باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! چۈشلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى شەنبە
باش بەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى مەشھۇر شەخسىلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر دۆلەت ۋە رايونلار بايراق ۋەگىرىبلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قوناق تائاملىرى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-24 23:33:52

ئۇيغۇرلاريىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىبولغان شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن شانلىق مەدەنىيەتكەئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرىبولۇش سۈپىتى بىلەن،تارىخىي تەرەققىياتجەريانىدا، ئۇلارنىڭياشىغان جۇغراپىيەلىكئورنى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلار ئۆزىگە خاس مول يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇ جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

 

ئۇيغۇرلار تارىختا خېلى بۇرۇنلا ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئادىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئاشلىق تۈردىكىيېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەرنىڭ بىرىبولۇپ، جۈملىدىن قوناق تائاملىرىنى ئىستېمال قىلىش ئادىتىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. قوناقـــ ئاساسلىق ئاشلىقزىرائەتلىرىنىڭ بىرىبولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ئۆسۈملۈكمېيى ۋە ۋىتامىن تۈرىدىكى ئادەم بەدىنىگەكېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بىر قەدەر مول بولغاچقا، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قاندىكى ماينىپارچىلاپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز قوناق تائاملىرىنىئاساسلىق يېمەكلىك قىلغاندىن باشقا يەنە،ئۇنى مۇھىم دورا ئورنىدىمۇ ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن.

 

 

قوناق ئادەتتە، كۆممىقۇناق ۋە ئاققوناق دەپئىككى تۈرگە بۆلۈنۈشبىلەن بىرگە يەنە، كۆممىقوناق ئاق كۆممىقوناق ۋە سېرىق كۆممىقوناق دەپ ئىككى خىلغائايرىلىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ تەبىئىتى سوغۇققا، ئاققوناقنىڭ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىلكېلىدۇ. مەيلى قايسىخىلدىكى قوناق بولسۇن، ئۇنى ئېھتىياجىغا قاراپ، ياغۇنچاق ياكىتۈگمەندە ئېزىپ ئۇن قىلغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل تائاملارنى ئېتىپيېيىشكە بولىدۇ.

 

 

كۆممىقوناقنىڭ ئۇنىدا بولسا، قوناق نان (زاغرانان)، كۆمەچ(ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان نان)،سوقتا كۆمەچ (قوناق خېمىرىنىڭ ئارىسىغا گۆشلۈك نارىن سېلىپ ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان كۆمەچ)، قوناق قۇيمىقى، قوناق پۆرىسى (قوناق خېمىرىنىڭئارىسىغا بېدە كۆكىياكى باشقا خۇرۇچلارنى سېلىپ، تونۇر ياكىئوچاققا يېقىپ پىشۇرۇلىدىغان قوناق سامسىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ) قاتارلىق نان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئېتىپ ئىستىمال قىلغاندىن باشقا يەنە،قۇناقيامىسى، ئۇماچ، زاڭ،يوبدان، مۇنەك ياكىچۇرا (گۆش، سەۋزە، بېدە كۆكى، كاۋا قاتارلىقلارنى قىيما قىلىپقوناق خېمىرىدا ئىتىلىدىغان ئاش)، ياما قايناتمىسى (قېتىق سۈزمىسى ياكى خېمىرتۇرۇچبىلەن قوناق يامىسىدائېتىلىدىغان ئاش) قاتارلىق تائاملار قازاندا ئېتىپ يېيىلىدۇ.

 

 

ئاققوناق ئۇنىدا ئاساسلىقى، ئاققۇناق نېنى، سىقماق ئېشى (ئاققوناق ئۇنىنىخېمىر قىلىپ، قول ياكى تۆشۈكچىلەر ئېچىلغان خالتىدا سىقىپ ئېتىلىدىغان بىر خىل ئاش)، ئاققوناق يامىسى، ئاققوناق ئۇمىچى، ئاققوناق كوچىسى (ئاققوناقنى ئۇن قىلماستىن، پۈتۈن پېتى قازانغا سېلىپ، باشقا خۇرۇچلاربىلەن ئېتىلىدىغان ئاش) قاتارلىق ئۆزگىچەتائاملارنى ئېتىپ يىيىشكە بولىدۇ.

 

 

ئەجدادلىرىمىز يۇقىرىقىدەك قوناق تائاملىرىنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندىنباشقا يەنە، قوناق تائاملىرىنى سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مىجەزىنىتەڭشەپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن.مەسىلەن، ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچار ياكى قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار قوناق ئۇمىچى ئىچىش، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سوغۇقىئېشىپ كەتكەنلەرتونۇر ياكى ئۇچاقتا پىشۇرۇلغان كۆمەچ تۈرىدىكى تائاملارنى ئىستېمال قىلىش، شورپىغاقوناق نېنىنى چىلاپ ئىچىش، قېتىقنى قوناقنېنىنى بىلەن ئىچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ تۇرغان.ھەتتا، يېڭى توغۇلغانبوۋاقلارغىمۇ تاماقھەزىم قىلىشى ياخشى بولۇپ، تېز چوڭ بولىدۇ، دەپ قاراپ، توغۇلۇشى بىلەنلا، قوناق نېنىنى قوينىڭ قۇيرۇق مېيى ياكى ياڭاق، باداممېغىزى بىلەن قوشۇپ،ئېغىزلاندۇرۇش ئادەتلىرىمىزمۇ ھازىرغىچەساقلىنىپ كەلمەكتە. قىسقىسى، قوناق تائاملىرى سالامەتلىككە كۆپتەرەپلىمە پايدىلىقبولغاچقا، بۇرۇنقىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە داۋالىنىش شارائىتى ھازىرقىدەك ياخشى بولمىسىمۇ،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2