شىركەت نامى: قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
تىجارەت دائىرىسى: يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى، جانلاندۇرۇم، ئىنتېرنېت،ICT ...
قانۇنىي ۋەكىلى: پەخرىدىن شېرىپ (قارلۇق)
تىزىملاتقان كاپىتال: 20 مىليۇن خەلق پۇلى
خادىملارسانى: 258 نەپەر
كۆلىمى: 3800 كۋدىرات مېتىر
باش شىركەت ئورنى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى شامالباغ (يەنئەن) يولى 4- نومۇر 3-،4- قەۋەت
شىركەت تارماقلىرى:
قارلۇق ئالما تەتقىقات تەجرىبىخانىسى
شاڭخەي قارلۇق يۇمشاق دېتال شىركىتى
شىنجاڭ قارلۇق كومپيۇتېر كەسپلىرى تەربىيىلەش مەكتىپى
شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2008-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. ئاساسلىق ئېنتىرەكتىۋ يۇمشاق دېتال ياساش، جانلاندۇرۇم، مېدىيا مەھسۇلاتلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.قارلۇق شىركىتى يۇقىرى تېخنىكا سەۋىيىسىگە ئىگە مېدىيا تېخنىكا شىركىتى بولۇپ، شىركەتنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بىر قىسىم جانلاندۇرۇم، يۇمشاق دېتال ۋە ئويۇنلىرى بار. شىركەت ھازىرغا قەدەر 26 قوللىنىش يۇمشاق دېتال، 57 جانلاندۇرۇم، 500 دىن ئارتۇق 3D مودىل، 5000 پارچىدىن كۆپرەك رەقەملىك سۈرەتلەرنىڭ ئەقلىي-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 360 گىرادۇسلۇق تەسۋىر بىرىكتۈرۈش تېخنىكىسى، ئۈچ ئۆلچەملىك فىلىم ئىشلەش، ئۈچ ئۆلچەملىك ئىنتىرەكتىۋ يۇمشاق دېتال ياساش شىركەتنىڭ يادرولۇق تېخنىكىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قارلۇق شىركىتى ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر يۇمشاق دېتال تەتقىقات تەجىرىبخانىسىدۇر. شىركەتنىڭ "خاتىرەم"، "ئېلىپبە"، "ئوكيان خەۋەرلىرى"، "سالام ئەلى"،"دەستەرپىچ"،"لۇغەت" تىن ئىبارەت كۆچمە يۇمشاق دېتاللىرى تاماملىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شىركەتتە سەككىز بۆلۈم، 258 خادىم بار. شىركەتتىكى خادىملار قوشۇنى قاتتىق تاللاشتىن ئۆتكەن، تەجرىبىلىك، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلاردۇر. شىركەت ئىجادىيەت، سەنئەت ۋە مېدىيا تەتقىقات ئىشلىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە.