلىرىنى ، يەنە تېخى ئېتىز ئىشلىرىمغىمۇ ئوغۇل بالىدەك ياردەملىشىدۇ . — شۇنى دېسىلە دادىسى ، بىز يۇرتنى تاشلاپ قېچىپ چىقىۋالغىنىزغىمۇ 40 يىل بۇلاي دەپتۇ ، بۇ جەرياندا ئاز جاپالارنىمۇ تارتمىدۇق ، ئەمما بىرلا ئۈكۈنىشىم بار ، ئۇ بولسىمۇ سىزگە بالا تۇغۇپ بېرەلمىدىم . مومامنىڭ مىچىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ دېگەن بۇ سۆزلىرىدىن مەھەلىدىكى بالىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق دەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك قىلدىم ، ھەم شۇنداق خورلۇق ھېس قىلدىم ، شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ھەتتا چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ، ئاتا-ئانام بولغۇچى ئىنسان ئاتلىق كىشىلەرگە بىر خىل نەپرەت ، كىچىككىنە سەبى قەلبىمنى قاماللىدى . — نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن موماي ، ھېچقىسى يوق ، خۇدايىم مانا بىزگە گۈزەلئاينى بەردىغۇ ، ئۇنى ئۆز كۆز قارچۇغاڭنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ چوڭ قىلدىڭ ، مەن بىلەن جاپادىمۇ تەڭ يۈرۋاتىسەن . شۇنچە يىلاردىن بېرى گەرچە ئاتا-ئاناڭنى ، يۇرتنى سېغىنغان بولساڭمۇ ، مېنى دەپ بىرە قېتىم ئالدىمدا ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلىپ باقمىدىڭ ، بەزىدە كۆزلىرىڭدىكى ھارغىنلىقتىن ئەينى چاغدىكى قىلغان يەكۈنىمدىن پۇشايمەنمۇ قىلىپ قالىمەن . لېكىن سەن بىرەر قېتىممۇ مەندىن نارازى بۇلۇپ باقمىدىڭ . ساڭا يا راھەت ياشىغىدەك تۇرمۇشمۇ ئاتا قىلالمىدىم . كونىلارنىڭ ‹ ئاتا رازى خۇدا رازى › دېگىنى توغرىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە . ناۋادا ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ سەن بىلەن بىرگە بولغان بولسام ، بەلكىم كۈنلىرىمىزمۇ بۇنچىلىك غۇربەتچىلىكتە ئۆتمەسمىكىن . ئىشقىلىپ سېنى بەكلا جاپادا قويدۇم . كىچىككىنە قەلبىم بوۋام دېگەن سۆزلەرنى تازا چۈشۈنىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما مومامنىڭ ئىسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ ‹‹ مەن سىلىدىن رازى دادىسى ›› دېگەن سۆزلىرىدىن ئۇلارنىڭمۇ مەن ھېس قىلىپ كېتەلمەيدىغان نۇرغۇن ھېكايىلىرىنىڭ بارلىقى چىقىپ تۇراتتى . — ئەتە گۈزەلئاينى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيايلى . مەن ئېتىزدا باشقىلارنىڭ پاختىسىنى تېرىپ بولسىمۇ ئۇنى ئوقۇتىمەن دادىسى ،— دېدى مومام بىر ھازادىن كېيىن ئۇلۇغ كىچىك تېنىپ . — ماقۇل ، ئەتە ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيايلى ، ھاياتلا بولسام ئۇنى ئوقۇتۇپ ، كېيىن ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يىگىدەك قىلىپ قۇيۇپ ، بۇ ئالەمدىن كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق . — شۇنداق قېلىلى ...بوۋام بىلەن مومام جىمىپ قېلىشتى . بەلكىم بوۋام قۇرلۇش ئورنىدا خىش كېسەك توشۇپ ، مومام بولسا باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىدا پاختا تېرىپ چارچىغان بۇلىشى مۇمكىن . مەن خېلى ۋاققىچە ئۇخلىيالمىدىم ، كاللامدا نۇرغۇنلىغان ‹ نېمە ئۈچۈن › لەر جاۋاپ تاپالماي يا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلمەيتتىم . ئەتىگەندە مومامنىڭ يېرىلىپ يىرىكلىشىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن چېچىمنى مېھرىبانلارچە سېلىشىدىن كۆزۈمنى ئاچتىم .— تۇرىڭە قىزىم ، مەكتەپكە بارىمىز .— موما ، بىر گەپ قىلسام خاپا بۇلامسىز ؟— ۋۇتتان ، شەيتان قىزنىڭ گەپلىرىنى ، قېنى دەڭە ، نېمە گەپتى ؟— مومام مېنى ئەركىلىتىپ مەڭزىمنى چىمداپ قويدى . — مەن مەكتەپكە بارمايمەن .— نېمىشقا ؟— سىلەرنى كۈندە كۆرەلمەيدىكەنمەن ئۇ يەردە — ئارانلا بەش كۈن كۆرەلمەيسىز قىزىم . جۈمە كۈنى بوۋىڭىز بېرىپ قايتۇرۇپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ ؟!— ياق ، بارمايمەن . مېنىڭ ئوقۇغۇم يوق موما ، سىزگە ياردەملىشىپ مەنمۇ پاختا تېرىمەن . جىق پاختا تېرىپ سىزگە ھەم بوۋامغا يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىمەن موما ! — رەھمەت بالام رەھمەت ، ئەمما مەكتەپتە ئوقۇسىڭىز ، كېيىن كادىر بۇلىسىز ، ئۇ چاغدا بىزگە كىيىملا ئەمەس ، چوڭ ئازادە ئۆيلەرنىمۇ ئېلىپ بېرەلەيسىز ئەمەسمۇ ؟!— راستلا مەن ئوقۇسام كادىر بۇلامدىم ؟— ئەلۋەتتە ، سىز دېگەن ئەقىللىق قىز تۇرسىڭىز ..........شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىن باشلاپ ناھىيىدىكى ئوتتۇر مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇشنى باشلاپ كەتتىم . ئىليارمۇ مېنىڭ كەلگىنىمدىن تولىمۇ خوشال بولدى . ئىككىمىز دائىم بىرگە دەرس تەكرار قىلاتتۇق . ئۇ ماڭا شۇ يىللاردا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى . مەنمۇ بوۋام بىلەن مومامغا ئېغىرلىقىمنى سالماسلىق ئۈچۈن كۈندە بىر ۋاقلا تاماق يەيتتىم ، باشقا چاغلاردا ئۆيدىن ئەكىلۋالغان نان بىلەن چاي ئىچەتتىم . بوۋام مېنى ياخشى تاماق يىسۇن دەپ تاماق پۇلى بېرىپ تۇراتتى ، ئەمما مەن مومامغا ‹ سەن ياققان نان مەكتىۋىمىزدىكى ئېسىل تاماقلارغا يەتمەيدۇ › دەپ ھەر ھەپتىدە قايتىپ كەلگۈچە ناندىن نەچچىنى سومكامغا سېلىۋالاتتىم . كەچلىكى نان بىلەن قايناقسۇ ئىچىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرگەن ئىليار ، ئاشخانىدىن تاماق ئەپچىقىپ ئۇنىمىساممۇ ئۇنىماي ماڭا بېرەتتى . ئۇنى شۇ چاغلاردا ئۆز ئاكامدەكلا تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم . ئوقۇشتا ھەر ئىككىمىز سېنىپنىڭ ئالدىدا ماڭاتتۇق ، سىنىپ مەسئۇلىمىز مېنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمدىن خەۋەردار تاپقاندىن كېيىن ، نۇرغۇن جەھەتتە ماڭا ياردەم قىلىپ . كىتاپ پۇلىنىمۇ مەندىن ئالمايدىغان بولدى . ئاخىرى تۇلۇقسىزنىمۇ ياخشى نەتىنجىلەر بىلەن پۈتكۈزۈپ ، ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىم مەكتىۋىگە ئىمتىھان بەردىم . ئىليار تۇلۇق ئوتتۇردا بىللە ئۇقۇپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرەيلى دەپ شۇنچە گەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما جاپاكەش بوۋام بىلەن مومامنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇلارنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ يۈكىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغان ئېدىم . ئىمتىھاننىمۇ شۇنداق ياخشى بەرگەن ئېدىم ، ئەمما ‹ دېھقاننىڭ بالىسى ھامان دېھقان بۇلىدۇ › دەپ ، شۇنچە تەلمۈرۈپ كۈتكەن چاقىرىق قەغىزى ماڭا ئەمەس ، بەلكى سىنىپىمىزدىكى مەندىن ئوقۇش جەھەتتە خېلىلا تۆۋەن ئۇقۇيدىغان خوشنىمىزنىڭ قىزى ئايگۈلگە كەلدى . مەن ھېچ چۈشىنەلمەي مۇئەللىمنىڭ يېنىغا بارسام ، مۇئەللىم بىر ئوھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن ؛— گۈزەلئاي ، سىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپسىز ، ھېچقىسى يوق يەنە بىر يىل قايتىلاپ ئوقۇسىڭىز بۇلىدۇ ،— دېدى . بوۋام بىلەن مومامنىڭ شۇنچە جاپادا مېنى ئوقۇتقىنىنى ئويلاپ ، ئۇلارغا بۇ خەۋەرنى قانداق ئېيتىشنى بىلمەي بېشىم ساڭگىلغان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ، بوۋام بىلەن مومام تەڭلا ئالدىمغا چىقىپ — ھېچقىسى يوق قىزىم ، بىز سىزنى ئەيىپلىمەيمىز ، سىز ئەسلىدە ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن ، ئەمما ... ھەي بولدىلا قىزىم . بولغىلىق بوپتۇ . كېلەر يىلى يەنە بېرىڭ ، بىز سىزنى قاچان ئىمتىھاندىن ئۆتكىچە ئوقۇتىمىز . ئۇلارنىڭ بۇ مېھرىبانلىقىدىن پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم .
3مانا بۈگۈن قۇلۇمغا چاقىرىق قەغىزىنى ئالغان ھاياتىمدىكى ئەڭ بەخىتلىك كۈنىم ئېدى . ئىچ -ئىچىمدىن چىقىۋاتقان ھاياجان ھەم خوشاللىقىمنى يۇشۇرۇشقا ئاجىز ئېدىم . بىردەم بوۋامنىڭ بوينىغا خۇددى كىچىك چاغلىرىمدەك ئېسىلسام ، بىردەم مومامنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ، ئۇنىڭ يول -يول قوۋرۇق باسقان يۈزلىرىگە چوكىلدىتىپ سۈيەتتىم . تۇرمۇش غۇربەتچىلىكىدە چاچ -ساقاللىرى ۋاقىتسىز ئاقىرىپ ، ئېغىر جىسمانى ئەمگەكتىن بەللىرى مۈكچىيىپ قالغان بوۋامنىڭ كۆزلىرىدىن خوشاللىق ھەم ھاياجان ياشلىرى ئاشۇ ئاپپاق ساقاللىرىنى بويلاپ ئاقماقتا ئېدى . ئالدىمدا تۇرغان بۇ پەرىشتە سۈپەت ئاق كۆڭۈل ،كۈيۈمچانلىرىم ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئوقۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتىم . شۇ ئاخشىمى ھاياجاندىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئېدى ، ‹ ئىليار بۇ خوش خەۋىرىمنى ئاڭلىغانمىدۇ ؟ ئاڭلاپ قانچىلىك خوش بولغاندۇ ؟ قانىتىم بولسا ئېدى ئۇچۇپ بېرىپ بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا يەتكۈزسەم ، ئۇ چوقۇم خوشاللىقىدا ئىككى قۇلۇمدىن تۇتۇپ چورگىلەپ سەكرەپ كېتىدۇ › دېگەن تاتلىق خىياللاردىن ئۆزەمچە پىسىڭڭىدە كۈلۈپمۇ قۇياتتىم . ئەسلىدە ئالدىنقى يىلى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكىمنىڭ سەۋەبى باشقىلار تەرىپىدىن غەرەزلىك ئالماشتۇرۋېتىلگەنلىكىمنى ئىلياردىن ئاڭلىغىنىمدا ، ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىم بىراقلا سوۋۇپ كەتكەن ئېدى . ئەمما بوۋام ، موماملارنىڭ قاتتىق تۇرىشى ھەم ئىليارنىڭ ئاكىلارچە قىلغان نەسىھەتلىرى بىلەن مەكتەپ قوينىغا قايتا قەدەم باسقان ئېدىم . بۇ بىر يىل جەريانىدا ئىليار ماڭا روھى ئۇزۇق بولدى دېسەممۇ بۇلاتتى . چۈنكى مومام بىلەن بوۋامنىڭ ئاشۇ كېچىدىكى سوھپىتىنى تولا ئويلايدىغان ، ئادەملەرنىڭ رەززىللىكىدىن ئۇھ تارتىدىغان بۇلۇپ قالغان ئېدىم . ئىليار دەرىستىن چۈشۈپلا مېنى ئىزدەيتتى ، سۇلغۇن چىرايىمغا قاراپ ھە دېسە يۇمۇر ئېيتىپ كۈلدۈرەتتى . ئۇنىڭ ھاياتقا ، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈتلۈك سۆزلىرى مېنىڭ قاراڭغۇ يولىمنى يۇرۇتۇپ ، ئۈمۈتسىزلىككە تولغان سەلبى قەلبىمدە ئۈمۈت چىراقلىرى پىلدىرلاپ ، روھلىنىپ تېتىكلىشىپ قالاتتىم . تاڭ سەھەر ... ئۇپۇق تەرەپ سۈزۈلۈپ ئاقىرىشقا باشلىدى ، خۇددى غايىپ بىر قول تۈننىڭ قارا پەردىسىنى ئاستا سېرىپ ئېچىۋاتقاندەك ، قارامتۇل تاغلار ، ئىگىز -پەس تۇرخۇنلار ، دەل -دەرەخلەر بىرمۇ -بىر نامايەن بۇلىشقا باشلىدى . گىرىمسەن تاڭ نۇرى ئۇلارنى سۈيۈپ ئويقىدىن ئۇيغاتماقتا ...مەن بۈگۈن بۇ توپىلىق مەھەللەمنىڭ تاڭ مەنزىرسىنىڭ بۇنچىلىك گۈزەللىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىشىم ئېدى . تاڭ مەنزىرسىگە زوقلانغان ھالدا ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى قېرى جىگدە دەرىخى ئالدىغا كېلىپ ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئالدىم . يىقىنلا يەردىن ئاياق تېۋىشى ئاڭلاندى . ئىتتىك بۇرۇلۇپ كۈلۈمسىرىگىنىچە كىلىۋاتقان ئىليارنى كۆرۈپ خوشاللىقىمدا ۋاقىرۋەتكىلى تاسلا قالدىم . — بۇنچە ئەتىگەندە جىندەك بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن ئىليار ؟— مېنى خوشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولما دىمەكچىمۇ سەن ؟ — ھە سەن خەۋەر تېپىپسەندە ؟ مەن تېخى قانداق بولغاندۇ دەپ كېچىچە تىت -تىت بۇلۇپ چىقتىم .— ئەلۋەتتە خەۋەر تاپىمەندە ، بۇ كىچىككىنە مەھەللىدە بۇنداق خەۋەرنىڭ بىردەمدىلا ھەممە ياققا تارقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى سەنمۇ بىلىسەن ، ئاخشام كەچتە ئاڭلاپلا كەلگەن ئېدىم ، ئەمما ئۆيىڭلەرگە شۇنچە كەچتە كىرىشكە پېتىنالماي ، خېلىغىچە سىرتتا ئايلىنىپ يۈرۈپ قايتىپ كەتتىم . سېنى تەبرىكلەيمەن گۈزەلئاي . سەن ئۈچۈن بەكمۇ خوشال بولدۇم . ئىليار شۇنداق دېگىنىچە بىر تۇتام ياۋا گۈلنى ماڭا ئۇزاتتى . — ۋاھ ، نىمانداق چىرايلىق !— ياقتۇردۇڭمۇ ؟— ئەلۋەتتە !— سېنى دەپ قاق سەھەردە ئېتىزمۇ -ئېتىز يۈرۈپ ئۈزۈپ كەلدىم . — رەھمەت ساڭا ، ناۋادا مېنىڭ ئۆز ئاكام بولسىمۇ بەلكىم سەنچىلىك قىلماس بولغۇيتتى . مېنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈپ ، نىمىگە ئامراقلىغىمنى سەنلا بىلىسەن . — ياق گۈزەلئاي ، مەن ئەمدى ساڭا ئاكا بولمايمەن .— بۇ نېمە دېگىنىڭ ، ياكى ئاپاڭ ساڭا سىڭىلدىن بىرنى تۇغۇپ بەردىمۇيا ؟— ئەخمەق قىز ، كىينچە چۈشۈنىپ قالىسەن . بولدى مەن قايتاي ، ئۆيدىكىلەرگە تۇيدۇرمايلا چىققان ئېدىم . كەچتە سېنى مۇشۇ يەردە ساقلايمەن . خوش !ئىليار شۇنداق دېگىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپلا تېز -تېز مېڭىپ كىتىپ قالدى ، ئۇنىڭ چەبدەس قەدەملىرىدىن چىقىۋاتقان توپىغا قارىغىنىمچە ، بايامقى گېپىنى ئويلاپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم . ‹ ئەجىبا ئىلياردىمۇ مەندەك ، ئۆزەممۇ چۈشەنمەيدىغان تۇيغۇلار پەيدا بۇلۇپ قالغانمىدۇ ؟ ياكى بۇ كىتاپلاردا تەسۋىرلەنگەندەك مۇھەببەتمىدۇ ؟ › دېگەن خىياللار بىلەن ئاستا ئۆيگە قاراپ ماڭدىم . شۇ كۈنى كۈن تولىمۇ تەستە كەچ بولدى ، كۆزلىرىم يولغا تەلمۈرەتتى ، قەدەملىرىم ئىختىيارسىز مېنى قېرى جىگدە دەرىخى تەرەپكە سۆرەيتتى . نەچچە رەت ئەينەككە قاراپ ، ئۆزەمدە بولىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئىزدەپ باقتىم . قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز ئىنتىلىش ئۇخچۇپ ، ۋۇجۇدۇم ئىسسىق بىر سىزىمدە بىھۇشلىناتتى . تەققازالىق بىلەن كۈتكەن كەچمۇ بولدى ، تامىقىمنى مومامنىڭ زورلىشىغا قارىماي چالا -بۇلا يەپلا ، ئېغىلدىكى بار -يوقى بىرتاللا قويىمىزغا ئوت ئەكىرىشنى باھانە قىلىپ ئويدىن چىقتىم . خۇددى بوۋامنىڭ ناخشىسىدەك يۈرەكنى ئېزىدىغان مۇڭ بىلەن شىۋىرلاپ سوقۇپ تۇرغان مەيىن شامال ، تاغ باغرىدىكى بۇ خىلۋەت يېزىنى كېزىپ يۈرەتتى . شالاڭ يانتاق ،قۇمۇش ئۆسكەن توپىلىق دۆڭلەرنىڭ باغرىلىرىدا ، قاغجىراپ ياتقان توپىلىق يوللارنىڭ قىرلىرىدا ئۆسكەن ياۋا گۈللەرنىڭ ئۇسسۇزلىقتىن تۈكۈلگەن بەرگىلىرى توزغاقلارغا قوشۇلۇپ ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچاتتى ، ئوتلاقتىن قايتقان پادىنىڭ ئايىغىدىن توزىغان توپىدىن ئاققۇچ تۇمانغا قاپلانغان مەھەللە پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ ئاجىز نۇرىغا يۆلەنگەن ھالدا سوزىلىپ ياتاتتى . مەن يىراقتىنلا ئىليارنىڭ جىگدە دەرىخىگە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خوشاللىقىمدا يۈگۈرۈپلا باردىم . ئەمما ئۇ مېنىڭ يېنىغا كەلگىنىمنى سەزمىدى بولغاي ، كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىككەن ھالدا خىيال سۈرۈپ ئۆلتۇراتتى . — نېمىنى خىيال قىلىپ كەتتىڭ ئىليار ،— دېدىم مەن ئۇنىڭ مىسكىن چىرايىغا قاراپ .— ھە كەلدىڭمۇ گۈزەلئاي ، ھېچنىمە ، كېلە بۇ يەردە ئولتۇرە .— ھېچنىمە دەيسەنغۇ ، قارىغىنە ئەپتىڭگە .—شۇ ...شۇ ...— ۋاي ۋۇي ، تېلىڭنى چاينىماي گاچ -گاچ دېگىنە ، بىرە ئىش بولمىغاندۇ ساڭا ؟— ياقەي ! شۇ سەن ئوقۇشقا كىتىپ قالساڭ ، سەندىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئويلاپ مۇشۇنداق ...— نەدىكى گەپنى قىلمىغىنە ، مەن ئوقۇشقا كەتسەم ئولگىلى كەتمەيمەنغۇ ؟!—ئەمما سېنى باشقىلار بوزەك قىلمىسۇن دەپ ئەنسىرەپچۇ ؛—ئۇنداق بولمايدۇ ،سەندەك ئاكام بار يەردە مېنى كىم بوزەك قىلالايتتى ، - دېدىم مەن قەلبىمدە ئۇلغۇيۋاتقان ئىزتىراپلىق خىياللىرىمنى يۇشۇرۇپ .ئىليار ئويچان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ ، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن قوللىرىمنى مەھكەم قىستى-دە ، مېنى ئالدىغا تارتىپ ئوتلۇق باغرىغا باستى . شۇ تاپتا يۈرىكىم گويا قېپىدىن قاڭقىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك ، كۆكرەك قەپەسلىرىمگە كۈچلۈك سوقماقتا ، تۇمۇرلىرىمدا قانداقتۇر بىر ئىللىق ئېقىم يامراپ ، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا كۈچلۈك ماگما ھاسىل قىلماقتا ، ئۇنىڭ باغرىدىن چىقىۋاتقان كۈچلۈك بىر ئوت - يالقۇن پۈتكۈل جىسمىمنى سىماپتەك ئېرىتىپ كۆيدۈرمەكتە ئېدى . 4ئوقۇشقا كېلىۋالغىنىمغىمۇ ئىككى ئايدەك بولدى ، بۇ جەرياندا ئىليار بىلەن كۈندە دېگىدەك خەت ئالاقە قىلىپ يۈردىم . خېتىمىزنىڭ مەزمۇنى بولسا ئوقۇش ھەم سىنىپىزدىكى قىزىقارلىق ئىشلار توغرۇلۇق ئېدى . مەن ئۇنىڭ ئالى مەكتەپكە چوقۇم ئۆتىشىگە ئىشىنەتتىم . ئۇمۇ ماڭا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ ،ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈشىمنى تەكىتلەيتتى . گەرچە خەتلىرىمىزنىڭ مەزمۇنى شۇنداق بولسىمۇ ئەمما بىر -بىرىگە تەشنا بۇ يۈرەكلەرنىڭ ئۈنتىنسىز سېغىنىشلىرىنى بىلىۋالغىلى بۇلاتتى . ئۆزەمنى بەختلىك ساناپ كېلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلىمىز تۇيۇقسىز مېنى ئىشخانىسىگە چاقىرىپ ؛— گۈزەلئاي ، بوۋىڭىزنىڭ كېسىلى ئېغىركەن . دەرھال ئۆيىڭىزگە قايتىڭ ،— دېدى جىددى قىياپەتتە . مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم .‹ بوۋام مەن ماڭغاندا ساپ-ساقلا قالغان تۇرسا ، قانداقسىگە كېسىلى ئېغىر بۇلۇپ قالىدىغاندۇ ؟ › دېگەن خىيال كاللامدا چاقماق چاققاندەك پەيدا بۇلۇپ ‹‹ بوۋا !›› دېگىنىمچە سىرتقا يۈگۈردىم . مەھەللە دوقمىشىدىن قايرىلىپلا گويا چوڭقۇر قېقىلغان قوزۇقتەك ، پۇتلىرىمنى بىر قەدەممۇ يۆتكىيەلمەي كۆزلىرىمنى چەكچەيتكىنىمچە تۇرۇپ قالدىم . دەرۋازا ئالدىدا قېرى -ياش بىر توپكىشى باشلىرىنى ساڭگىلاتقان ھالدا تۇراتتى . ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولۇپ ، يۈرىكىم بىردىنلا ئەنسىز ئېغىپ كەتتى . ئالدىمدا توساتتىن پەيدا بولغان ئىليارغا ئېسىلغىنىمچە ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم .ئەسلىدە بوۋام مېنى ئوقۇشتا ئىقسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ ، كۈندۈزى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىسە ، كېچىسى باشقىلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغۇرۇپ تىنىم تاپماي ئىشلەپتىكەن ، شۇ كۈنىمۇ كېچىچە يەر سۇغۇرۇپ ،ئەتتىگەندە قۇرلۇش ئورنىدا يوغان بىر تال لىمنى كۆتۈرىشىگە سەمتۈرلۈپ يىقىلىپ ، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ، دوختۇرخانىگە ئاپارغىچىلا جان ئۈزگەن ئىكەن . بوۋامنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى بىلەن ، مېنىڭ دارىلمۇئەللىمدە ئوقۇپ ، ئوقۇتقۇچى بۇلۇشتەك ئارزۇلىرىم سۇ ئۈستىدىكى كۈپۈكتەكلا غايىپ بولدى .مەھەللە ئىش باشقۇرۇش كومىتىتنىڭ كادىرلىرى ئەھۋالىمنى مەكتەپكە ئىنكاس قىلىپ ماڭا ئوقۇش ياردەم پۇلى بىجىرىپ بېرىشكە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ ، ئەمما ياشىنىپ قالغان مومامنى تىكەندەك يالغۇز تاشلىغۇم كەلمىدى . شۇڭا ئىليارنىڭ نەسىھەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي مەكتەپتىن چىكىندىم . شۇندىن بۇيان بۇ ئائىلىنىڭ ھەم ئوغلى ھەم قىزى بۇلۇپ ، ئىككى مو يېرىمىزگە چامامنىڭ يېتىشىچە ئىشلىگەندىن باشقا ، باشقىلارنىڭ ئېتىز ئىشلىرىغا كۈنلۈك ئىشلەپ ، مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم . مومام بوۋام كەتكەندىن بۇيان تولىمۇ جىمغۇر ، كۆزىدىن ياش قۇرىمايدىغان بۇلىۋالدى . بەلكىم ، شۇنچە يىلدىن بېرى ئىناق، ئىجىل ئۆتكەن ھەمرايىنىڭ بىرەمۇ ئۇرۇق -تۇققىنى يوق بۇ يۇرتقا بىزنى تىكەندەك قالدۇرۇپ كېتىشى ئېغىر كەلگەن بۇلىشى مۇمكىن . مەنمۇ كىيىنكى كۈنلىرىمىزنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم . ئىليار ھەر ھەپتە مەكتەپتىن كەلگەندە يېنىمغا كىلىپ ماڭا تەسەللى بېرەتتى . كۈنلەر شۇ تەرىقىدە داۋام قىلىپ مانا ئىليارنىڭمۇ ئالى مەكتەپكە ئۆتكەنلىك خەۋىرى پۈتۈن مەھەللىگە پۇر كەتتى .
5.ئىليارمۇ مەكتەپكە ماڭغىلى ھەش -پەش دېگىچە يېرىم يىل بۇلاي دېدى ، كۈنلىرىم ئۇنىڭ خېتىغا تەلمۈرۈش ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى . بىر كۈنى خوشنىمىزنىڭ مومامغا دېگەن گەپلىرىدىن سېغىنىشقا تولغان قەلبىمنى قورقۇش ، ئەنسىرەش چىرمىۋالدى . شۇ كۈنى ئېتىزغا قىر چاپقىلى ماڭغان ئېدىم ، بوۋامنىڭ مەمەت قارىم دەيدىغان بىر قەدىناسى بوۋام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ، ئېتىز -ئېرىق ئىشلىرىمىزغا ئوغۇللىرى بىلەن ھەمدەمدە بۇلاتتى . شۇ كۈنىمۇ مەمەت بوۋام ئېتىزغا قىر چېپىش ئۈچۈن ئەتىگەندىلا ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەپتىكەن ، ئۇلار بىلەن ئېتىزغا ماڭغان ئېدىم . ئەمما مەمەت بوۋامنىڭ ‹ چۈشتىمۇ ئېتىزدا چاي ئىچىپ ئىشنى تۈگۈتىپلا قايتىلى › دېگەن سۆزى بىلەن ئۆيگە نان ، چاي ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كىرگەن ئېدىم ، ئىشىكنىڭ يېنىغا كىلىشىمگە مومام بىلەن مەمەت بوۋامنىڭ ئايالى سارىخان مومامنىڭ قىلىشقان گەپلىرى ،مېنى ئىشىك ئالدىدا توختۇتىپ قويدى . — گۈزەلئايمۇ چوڭ بۇلۇپ قالدى ، قىز بالا دېگەن پاختا ئىچىدىكى ئوت ، تېزراق بىرەسىگە بېرىپ ، خاتىرجەم ئولتۇرماملا خوشنام !—داۋاتاتتى سارىخان مومام . — بالا تېخى كىچىك سارىخان ، بۇ ئىشنى تېخى كىيىنچەرەك ئويلىساممۇ كېچىكمەسمەن .— ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن ھازىرقى ياشلار بەكلا يامان ، ئاۋۇ تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ئايشەمخاننىڭ قىزى 16 گە كىرگەن تېخى ، نەچچە كۈندىن بېرى مەھەللىدە ئۇ قىزنى توي قىلماي تۇرۇپ قوسىقى يۇغۇناپ قاپتۇ دەپ سۆز -چۆچەكلەر ئېقىپ يۈرىيدۇ . شۇڭا مەنمۇ ياخشى كۆڭلۈم بىلەن سىلىگە داۋاتىمەن . — مەنمۇ ياخشى كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم خوشنام ، قىز بالىنىڭ غېمى يامان بۇلىدىكەن ، ئەمما مۇۋاپىقراق كىم بار دەيسىز بۇ مەھەللىدە ، يىراق يەرگە بېرىشكە كۆزۈم قىيمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ياتلىق قىلۋەتسەم تىكەندەكلا يالغۇز قالىمەن ،رەھمەتلىك بوۋاي دائىم ماڭا ‹ قىزىمىزنىڭ تويىنى چوڭ قىلىپ ، ئەل -جامائەتكە بارلىق بىساتىمنى بولسىمۇ چىقىرىپ داستىخان سالىمەن › دەيدىغانتى . ئەپسۇس بۇ كۈنلەر نېسىپ بولمىدى . گۈزەلئاينىڭ كىشىنىڭ كۆزىنىڭ يىغىنى يىگىدەك چوڭ بۇلىۋاتقىنىغا قاراپ ، كېچىلىرى بۇ ئىشنى ئويلاپ كۆزۈمگە ئويقۇمۇ كەلمەيدۇ ، يىقىنراق يەر بولسا كۆزۈمنىڭ ئەتراپىدا يۈرسە ياخشى بۇلاتتى . . . — مەھەللىدىكى ئەمىتاخۇننىڭ ئوغلى سىلىچە قانداق بۇلا ؟ ناۋادا ماقۇل كۆرسىلە بۇ ئىشلارنى ئۆزەملا جۆندەيمەن . — ھېلىقى بىر پۇتى ئاقساپ ماڭىدىغان ئوغلىنى دەملا سارىخان ؟— ھە ، بۇ بالا مىيىپ بولغىنى بىلەن بەكلا يۇۋاش ، گۈزەلئاينى ھەرگىز بوزەك قىلالمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلە شارايىتى خېلىلا ياخشى ، گۈزەلئاي ئۇ ئائىلىگە كىرسە ، قوساقتىن ، كىيىم -كېچەكتىن غەم قىلمايدۇ .— ئەمما تۇتقاق كېسىلىمۇ باركەن دەپ ئاڭلايمەنغۇ ؟— ۋاي ئۇ كېسىلى ناگاندا @ بىر قوزغىلارمىش ، ھازىر يۇۋاش بالىلارنى تاپماق تەس ، سەل چارچاڭ بۇلۇپ قالسا ، جۈمەلىكىڭ تولا بۇلۇپ كەتتى ، ھە دېسە موماڭنىڭكىگە قاترايسەن دەپ مۇشتىنى تەڭلىسە ، ۋاي خۇدايىم ئۇ خاپىچىلىقنى بۇ قېرىغان جېنىڭىزدا نەدە كۆتۈرۈپ يۈرىيلا ؟!— ئەمما قىزىم بۇنىڭغا قۇشۇلماسمىكىن ، ھازىر نىكا ئەركىنلىكى دەپ ، بالىلار ئالىمەن دېگەننى ئالىدىغان ، تېگىمەن دىگەنگە تىگىدىغان بۇلۇپ كەتتى . بۇرۇنقى بىزلەرنىڭ زامانىمىزدا چوڭلار نېمە دېسە شۇ ئېدى خوشنام . تەگمەيمەن دەپمۇ ھەددىمىز ئەمەس ئېدى . ھەي ... ھازىر بالىلار بەختلىك جۇمۇ !— ۋاي نېمىسىنى دەيسىز ، ھازىر شۇ نىكا ئەركىنلىكى دەپ ئۆزلىرى تاپقانغا تېگىپ ،ئالىمەن دېگەننى ئېلىپ ، ئىككى كۈن ئۆي تۇتمايلا ئاجىرشىپ يۈرمەمدۇ ئەنە ! چوڭلارنىڭ كۆرگىنى كۆپ بۇلىدۇ ، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ تېگى -تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ، ئوبدان ئادەملەردىن بولسا ئاندىن ماقۇللىقىنى بىلدۈرىدۇ . ھازىر ياشلار شۇ ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ تېگى -تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيلا كۆيدۈم -پىشتىم دېيىشىپلا توي قىلىشىدۇ . بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقىرىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس خوشنام . — ئۇ دېگەنلىرىغۇ راست ، قىزىم گۈزەلئاينىڭ بەختىنى كېچە -كۈندۈز خۇدايىمدىن تېلەۋاتىمەن . پىشانىسى پۈتۈلگەن بولسا بۇلا ، بولمىسا ئۇنىڭغىمۇ ئىلاجىمىز يوق سارىخان . — ئەمىسە سىز گۈزەلئايدىن سوراپ بىقىڭ ، ئاندىن بۇ ئىشنى دىيىشەيلى . گۈزەلئايغۇ بەكلا ئوڭ ياخشى قىز ، چوقۇم گېپىڭىزنى يارمايدۇ . — ماقۇل ، مەن كەچتە بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىپ باقاي ، قېنى نېمە دەيدىكىن ؟!— ئەمىسە مەن ئەتىگىچە يەنە كېرەمەن ، خوش مەن چىقاي !— خوش ئەمىسە . مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىليار بىلەن قىلغان ۋەدەمنىڭ ئاسانغا توختۇمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ھوجۇدۇم ئازاپلىق تىترەپ كەتى . ئەمما پاك مۇھەببىتىمدىن بۇنداقلا ۋاز كېچىشكە يۈرىكىم يول قويمايتتى ، شۇڭا ناۋادا مومام بۇ گەپنى قىلىپ قالسا قەتئىلىك بىلەن رەت قىلىش توغرۇلۇق ئويلىنىپمۇ قويدۇم .ئىش ئەمگەكلەر قىزىغان ، ئەمگەك ناخشىلىرى ئۈزۈلمەي ئېيتىلىپ ، ھارغىن دىللارغا غەيرەت ، جاسارەت ئاتا قىلغان قايناق بۇ كۈنمۇ ئاخىرلىشىپ ، بىپايان زىمىنغا گۈگۈم پەردىسى يېيىلغان چاغدا ئېتىزدىن قايتىپ كەلدۇق . مومام ئۇچاققا ئوت يىقىپ ، كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئېدى . مەن كىلىپ ئۇچاق بېشىدىكى ئوتۇنلارنى ئۇشتۇپ ئۇچاققا سالغاچ ،مومامنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتتۈم . ئەمما مومام خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ماڭا بۇ توغرۇلۇق گەپ قىلمىدى . تاماقمۇ يىيىلىپ ،قاچا- قۇچىلارنىمۇ يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ ، ئارام ئالاي دەپ ياتسام ، مومام ئاستا بېشىمغا كىلىپ ئولتۇردى ؛— قىزىم سىزدىن سوراپ باقسام ، كەلگۈسىدە قانداقراق يىگىتكە ياتلىق بۇلاي دەيسىز ؟ ئارزۇيىڭىزنى ماڭا دىيىشنى خالامسىز بالام ؟— ۋاي -ۋۇي موما ، مەن تېخى يىگىرمە ياشقىمۇ كىرمىسەم ، نېمە ئۇ توينىڭ گېپىنى قىلىپ كەتتىڭىز ؟!— ياق ئەمدى دەيمەنغۇ قىزىم ، قىز بالا دېگەن ھامان تالانىڭ ئادىمى دەپ سىزنى ھېچكىمگە بەرگىم بولمىسىمۇ ، لېكىن يەنىلا بىر كۈنى ئۇچۇپ كېتىسىز يېنىمدىن ، ئەمما سىزنىڭ قانداق ئويلىرىڭىز بار بىلىپ باققىم كىلىۋاتىدۇ . — موما ، مەن ئەتتىگەن سارىخان مومام بىلەن دېيىشكەنلىرىڭلەرنى ئاڭلاپ قالدىم ، مېنىڭ ئۇ ئابلىز بىلەن توي قىلغۇم يوق . — ۋۇي شەيتان قىز ، ئەسلىدە ئوغرۇلىقچە قىلىشقان گەپلىرىمىزىنى ئاڭلىۋاپسىز-دە!— ياق موما ، مەن ئوغرۇلۇقچە ئاڭلىمىدىم ، توغرا كىلىپ قالدى شۇڭا ئاڭلاپ قالدىم ، مەن تېخى كىچىك ، يەنە كىلىپ توي قىلمىساممۇ قىلمايمەنكى ، سىزنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمەن . — رەھمەت بالام ئىنساۋىڭغا ، لېكىن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلار چوڭ بولسا ياتلىق قىلىش ، ئۆيلەش مەجبۇرىيىتى بار ، ئەمما مەن سىزنى ھەرگىزمۇ مەجبورلاپ بىرسىگە توي قىل دېمەيمەن قىزىم . بۇنداق مەجبۇرلاش مېنىڭ بېشىمدىنلا كەتسۇن ،— مومام شۇنداق دېگىنىچە مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى .—ۋاي -ۋۇي موما ، مەن توي قىلمايمەن بولدى ، يىغلىمىڭە ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن ھەرگىز سىزنىڭ ھەم رەھمەتلىك بوۋامنىڭ يۈزى تۆكۈلدىغان ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەيمەن . — ساڭا ئىشىنىمەن قىزىم ، ئەمما قىز بالا دېگەن ئاجىز بۇلىدۇ . خۇدايىم ساقلىسۇن بالام ، مەنمۇ سېزىپ تۇرۋاتىمەن ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئىليار بار ، شۇنداقمۇ ؟— موما ... سىز ،—مەن قىزارغىنىمچە ياتقاننى تارتىپ بېشىمنى ياتقاننىڭ ئىچىگە تىقىۋالدىم . — خىجىل بولماڭ قىزىم ، مەن بۇنى خېلى بۇرۇنلا ھېس قىلغان بالام ، ئىليار ياخشى بالا ، ئاتا-ئانىسىمۇ شۇنداق ياخشى كىشىلەر ، ئەمما ئۇ ھازىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۇ يېزىغا كەلمەي ، شۇ چوڭ شەھەرلەردە قالامدۇ تېخى !— ياق موما ، ئۇ قايتىپ كىلىدۇ ، مەن ئۇنى ساقلايمەن . —راست ساقلامسىز ؟ —راست موما ، ئۇ ماڭا كىچىكىمدىن ياردەم قىلىپ كەلدى ، كىچىك ۋاختىمدا مەكتەپتە بالىلار مېنى ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق دەپ ھاقارەتلىسە ، ئۇ ئۇلار بىلەن تەڭ تۇراتتى . ناھىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىمۇ ماڭا جىق ياردەملەرنى قىلغان . —بۇلارنى بىلىمەن ، ئەمما بەش يىل ئوقۇپ كەلگىچە كىم بىلىدۇ قىزىم ، شەھەرلىك بىرەسىنى تېپىۋالامدۇ تېخى ، ئۇنداق بولسا سىزگە بەكلا ئازاپ بۇلىدۇ . —مەن قانچە ئازاپ چەكسەممۇ ، ئىليار بىلەن بىللە بۇلىدىغانلا ئىش بولسا ماڭا ھېچقانچە ئىش ئەمەس موما . —بارىكاللا قىزىم ، مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى تارتقان جاپا مۇشەققەتلەر ئالدىدا ھېچ گەپ ئەمەس . ئەمىسە سىزنى مەجبۇرلىمايمەن . خۇدايىم پىشانىڭىزگە ئىليار پۈتۈلگەن بولسا رېسقىڭلار قوشۇلار . مەنمۇ كېچە -كۈندۈز سىزنىڭ بەختىڭىزنى خۇدادىن تېلەۋاتىمەن ...—ۋۇي موما ، قارىسام گەپلىرىڭىز ئىچىدە گەپ باردەكلا قىلىدۇ ، قېنى ماڭا سۆزلەپ بېرىڭە ، بوۋام بىلەن ئىككىڭلار مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانمۇ ؟—ھوي شەيتان قىز ، ئۇ چاغلاردا مۇھەببەتلىشىش نېمە قىلسۇن قىزىم ، دەپ بەرسەم گەپ تولا ، ئىشقىلىپ مەنمۇ شۇ بوۋىڭىزغا تېگىمەن دېسەم ، ئۆيدىكىلەر قوشۇلماي ، باشقا بىرسىگە ياتلىق قىلماقچى بولدى ، يىغلاپ قاھشاپ يالۋۇرۇپمۇ باقتىم ، ئاتا -ئانامغا گەپ ئاڭلىتالمىدىم ، بوۋىڭىز شۇ چاغلاردا تولىمۇ قاۋۇل يىگىت ئېدى ، ئۇمۇ مېنىڭ باشقىلارغا ياتلىق قىلىشىمغا چىداپ تۇرالمىدى . ئاخىرى توي كۈنى كېچىدە بوۋىڭىز مېنى توينىڭ مەشرىپى قىلىۋاتقان يەردىن ئېلىپ قېچىپ كەتكەن . مانا شۇ قاچقانچە تا ھازىرغىچە مەن ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا بارىمەنمۇ دەپ باقمىدىم ، ئۇلارمۇ كىيىن بىزنىڭ نەدىلىكىمىزنى بىلىپتۇ ، ئەمما مەندەك قىزىمىز يوق دەپ مېنى يوق قاتارىغا چىقىرۋېتىپتۇ . شۇندىن بېرى بوۋىڭىز بىلەن ئىككىمىز ياققا -يۇرتلاردا يۈرسەكمۇ ئىككى بىلىكىمىزگە تايىنىپ ، تۇرمۇشنىڭ بەختىنى سۈرۈپ كەلدۇق . مال -دۇنيا ، بايلىقىمىز بولمىسىمۇ ، ئىككىمىزنىڭ بىر -بىرىمىزگە سادىق مېھرى -مۇھەببىتىمىز بار ئېدى قىزىم ، ئەمما بوۋىڭىز مەندىن بۇرۇن كېتىپ قالدى ! مېنىڭمۇ كۆرىدىغان كۈنىم ئاز قالدى ، شۇڭا كۆزۈمنىڭ مىدىراپ تۇرغان ۋاقتىدا ، سىزنى ياتلىق قىلىپ ، بىرەسىنىڭ پىشىگە ئېسىلدۇرۇپ قۇيۇپ كەتسەم ئارمىنىم يوقتى . سىز ئەمدى ئىليارنى ساقلايمەن دەپ تۇرۋالسىڭىز مېنىڭمۇ ئامالىم يوق قىزىم . مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتۈلگەن ئىش مېنىڭ بېشىمدىنلا كەتكەي . —رەھمەت موما ، مېنى چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت ،— مەن ئەركىلەپ مومامنىڭ مەڭزىگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويدۇم . موماممۇ مەڭزىمنى بىرنى چىمداپ قۇيۇپ ئورنىغا بېرىپ ياتتى . گەرچە مومامنىڭ گەپلىرىدىن خاتىرجەم بولغان بولساممۇ ، ئەمما يەنىلا كۆڭلۈم بىر شۇملىقنى سەزگەندەك ئېغىپ كەتتى . بۇ ئىش بۇلۇپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۆيىمىزگە تۆۋەنكى مەھەللىدىن ئىككى ئايال ئەلچىلىككە كەپتۇ ، بۇ مەزۇملارنىمۇ مومام چىرايلىق گەپلەر بىلەن ‹ قىزىم تېخى كىچىك › نى باھانە قىلىپ يولغا سالدى . شۇ كۈنلەردە ئۆيگە بىرەسى كىرسىمۇ ئەندىكىدىغان بۇلۇپ قالدىم . ئىليار ئوقۇشقا كېتىپ بىر يىل بولماستىن ئۆيىمىزگە ئۇ يەر -بۇ يەرلەردىن ئەلچىلەر كىلىشكە باشلىدى . بۇ گەپلەرنى ئىليارغا دەپ ، ئۇنى ئەنسىرتىشنىمۇ خالىمىدىم . خېتىمدە پەقەت ياخشى تۇرۋاتقىنىمنى ، مەندىن ئەنسىرمەسلىكنىلا يازاتتىم . ئۆزەمنىڭ چوڭ بولماي شۇ يېشىمدىلا تۇرۇپ قېلىشىمنى ئۈمۈت قىلاتتىم . ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەستە ! مەھەللىدە بىرە ئىش بولسىلا تاختا كۆۋرۈك بېشىدا ئولتۇرۇپ گازىر چاققاچ غەيۋەتكە چۈشىدىغان بىر نەچچە ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن ئۆزەم توغرۇلۇقمۇ سۆز -چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ قالاتتىم . ‹ نېمە دېسە دېمەمدۇ › دەپلا يۈرىۋەردىم .بىر كۈنى مومام ئېتىزدىن كىلىشمگە مېنى ئوينىڭ ئىچىگە تارتۇشتۇرپ ئەكىرىپ ؛—قىزىم ، مەن بۈگۈن غەلىتىلا گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم ، بەلكىم بۇ باشقىلارنىڭ تاپقان گېپىدۇ ، ئەمما يەنىلا ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلاي قىزىم ، دەڭە ، سىز مەمەت بوۋىڭىزنىڭ چوڭ ئوغلى بىلەن قانداق مۇناسىۋېتىڭىز بار ؟— نېمە دەيدىغانسىز موما ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ ئاكامنىڭ ئورنىدىكى ئادەم ، يەنە كىلىپ ئايالى خەيرىنىسا ئاچامغىمۇ مەن بەكلا ئامراق ، ئۇلارنىڭ قىزىنى ئۆز سىڭلىمدەكلا ياخشى كۆرۈمەن .— ۋاي جېنىم بالام ، بايام ئۆيدە ئولتارسام ، سارىخان موماڭ كىرىپ بىرمۇنچە كايىپلا كەتتى . سىزنى‹ ئوغلۇم بىلەن غەيرى مۇناسىۋىتى باركەن ، شۇ سەۋەپتىن كېلىنىم خەيرىنىسا ئوغلۇم بىلەن بالىسىنى تىرىك يىتىم قىلىپ ئاجىرشىمەن دەيدۇ › دېمەسما قىزىم ، بېشىمدىن تۈتىن چىقىپ كەتتى . ئەمما سارىخان مومىڭىزغا چۈشەندۈرۈپ ، سىزگە كەلگەن ئەلچىلەرنى نېمە سەۋەپتىن ياندۇرۋاتقىنىمنى دەپ بەرسەم ، شۈك بۇلۇپ چىقىپ كەتتى . — توۋا ، ئەمدى مەھەللىدىكىلەرنىڭ تاپمايدىغان شۇ گېپى قالماپتىدە ، يا مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە نان تېلەپ بارمىسام ، ئەمدى قىلىدىغان گەپ تاپالماي ، مەندەك بىر قىزغا تىغنىڭ ئۇچىنى قاراتقىنىغا ھەيران قالدىم . —قىزىم تىل دېگەننىڭ سۈڭىكى يوق ، نېمە دېگىسى كەلسە دەۋېرىدۇ . ئەمما ئۆزىمىزگە پۇختا بولساقلا بۇلىدۇ . چۈشەندىڭىزمۇ قىزىم گېپىمنى ؟—چۈشەندىم موما ، ئەمدى مەن خەيرىنىساخان ئاچاملارنىڭكىگە جىق كىرمەي ، ئېتىز ئىشلىرىمىزغا ياردەم قىلغاندىكىن دەپ ، ئۆي ئىشلىرى بولسا قىلىشىپ بېرەي دەپلا تولا كىرەتتىمكەن . قارىغاندا بۇنداق قىلسام باشقىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويغان ئوخشايمەن . دىققەت قىلاي بۇندىن كىيىن موما !— بالام ، مەن سىزدىن ئەنسىرەپلا قېلىۋاتىمەن ، سىزنى مەن ياتلىق قىلغۇچە مەھەللىدىكىلەر ياتلىق قىلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ . مۇشۇ كۈنلەردە مەھەللىدە گەپ تولا ، ئىليارغا يەنە توت يىل باركەن ، ئۇ كەلگىچە خېلى گەپلەرنى ئاڭلايدىغان ئوخشايمىز — مەن قوقمايمەن موما ، ئۇلار نېمە دېسە دەۋەرسۇن ، مېنىڭ قوقىدىغان ي