باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يەكشەنبە
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

DELL شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-17 19:48:25

‹‹DELL شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

DELL شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

    باش شىتابى تىكساس شىتاتىنىڭ Austin شىتاتىغا جايلاشقان DELL شىركىتى بولسا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا كىتىۋاتقانIT  مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى. ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ۋە ئىنتېرنېت ئاساسىنى بەرپا قىلىشقاا يارىدەم بىرىدۇ. DELL شىركىتىنىڭ بازادىكى باشلامچىغا ئايلىنىشىدىكى تۈپكى سەۋەب بولسا : بىۋاستە ئىشلەتكۈچىلەگە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ ، توختىماي بار كۈچى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرگە ئەڭ ئىسىل ھىس تۇيغۇلارنى ئاتا قىلغانلىقىدا. DELLشىركىتىنىڭ ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 57600 خىزمەتچىسى بار ، ئۆتكەنكى 4 پەسىلدە ، DELL شىركىتىنىڭ ئومۇمى سودا سوممىسى 51 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.[Dell computer]


    DELL شىركىتى 1984يىلى ( Michael Dell، 1965 –يىلى تۇغۇلغان) تەرپىدىن قۇرۇلغان . ئۇ ھازىرغىچە كومپيوتېر ساھەسىدە ئەڭ ئۇزۇن باش ھوقۇق تۇتقان خوجايىن. ئۇنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ناھايتى ئاددىي : ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كومپيۇتېر ئىشلەپچقىرىش ھەمدە بىۋاستە مال ئېۋەتىىدۇ ، شۇ ئارقىلىق DELL شىركىتى خېرىدارلارنىڭ تەلىپىنى ۋاقتىدا ۋە ئۆنۈملۈك بىلىپ تۇرالايدۇ ۋە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. [Dell computer]
بۇ خىل بىۋاستە سودا ئۇسۇلى ۋاستىچى سودىگەرنى ئىشلەتمەيدۇ ، بۇنداق بولغاندا نۇرغۇنلىغان چىقىم ۋە ۋاقىت تىجىلىپ قالىدۇ ۋە DELL شىركىتى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىدۇ.  [Dell computer]
بۇنداق بىۋاستە  ئەندىزە DELL شىركىتىنى تېخىمۇ كۆپ رىقابەت ئورنى ئارقىلىق ، ھەربىر ئىشتىمالچىنى مول سەپلىمىلىك چوڭ سېستىما بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4 كۈندە بىر قېتىم ئامبار زاپسىنى يېڭىلاپ ، DELL شىركىتى دەل ۋاقتىدا  ئىستىمالچىلارنى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ ، شۇ ئارقىلىق يېڭىلىنىش سۈرئتى ئاستا ، پارچە سېتىش ئەندىزسىنى قوللىندىغان شىركەتلەردىن ئۈستۈن تۇرۇپ كەلمەكتە. [Dell computer]


تور ئەۋزەللىكىدىن پايدىلنىش
DELL شىركىتى تور ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش ۋە زاكاس قىلىش ئەندىزسىنى قوللۇنۇپ ، رىقابەت ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. DELL شىركىتى 1994-يىلى شىركەت تور بىكىتى www.dell.com نى ياساپ چىققان ، ھەمدە 1996- يىلى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىقتىدارىنى قوشۇپ ، سودىنى تورلىشىش يۆلنىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرغان . كىيىنكى يىلى ، DELL شىركىتى توردا مال سېتىش سوممىسى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن چوڭ شىركەت بولۇپ قالغان. [Dell computer]
بۈگۈنكى كۈندە ،Microsoft نىڭ كۆزنەك سېستىمىسىنى ئاساس قىلىپ ، DELL شىركىتى پۈتۈن يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ سودا تورىنى شەكىللەندۈردى. DELLPowerEdge مۇلازېمىتىردا قويۇلغان www.dell.com تور ئادرىسى 84 دۆلەتنىڭ پونكىتىنى قاپلىدى ، 28 خىل تىل ۋە ھەر خىل يەرلىك دىئالىتكا ، 26 خىل ئوخشىمىغان دۆلەتنىڭ پۇلىدا باھا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە ھەر پەسىلدىكى زىيارەت قېتىم سانى 2 مىليارد ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.
DELL شىركىتى ئىنتېرنىتنىڭ مۇھىملىقىنىڭ  ھەر قانداق ۋەزىپىدىن ئېشىپ چۈشۈدىغانلىقىنى كۈنسىرى تونۇپ يەتتى ، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ، ئىشلەتكۈچىلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ۋە ئالاقە قىلىش قاتارلىقلار. [Dell computer]
 www.dell.com تورىدا ، خېرىدارلار  DELL شىركىتىنىڭ ھەر خىل تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىغا باھا بىرىپ ، سەپلىمسىدىن ۋە باھاسىدىن خەۋەردار بولالايدۇ. خېرىدارلار توردا تۇرۇپ مال زاكاس قىلالايدۇ ھەمدە مالنىڭ ياسىلىشى ۋە يەتكۈزۈلۈش ئەھۋالىدىن خەدەردار بولۇپ تۇرىدۇ. valuechain.dell.comتورىدا DELL شىركىتى مەھسۇلات سۈپىتى ۋە ئامبار زاپىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىدۇ.[Dell computer]
DELL شىركىتى ئىنتېرنېت ئارقلىىق خېرىدارلارنى ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
 مەسلەن :  پۈتۈن يەرشارىدىكى 100 نەچچە مىڭ خېرىدار DELL شىركىتىنىڭ تور بېتى www.dell.com ئارقىلىق  DELL شىركىتى بىلەن سودا ئالاقىسى ئېلىپ بارىدۇ.
قىزىقىدىغان دوسىتلار www.dell.com ئارقىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسا بولىدۇ.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号