باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

ئىنتېل شىركىتى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-17 19:48:50

‹‹ئىنتېل شىركىتى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ئىنتېل شىركىتى (Intel Corporation) كالفورنىيە شىتاتىدىكى كىرىمنى جىلغىسىدا، 1968-يىلى 7-ئايدا كالفورنىيە سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى روبېرت نوئىس (Robert Noyce) ۋە گوردون مور (Gordon Moore)، ئاندىي گروۋ (Andy Grove) تەرىپىدىن قۇرۇلغان، شىركەت نامى ئىنتېل (integrated electronics توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئۈسكۈنىلىرى) نىڭ قىسقارتمىسى بولۇپ ھازىر دۇنيا بويىچە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك پلاستىنكا ۋە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت. 
ئىنتېل شىركىتى 1971-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى تۇنجى بولۇپ ئىشلەپ چىقارغان ھەمدە شىركەتنىڭ ئىستىقبالىنى ئۆزگەرتىپ، سانائەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەن. مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ  ئېلىپ كەلگەن كومپيۇتېر ۋە ئالاقە تورى ئىنقىلابى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن. 2002-يىلى «ئىنتېل شىركىتى» نىڭ كىرىمى 26 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ساپ كىرىمى 3 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 2002-يىلى فېۋرالدا «بايلىق» ژۇرنىلى ئىنتېل شىركىتىنى دۇنيادىكى ئون چوڭ شىركەتنىڭ 9-سى دەپ باھالىغان. 2002-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ «بايلىق» ژۇرنىلى ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ كەسپىي ئىپادىسى، خىزمەتچىلىرىنىڭ سەۋىيىسى، باشقۇرۇش سۈپىتى، شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىش قىممىتى قاتارلىق ئالتە ئۆلچەمگە ئاساسەن،«2002-يىللىق ئەڭ ياخشى شىركەت» نى رەت-تەرتىپكە تۇرغۇزغاندا، «ئىنتېل» شىركىتى 28-ئورۇندا تۇرغان.
2006-يىلى ئىنتېل شىركىتى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ پايدا سوممىسى رەت تەرتىۋىدە 8 مىليارد 633 مىليون دوللارلىق پايدىسى بىلەن 23-ئورۇننى ئىگەللىگەن.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号