خوتەن قەغىزىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، تاكى يېقىنقى يىللارغىچە قەغەزچى ئۇستىلار تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە ياسىلىپ، ھاجەتمەن كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ كەلگەن. يۇقۇرىدىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەرقايسى دەۋرلەردە ئىجاد قىلىنغان ۋە كۆپەيتىلگەن ئەدەبىي ئسەرلەر، دىنىي ئەسەرلەر، قىسسە-تەزكىرىلەر ئەشۇ قەغەزلەرگە پۈتۈلگەن. ئۇندىن باشقا ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، ھەرخىل خاتىرە-پۈتۈكلەر، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئېلىم –سېتىم ھۆججەتلىرى، ھېسابات خاتىرىلىرى دېگەندەك يازمىلارمۇ ئەشۇ قەغەزلەرگە كۆچۈرۈلگەن. قەغەزلەرنىڭ بۇلاردىن باشقىمۇ نۇرغۇن ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرى ۋە يوللىرى بولغان. شۇ سەۋەپتىن يۇرتىمىزدا قەغەزچىلىك مەخسۇس بىر كەسپكە ئايلىنىپ، قەغەز ناھايىتى مۇھىم بىر توۋار قاتارىدا تۇرغان. بولۇپمۇ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان دەۋرىدە بازارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى، قەغەز باھاسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، كەسپنىڭ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن قەغەزچىلىك ئىشلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش جەھەتتە ناھايىتى زور كۆلەم شەكىللەندۈرگەن، قەغەزلەرنىڭ تۈر-خىللىرى كۆپىيىپ، سۈپىتىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن. بۇنداق ئەھۋال تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملاشقان. ئەمما، قەغەزچىلىك سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى، قەغەزگە قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى، ئەنئەنىۋى قەغەز-چىلىكنىڭ بىرقاتار يېتەرسىزلىكلىرى، قەغەز خامئەشياسىنىڭ چەكلىمىلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئەنئەنىۋى قەغەزچىلىك (خوتەن قەغەزچىلىكى) بارا-بارا زامانىۋى قەغەزچىلىككە ئورۇن بوشىتىپ، بارا-بارا يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە،خوتەن قەغەزچىـ-لىكى بۇرۇنقى شانۇ-شەۋكەتلىرى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن خوشلاشتى، قەغەز ياسايدىغان ئۇستىلارنىڭ كۆپ قىسمى قېرىدى، ئاغرىدى ۋە ئۇ دۇنياغا كەتتى؛ قەغەز ياساشنى بىلىدىغان بىرقىسىم ھۆنەرۋەنلەر تەننەرقى يۇقۇرى، جاپاسى كۆپ، ئەمما كىرىمى تۆۋەن بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللانمىدى؛ ياشلار بۇ كەسپنى ئۈگىنىشكە قىزىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن خوتەن قەغەزچىلىكى بىر خىل ھۆنەر-كەسپ سۈپىتىدە مەۋجۇت بولالماي قالدى، بارا-بارا تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا،كىشىلەر خوتەن قەغەزچىلىكىنىڭ ئاخىرقى ئۇستىلىرىدىن بولغان مەسۇم ھاپىز، توختى باقى قاتارلىقلارنى تەۋەرۈك بىلىپ، يوقىلىش كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قەغەزچىلىكتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى مىللى ھۆنەرنى قوغداپ قېلىش ھەم خاتىرىگە ئېلىش ھەققىدە ئىزدەندى. بۇ ھەقتىكى ھەرخىل ئىزدىنىشلەر ئىچىدە قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ ئىزدىنىشى ئالاھىدە گەۋدىلىك ۋە نەتىجىلىك بولدى.
قۇربانجان روزى شەيدائى – ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە شەيدا بولۇپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنى قېتىرقىنىپ ئۈگىنىپ، چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ، دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، خەتتاتلىق سەنئىتىدىكى ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتەرگەن، بۇ ساھەدە گەۋدىلىك نەتىجە-مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن تۆھپىكار ياش خەتتات بولۇپ، ئۇنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىدىكى شۆھرىتى ۋە ھۆرمىتى ناھايىتى يۇقۇرى. توختىماي ئىزدىنىش ۋە دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش - ئۇنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق پەزىلىتى بولۇپ، مانا مۇشۇ كەسپىي پەزىلىتى بىلەن ئۇ، ئەنئەنىۋى خەتتاتلىققا ئەڭ يۇقۇرى ماھارەت بىلەن يانداشقاندىن باشقا، ئۆزىگە خاس خەتتاتلىق ئۇسلۇبى ياراتقان، كومپىيوتېردا ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش، دۇنياۋى شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نى ھۆسىنىخەت بىلەن كۆچۈرۈپ چىقىش قاتارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمگەكلىرىدىن كېيىن، ئۇ بىردىنلا دىققەت نەزىرىنى خوتەن قەغىزىگە قارىتىپ، خوتەن قەغىزىگە ھۆسنىخەت يېزىش ئارقىلىق خوتەن قەغىزىنىڭ رولىنى قايتىدىن نامايەن قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا يەنە بىر يېڭىلىق يارىتىشنى نىيەت قىلدى. ئۇ، نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى خوتەن قەغىزى ياساشنىڭ ئاخىرقى ئۇستازى دەپ قارىلىدىغان توختى باقى ئۇستامنى زىيارەت قىلىشتىن باشلاپ،2007–يىلى4–ئايدا قاراقاش ناھيىسىگە بېرىپ، توختى باقى ئۇستامنىڭ قەغەز ياساش جەريانىنى تەپسىلى كۆرۈپ، ئۇنى خاتىرىلىدى. قەغەز ياساش جەريانىغا ئۆزى بىۋاستە قاتنىشىپ، خوتەن قەغىزى ھەققىدە بىۋاستە تونۇشقا ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. توختى باقى ئۇستامدىن خوتەن قەغىزىگە دائىر كۆپلىگەن بىلىم ۋە ئۇچۇرلارغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خوتەن قەغىزىگە خەت يېزىش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇ توختى باقى ئۇستامدىن يۇقۇرى باھادا خوتەن قەغىزى سېتىۋېلىپ قايتتى. بىر يىلدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلىش، مەشق قىلىش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق 2007- يىلى 4- ئايدا، قەشقەر شەھىرىدە مەخسۇس خوتەن قەغىزىگە يىزىلغان ھۆسىن خەت كۆرگەزمىسى ئىچىپ، خوتەن قەغىزىنىڭ جۇلاسىنى يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ نۇرلاندۇردى. بۇ ھەقتە شىنجاڭ تېلېۋىزىيەئىستانسىسىى «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات» پروگىرامما گۇرۇپپىسى مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقاتتى، كۆرگەزمە جەريانىدا بىر قىسىم ئەسەرلەر نەق مەيداندا كىمئارتۇق قىلىپ سىتىلدى. بەزى ئەسەرلەر ھۆسىن خەت ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن 3،4 مىڭ يۈەنگە سېتىۋىلىندى. بۇنىڭ بىلەن خوتەن قەغىزى بىلەن ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ناھايىتى ياخشى بولغان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلدى. قۇربانجان يەنە ھەر نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، يەرمەنكە مەزگىلىدە خوتەن قەغىزىگە ئۇيغۇر ھۆسىن خەتلىرىنى يېزىشتىن ئىبارەت نەق مەيدان ماھارەتى كۆرسىتىپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2008 -يىلى نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيتگاھ مەيدانىدا خوتەن قەغىزىگە ھۆسىنخەت يېزىپ كەڭ خەلق ئاممىسىغا سوۋغا قىلدى.2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27- كۈنى يۈسۇپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىدە خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان بىرتۈركۈم ئەسەرلىرى چوڭ كۆلەملىك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى ، پائالىيەتكە توختى باقى ئۇستاممۇ ئالاھىدە تەكىلپ بىلەن قاتناشتى ۋە جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. پائالىيەت جەريانىدا قۇربانجان روزى شەيدائى توختى باقى ئۇستامغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ تون كەيگۇزدى. بۇنىڭ بىلەن سەنئەت ساھەسىدە خوتەن قەغىزى قىزغىنلىقى كۆتىرىلىپ، بىر قىسىم داڭلىق خەتتات، رەسساملار خوتەن قەغىزىگە ھۆسىن خەت يازىدىغان، رەسىم سىزىدىغان كەيپىياتلار مەيدانغا كەلدى. كىشىلەر ئارسىدىمۇ خوتەن قەغىزىگە يىزىلغان ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىنى قىممەت باھادا سېتىۋىلپ، ئۇنى ئۆي ۋە ئىشخانىلىرىدا ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان ئىشلار مەيدانغا كەلدى. بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغىنى شۇكى، قۇربانجان روزى شەيدائى خوتەن قەغىزىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۇرۇش ئارقىلىق كۆركەم مول مەزمۇنلۇق ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىنى يىزىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە تۇنجى بولۇپ مەخسۇس خوتەن قەغىزىگە يىزىلغان ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى ئېچىپ، شىنجاڭدا بەلگۈلىك زور تەسىر قوزغىدى. ھەمدە نۇرغۇنلىغان خەتتات، رەسساملارغا خوتەن قەغىزىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى ۋە يولىنى ئېچىپ بەردى. ھازىر شىنجاڭدىكى بىر قىسىم داڭلىق خەتتات، رەسساملار خوتەن قەغىزىگە ھۆسىن خەت يىزىش، رەسىم سىزىش ئىشىنى بەس – بەستە ئېلىپ بارماقتا. بۇنىڭ بىلەن، خوتەن قەغىزىنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ ئىلگىركىدىن خىلى يۇقۇرى بولدى. پەقەت قۇربانجان روزى شەيدائى قارىقاشتىكى قەغەز ياساش ئۇستىسى توختى باقىدىن يىقىنقى 3 يىلدىن بۇيان6 مىڭ يۈەنگە يىقىن قەغەز سېتىۋېلىپ، توختى باقى ئۇستامنىڭ قەغەز ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقىغا زور دەرىجىدە ئىلھام بەردى. دېمەك، قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئىشلىشى نەتىجىسىدە، خوتەن قەغىزىگە ھۆسىن خەت يېزىش ۋە رەسىم سىزىش ئارقىلىق خوتەن قەغىزىنىڭ ئىقتىسادى قىممىتىنى ئاشۇرۇش، ھەم خوتەن قەغىزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك ماددىي مەدەنىيەتلىرىدىن بىرى بولغان قەغەزچىلىكنىڭ ۋە يەنە بىر قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولغان قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا مۇناسىپ ھەسسە قوشتى.
قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ خوتەن قەغىزىگە يازغان خەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك، خەتتاتنىڭ خوتەن قەغىزىگە ۋە ئۇيغۇر خەتتاتـ-لىقىغا بولغان شەيدالىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ئۇنىڭ خەتلىرىدە رۇشەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇيغۇر خەتلىرىنىڭ نەفىسلىكى، ھەيۋىتى، رەڭدارلىقى، سەنئەتلىكى ئۇنىڭ خەتلىرىدە تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ۋە مۇكەممەللىككە ئىگە ئىگە بولغان. قەغەز بىلەن خەت، خەت بىلەن سىياھ، سىياھ بىلەن مەنا خەتتاتنىڭ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلغان. خەتلەرنىڭ جەزبدارلىقى بىلەن مانالارنىڭ تىرەنلىكى ئادەمدە ئىختىيارىسىز قايىللىق پەيدا قىلسا، خەت شەكىللىرىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن قۇرۇلمىسى ئادەمدە تەبىيلا ھوزۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان خەتلىرىگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى باھا يەنىلا خەلقىمىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ۋە خەتتاتلىق ئەسەرلىرىگە بولغان مۇئەييەنلەشتۈىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە خوتەن قەغىزىگە يازغان 100 پارچىغا يېقىن خەتتاتلىق ئەسىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قەغەز مەدەنىيىتى بىلەن خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسى سۈپىتىدە قارىلىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى باھا بىلەن سېتىۋېلىنغان.
>