شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئوبۇل ھەسەن روزىنىڭ پىلانلىشى ۋە مەبلەغ سېلىشى بىلەن 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇرۇلغان، ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى 500 مىڭ يۈەن. شىركەت مەخسۇس ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش، توپ-پارچە سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان، مەھسۇلات سۈپىتى، ماركا ئىناۋىتى، تەرەققىياتى جەھەتتىن شىنجاڭ ئىچىدە خېلى زور تەسىرگە ئېگە گۈللىنىۋاتقان مىللي كارخانىلارنىڭ بىرى. زاۋۇت ئومۇمىي كۆلىمى 5950 كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىڭ 500 توننىغا يېتىدۇ.
مەھسۇلاتلىرى:سودا سۈيى، ماڭگو شەربىتى، ئانار شەربىتى، ئالما شەربىتى، شاپتۇل شەربىتى، كوكۇس شەربىتى، چىلان شەربىتى، قارىقات شەربىتى، ئادىشىم بالىلار ئىچىملىكى قاتارلىق 32 خىل ئىچىملىك مەھسۇلاتى بار.
شىركەتتە سېتىش بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، ئۇچۇر بۆلۈمى، ئېلان-تەشۋىقات بۆلۈمى، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى ۋە ماددىي-ئەشىيا ئوبوروت بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەر بار بولۇپ، جەمئىي 53 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە دوكتۇر بىر نەپەر، ماگىستىر ئاسپىرانت بىر نەپەر، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەر 22 نەپەر، مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەر ئالتە نەپەر، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر توققۇز نەپەر، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەر بەش نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەر توققۇز نەپەر. شىركەت ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى باشقۇرغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى جەمىئىي 150 نەپەر.
شىركەت تەرەققىيات تارىخى
2007-يىلى 6-ئايدا، جۇڭگۇ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى تەرىپىدىن «ئۈرۈمچى ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە ئەزا ئورۇن»دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2007-يىلى 8-ئايدا، «جۇڭگونىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتى»، «يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەلا مەھسۇلاتى»، «جۇڭگونىڭ نۇقتىلىق كېڭەيتىلگەن مەھسۇلاتى» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن.
2007-يىلى 9-ئايدا، «جۇڭگونىڭ AA دەرىجىلىك ئىشەنچلىك كارخانىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2011-يىلى 1-ئايدا, «شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2011 -، 2012 -، 2013-يىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتىكى سەمىمىي ئورۇن» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2012-يىلى 12-ئايدا، «توختامغا ئەمەل قىلغان ئىشەنچىلىك ئورۇن» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى 10-ئايدا، «توختامدا لەۋزىدە تۇرغان مۇنەۋۋەر كارخانا» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى 2-ئايدا، «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنى ئالاھىدە قوللىغان ئورۇن» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن.
ماڭگو قۇۋۋەت ئىچىملىكى جۇڭگو ئەقلى مۈلۈك پاتېنت ئىدارىسى تەرىپىدىن «مەھسۇلات سىرتقى ئورالما قېپى پاتېنت گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكەن.
بۇ جەريانلاردا شىركەت تەدرىجىي ھالدا ھاۋالىلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن ئۆز ئالدىغا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتەك يېڭى يۈزلىنىشكە ئۆتكەن، شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسىنى ياراتقان، جىيەنلىباۋ، قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقان ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر قوشۇنى كېڭەيتىلگەن.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ئازادلىق يولى 318-نومۇر
تېلىفون نومۇرى: 2521222-0903، 8527878-0991
تور ئادرېسى: http://www.xjabida.com
ئۈندىدار ئىزدەش نومۇرى: xjabida