باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى مەشھۇر شەخسىلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر دۆلەت ۋە رايونلار بايراق ۋەگىرىبلەر

ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-07 11:31:14

\
قۇربانجان توختى
ئۆي -ئوچاقلىق بولغان پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ بارغاندا گۆش، مېۋە - چېۋە، كىيىم-كېچەك قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ۋاپادارلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ. بۇنداق ۋاپادارلىق شەكلىنىڭ بىزدە ئومۇملاشقىنىغا ئۇزاق بولدى. بىراق، ئاتا -ئانىلارنى يوقلاشتا بىر نۇقتىغا سەل قارالدى. يەنى يوقلاش ماددىي نەرسىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ، كۆڭۈلنى ئېلىشتىكى نازۇك تەرەپلەرگە دىققەت قىلىنمىدى. 
چەت ئەلدە بىر نەچچە يىل تىجارەت قىلىپ خېلى ھاللانغان بىر ساۋاقدىشىم قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇنىڭ ئاۋۋال ئاتا - ئانىسىنىڭ يېنىغا بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر نەچچە ساۋاقداش ئۇنىڭ بىلەن شۇ يەردە كۆرۈشمەكچى بولدۇق. بىز ئۇنى چوڭ ئۆيىدە خېلى ساقلىغان بولساقمۇ ئۇ كەلمىدى، بالىسىنى سېغىنغان ئاتا - ئانا ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ كۆزلىرى تالدى. ئىنى -سىڭىللىرى نەچچە قېتىم ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۈمىدسىز قايتىپ كىردى. ھەممەيلەن ئۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرغىنىمىزدا پىكاپنىڭ سىگنالى ئاڭلاندى، ئۇنى كەلگەن چېغى، دەپ تاشقىرىغا يۈگۈرۈپ چىقتۇق. پىكاپ ھەيدەپ كەلگىنى يەنە بىر ساۋاقدىشىمىز بولۇپ، ئۇ ھېلىقى ئاغىنىمىزنىڭ چوڭ ئۆيىگە تەييارلىغان سوۋغا-سالاملىرىنى ئالدىن ئالغاچ كەپتۇ. ئۇنىڭدىن ئۇقۇشىمىزچە، ئۇ ساۋاقدىشىمىزنىڭ بېجىرىدىغان ئازراق ئىشى چىقىپ قالغانلىقتىن، بۈگۈن كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ سوۋغىلارنى ئۆزىدىن بۇرۇنراق ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىغا ئەۋەتىپتۇدەك. بۇنى ئاڭلىغان ئاتا-ئانا لاسسىدە بولۇپ قالدى. بىزمۇ ئارتۇقچە گەپ -سۆز قىلماي قايتتۇق. پۇل تېپىپ، ھوشىنى تاپمىغانلار نەزىرىدە سوۋغا - سالام ئاتا- ئانىغا كۆرسىتىلگەن كاتتا ھىممەت بولسا كېرەك. ئەمما، چوڭلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ماددىي بۇيۇم تەقدىم قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئەمەس.
\
چوڭلارغا كۆرسىتىلگەن ھەقىقىي ۋاپادارلىق ئۇلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى چۈشىنىش، مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىدۇر. ئاتا - ئانا بولغۇچى پەرزەنتلەرنىڭ ھاياتلىقىدىكى ھەر بىر ئىشىغا مىننەتسىز جان كۆيدۈرىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى، نەتىجىسى، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىغا قىزىقىدۇ، مەسلىھەت بېرىپ ھەل قىلىپ بەرگۈسى كېلىدۇ. دېمەك، ئۇلار مەڭگۈ پەرزەنت ئىشقىدا باش قاتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەر ماددىي سوۋغا بىرىشنىلا ئويلاپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆڭۈل تىۋىشلىرىنى، كۈتۈشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى، نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىسە ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئۇلارغا قەرزداردەك ھېس قىلىپ، ئۇلارنى ئىزدەشتىن، ئۇلار بىلەن سىردىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەربىر پەرزەنت ئاتا -ئانىلار بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ بىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ دېگەننى ئەستايىدىل ئويلىشى لازىم. 
\
ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدا شۇ ئېنىق بولسۇنكى، ئاتا-ئانىلار قولىمىزغىلا قارىمايدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ پات -پات يوقلاپ تۇرۇشىنى، مۇڭدىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. قۇرۇق قول بولسىمۇ، پات - پات ئاتا -ئانىمىزنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ قېرىلىقتىكى يالغۇزلۇقىغا ھال -مۇڭ، خۇشاللىق ئاتا قىلالىساق، مانا بۇ چوڭلار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا ھەم شۇ ئائىلىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ.


بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2