باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى مەشھۇر شەخسىلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر دۆلەت ۋە رايونلار بايراق ۋەگىرىبلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ ئات قويۇش مۇراسىمى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-07 11:32:14

\
تۇغۇلغان بالىغا ئات قويۇش ئادىتى (ۋاقىت مەزگىلى، شەكلى ۋە مەزمۇنى جەھەتلەردە )ھەرقايسى مىللەتلەردە پەرىقلىق بۇلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇغۇلغان بالىغا ئات قويۇش رەسمىيىتى ئومۇمەن بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا بېجىرىلىدۇ. ئات قويۇشتا ئومۇمەن ئۆيگە يۇرت مۆتىۋەرلىرى، ئىمام ياكى ئاخۇنۇم تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇلار دادىنىڭ ۋە ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئىسىم تاللانغاندىن كېيىن ئەرزان چىللاپ ئات قويۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ ۋە يېڭى ئىسىم بىلەن بالىنى تەبرىكلەيدۇ. بەزىدە تۇققانلىرى ۋە يېقىن كىشلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىسىم قويۇلىدۇ. يەنە بەزىدە بوۋاقنىڭ چوڭ دادىسى ياكى دادىسى بىۋاستە ئۆزى ئات قويۇش ئادىتىمۇ بار. مەيلى قايسى خىل شەكلىدە ئات يويۇش بولسۇن، بۇ مۇراسىمغا ئات قويۇش رەسمىيىتىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە بىر قانچە كىشى تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئات قويغۇچى تاھارەت ئېلىپ ئالدىنى مېھراپقا قىلىپ جاينامازدا ئولتۇرىدۇ. ئات قويغۇچى ئادەم بوۋاقنى ئىككى قولىدا تۇتۇپ، ئايەت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن« ئەرزان چىللاپ قويغان ئىسمىڭىز بولسۇن »دەپ، بوۋاقنى ئاۋايلاپ جاينامازنىڭ ئۈستىگە دۇمۇلۇتۇپ ئاندىن دادىنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. ئات قويغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا مەلۇم سوۋغا تەغدىم قىلىنىدۇ.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2