جىنسى ئاجىزلىق دىگەن نىمە ؟ جىنسى ئاجىزلىق چۇشىنەمسىز

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > جىنسىيەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : BAXLAN       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-11 12:33:19

\

 

 

جىنىسي ئاجىزلىق[阳痿][impotence] دىگەن بۇ سۆزگە ھەر كىمنىڭ ھەر خىل قارىشى بار .بۇ قاراشلاردىن كەڭرەك مەنىدىكىسىدە جىنسى ھەۋەس سۇسلىشىش ،زەكەر قايىم بولماسلىق،مەنىي تىز چىقىپ كېتىش ھادىسلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ جىنسىي ئاجىزلىق دەپ قارىلىدۇ.تارراق مەنىدىكىسىدە زەكەر قايىم بولماسلىق تۈپەيلى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغىلى بولماسلىق ياكى گەرچە زەكەر قايىم بولسىمۇ ،لېكىن جنىسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا يارىغۇدەك دەرىجىدە چىڭىماسلىق،مۇشۇنداق بولۇپ قالغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلار جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ،دەپ قارىلىدۇ.مېدېتسىنادا ئالدىنقىسى تولۇق جىنسي ئاجىزلىق كېينكىسى يېرىم جىنسىي ئاجىزلىق دەپ قارىلىدۇ.
ياپۇنىيىلىك ئالىم جىنزى:جنىسىي ھەۋەس،زەكەرنىڭ قايىم بولىشى،جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش،مەنىي چىقرىش،قېنىش جەريانلىرىدىن بىرسى كەم بولىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلار ياكى بۇ جەريانلارنى تولۇق ئورۇندىيالمايدىغانلار جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ ھەقتە ياۋرۇپا ،ئامرىكا ئالىملىرنىڭ قارىشىمۇ جۇڭگۇدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىمۇ ھەرخىل .خەلىقئارا جىنسىي ئاجىزلىق جەمئىيىتى:جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە زەكىرى جىنسىي مۇناسىۋەتكە يارىغۇدەك دەرىجىدە قايىم بولمايدىغانلار جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ دەپ تەبىر بەرگەن،
ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ قارىشىدا ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىق ئاساسلىقى بۆرەك ئاجىزلىقى ، رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ، ئۇزۇن مەزگىل ئاغرىپ يېتىپ قېلىش ۋە شۇ كېسەلنىڭ ئاسارەتلىرى ، ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق، تاناسىل ئەزانىڭ مىزاجى ئىسسىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى ، تاناسىل ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ، ئۇرۇقداننىڭ زەخمىلىرى، مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ، چىكىملىكنىڭ تەسىرى ، روھىي زەربىگە ئۇچراش ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سۇست بولۇش، ، ساغلام بولغان جىنسىي كۆز قاراش يېتىلدۈرمەسلىك ، سۈپەتسىز جىنسىي ئالاقىدە بولۇش ، سېرىق مەزمۇندىكى كىتاپ ، لېنتىلارنى كۆرۈش ، ساغلام بولمىغان ئېنتىرنىت مەزمۇنلىرىنى كۆرۈش ،ۋە شۇ مەزمۇندىكى پاراڭلارنى تولا قىلىش ، ئانانىزىم قاتارلىقلارنىڭ تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ، ۋاقتىدا ، توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا بارا – بارا ئېغىرلىشىپ بارىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، جىنسىي ئىنتىلىش سۇسلىشىش ، رىغبەت ئازىيىش ، لەززەتلىنەلمەسلىك ياكى لەززەتنىڭ سۇست بولۇشى ، قوزغىلىش سۇس بولۇش ۋە بوشاپ كېتىش ياكى قوزغالماسلىق ،ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .
قەدىمقى ھەكىملەردىن شەيخ ئىبىن سىنا جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن :
بۇنىڭ سەۋەبى يا ئالەتنىڭ ئۆزىدە يا ئۇرۇق ئەزالىرىدا ياكى باشقۇرغۇچى ئەزالاردا ۋە ئۇلارغا قوشنا ئەزالاردا ، ياكى باشقۇرغۇچى ئەزالار بىلەن جىنسىي ئەزالار ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇچى ئەزالاردا بولىدۇ . بەزىدە بۇ مەخسۇس قوشنا ئەزالاردىكى سەۋەبتىن ، ياكى بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىدا ياكى بەدەننىڭ ھەممىسىدە دەمنىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ .
ئالەتنىڭ ئۆزى سەۋەب بولىدىغان نۇقسان ئالەت مىزاجىنىڭ تۈزۈلۈشىدىن ياكى ئۇنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى بوشىشىدىن بولىدۇ . ئالاقە خاھىشىنىڭ ماياكلار ۋە ئۇرۇق ئىدىشلىرى (ئۇرۇقدانلىرى) سەۋەبلىك كېمىيىشى ئۇلاردىكى مىزاجنىڭ ساددا ھالدا ياكى قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلىشىپ ھەددىدىن تاشقىرى بۇزۇلىشىدىن بولىدۇ ، بۇ كىيىنكىسى ئەڭ ياماندۇر . ياكى بۇنىڭدا تەنھا قۇرۇقلۇقنىڭ ئۆزى غەلىبە قىلغان بولىدۇ . بۇ نۇقسان بەزىدە ئۇرۇق ھەرىكتىنىڭ سۇستلۇقى ۋە قوزغاتقۇچى ئېچىشتۇرۇش تەسىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىدىن بولىدۇ . بەزى كىشىلەردە ئۇرۇق كۆپ بولسىمۇ ، ئۇلار ئالاقە قىلغانلىرىدا ئۇرۇق قۇيۇقلۇقى سەۋەبلىك تۆكۈلمەيدۇ ، لېكىن كېچىلىرى ئېھتىلام بولىدۇ ، چۈنكى بۇلاردا ئۇرۇقدان كىچىسى قىزىيدۇ ، ئۇرۇقمۇ قىزىپ سۇيۇلىدۇ .
باشقۇرغۇچى ئەزا سەۋەبلىك بولغان كەملىككە كەلسەك ، بۇنىڭ سەۋەبى قەلب(يۈرەك)تىن بولۇشى مۇمكىن ، بۇنىڭدا ئالەتنى كېڭەيتكۈچى روھ ۋە يەل ماددىسى كېسىلىپ قالغان بولىدۇ ؛ سەۋەب جىگەردىن بولغىنىدا ، ئۇرۇق ماددىسى كېسىلىپ قالغان بولىدۇ ؛ سەېەب مېڭە تەرەپتىن بولغىنىدا سېزىشچان قۇۋۋەتنىڭ ماددىسى كېسىلىپ قالغان بولىدۇ ؛ بۇنىڭغا سەۋەب بۆرەكنىڭ سۇۋۇشى ، ئۇرۇقلىشى ۋە بۇنىڭ مەلۇم كىسەللىكلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن ؛ بۇنىڭغا بەزىدەھەزىم قىلىش ناچارلاشقاندا ئاشقازانمۇ سەۋەب بولىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى يا باشلانما ئەزانىڭ كۈچسىزلىكى سەۋەبلىك ياكى باشلانما ئەزالار بىلەن جىنسىي ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى يوللارنىڭ توسۇلۇشى سەۋەبىدىن بولىدۇ . مېڭە سەۋەبلىك بولغان جىنسىي زەئىپلىك كۆپىنچە ئۇرۇلۇش ياكى يېقىلىش سەۋەبلىك بولىدۇ .
ئالاقە قابىلىيىتىنىڭ كەملىك سەۋەبى تۆۋەندە جايلاشقان ئەزالاردا بولۇشىغا كەلسەك ، بۇلاردا مىزاج ئىنتايىن سۇغۇق يا ئىنتايىن ئىسسىق ياكى قۇرۇق بولۇپ ، نەتىجىدە دەملىگۈچى يەل يوقىلىدۇ . دەملىنىش قوزغىلىشقا ياخشى ياردەمچىدۇر . ھەتتا ، قېرىندىكى دەملىك ، ئەگەر ئۇ ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ بولۇپ ئەلەم بەرمىسە ، ئالەتنى قوزغىتىدۇ . سەۋدايى كېسەل كىشىلەردە دەملىنىش كۆپ بولۇشتىن ئالەت كۆپ قوزغىلىدۇ.
قوشنا ئەزالاردا بولىدىغان كېسەللەرگە كەلسەك ، مەسىلەن بۇۋاسىرنى كېسىشتە ئۇنىڭ ئارقا تۆشۈكىگە ئەلەم يېتىپ ، بۇ ئارقا تۆشۈك ۋە ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى بىلەن ئالەت ئەزالىرىنى تۇتاشتۇرغان ئەسەبكە زەرەر قىلغان بولىدۇ . ئۇيۇلۇش ۋە تۈرلۈك خىياللارمۇ جىنسىي ئالاقىنى سۇستلىتىدىغان ، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نەرسىلەردىن سانىلىدۇ . بۇلار مەسىلەن ، ئالاقە قىلىدىغان ئايالنى يامان كۆرۈش ياكى ئۇنىڭدىن ئۇيۇلۇش ، ياكى ئالاقىدىن بۇرۇن ئالاقىگە كۈچسىز ۋە ئاجىز بولۇپ قالىمەن دەپ يۈرەكتە قورقۇنچ پەيدا بولۇش – بولۇپمۇ ئالدىدا ئۇنىڭدا تاسادىپىي شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسا ھەر قېتىم ئالاقە قىلماقچى بولغىنىدا بۇ نەرسە كۆز ئالدىغا كېلىپ ئالاقىگە ئاجىز بولىدۇ . ئالاقىنى تەرك قىلىشمۇ زەئىپلىككە سەۋەب بولىدۇ ، بۇنىڭدا نەفس ئۇنى ئەستىن چىقىرىپ ، ئەزالار ئۇنىڭدىن قايتىدۇ ۋە تەبىئەت ئۇرۇق تۇغدۇرۇش بىلەن كەم شۇغۇللىنىدۇ . بۇ بالىنى سۈتتىن ئايرىغان ئايالدا تەبىئەت سۈت تۇغدۇرۇش بىلەن شۇغۇللانماي قالغىنىغا ئوخشايدۇ.
بىلگىنكى، ئالەتنى قوزغىتىدىغان سەۋەب ئۇرۇقتىن ياكى باشقا نەرسىدىن قوزغالغان يەلدۇر ، سۇغۇق ۋە ئىسسىق ئىككىلىسى يەلگە زىتتۇر ، چۈنكى سۇغۇق يەلنىڭ تۇغۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ، ئىسسىق بولسا يەل ماددىسىنى تارتىپ چىقىرىۋېتىدۇ . يەلنى تۇغدۇرۇشقا مۆئدىتىل رۇتۇبەت (ھۆللۈك) ۋە ئۇنىڭغا يارىشا ھارارەتكە تەڭ كېلىدىغان نەرسە يوقتۇر . ئەتەيلەپ ئاتقا مىنىش، ئادەت قىلغان كىشىلەرگە ھەمدە بۆرەك ۋە ئۇنىڭغا يېقىن يەرلىرى ھۆل مىزاجلىق ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوغۇق بولغان كىشىلەرگە بۇ جەھەتتىن پايدا قىلىدىغان نەرسىلەردىندۇر . لېكىن بۆرىكى قۇرۇق ۋە ئىسسىق مىزاقلىق كىشىلەردە ئاتقا مىنىشنى مۆئدىتىللىك بىلەن ئىشلەتمىگەندە ، بۇ نەرسە زەرەرلىك بولۇپ نەسىلسىزلىككە سەۋەب بولىدۇ .
جىنسىي زەئىپلىك ئالەتنىڭ بوشاشقانلىقى ۋە ئەسەب مىزاجىنىڭ سۇغۇقلۇقتىن بولغانلىقى ، ئالەت تارتىلىپ تۇرماسلىقىدىن ۋە سۇغۇق سۇدا قورۇلماسلىقىدىن بىلىنىدۇ . بەزىدە ئۇرۇق كۆپ بولۇپ ، تىزلىك بىلەن چىقىدۇ ۋە بەزىدە ئالەت قوزغالماستىن ئۇرۇق تۆكۈلىدۇ . كۆپىنچە بۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەن ئورۇقلايدۇ ۋە زەئىپلىشىدۇ ، بېراق شەھۋەتتە نۇقسان بولمايدۇ .
ماياك ۋە ئۇرۇق ئەزالىرى سەۋەبلىك بولىدىغان خىنسىي كۈچسىزلىك ئەگەر بۇ ئەزالارنىڭ سوۋۇشىدىن بولسا ئۇرۇق كېمەيمىسىمۇ قىيىنلىق بىلەن چىقىدۇ ۋە ئالىتىنى تۇتۇپ كۆرگەندە سۇغۇق تۇيۇلىدۇ . ئەگەر بۇ ئەزالارنىڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئۇرۇق كەملىكىدىن بولسا ، بۇنىڭدا ئۇرۇق كەم بولۇپ ، قىيىنلىق بىلەن چىقىدۇ . بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى بەدىنى ئۇرۇق ۋە كەم قان بولۇپ ، ھاممامغا چۈشۈش ۋە ئۇزۇقلىنىش بىلەن بەدەننى ھۆللەش ئۇلارغا پايدا قىلىدۇ .
جىنسىي ئەزالىرىدىن ئىلگىرى تۇرغان ئەزالىرى سەۋەبلىك بولىدىغان زەئىپلىكتە سەۋەب جىگەر ۋە بۆرەكتە بولسا ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ ، ھەزىم ، ئىشتىھا ۋە قان تۇغۇلۇشى مۇناسىپ رەۋىشتە بولمايدۇ . ئەگەر بۇ يۈرەكتە بولسا ئالەتنىڭ قوزغىلىشى كەم بولىدۇ ۋە بەزىدە ئۇرۇق چىقىرىش ئالەت قوزغالماستىنمۇ بولىدۇ ، تۇمۇر سوقۇشى كۈچسىز ۋە يۇمشاق بولۇپ ، بەدەن ئىسسىقى كەم بولىدۇ .
ئەگەر جىنسى زەئىپلىكنىڭ سەۋەبى مېڭىدە بولسا ئۇرۇق ھەرىكىتىنى سېزىش كەم بولىدۇ . ئالاقىنى تەلەپ قىلغۇچىدا قاتتىقلىنىش ۋە ئارزۇ بولمايدۇ . بۇ ھېسلارنىڭ ئەھۋالى ، بولۇپمۇ كۆزنىڭ ھالىدىنمۇ بىلىنىدۇ . خۇسۇسەن زەئىپلىك مېڭىگە يەتكەن ئۇرۇلۇش ياكى يېقىلىپ چۈشۈشتىن كېيىن بولسا شۇنداق بولىدۇ . تۆۋەن ئەزالىرىدا دەمنىڭ ئازلىقىدىن بولىدىغان زەئىپلىككە كەلسەك ، ئۇنىڭ بەلگىسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى ، بۇنىڭدا ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتى ساغلاپ بولۇپ ھەمدە يۈرەك ، جىگەر ، كۆڭۈل تارتىش ۋە ئۇرۇق كۈچلۈك تۇرۇپ زەئىپلىكنى پەقەت ئالەتنىڭ قوزغىلىشىدىن كۆرىسەن . ئىچىنى دەم قىلغۇچىلار ئىشلىتىلسە ، كېسەل ئۇلاردىن پايدىلىنىدۇ . ئۇرۇق ھەرىكىتى ۋە قىتىقلىنىشنىڭ كەملىكىدىن كەلگەن زەئىپلىكنىڭ ئالامىتى ئالاقە ۋاقتىدا كۆپ مىقداردا قاتقان ئۇرۇقنىڭ چىقىشىدۇر ؛ بۇنىڭ كۆپچىلىكى سۇغۇق مىزاجدىن كېلىپ چىقىدۇ . بەزىدە ئۇرۇق كۆپ بولۇپ ، لېكىن ئېيتقىنىمىزدەك ئىنتايىن ھەرىكەتسىز ۋە قاتقان بولىدۇ .
سېمىز كىشىلەر ئۇرۇق كىشىلەرگە قارىغاندا ئالاقىغە ئاجىزراق بولىدۇ . ئالاقىنى كۆپ قىلىشنى ئىستىگۈچىلەر ئۇمۇمەن تەرلەش ۋە تەرلىتىدىغان ھاممامغا چۈشۈشنى كېمەيتىش ۋە مۇمكىن قەدەر تۇمۇردىن قان ئېلىشنى تەرك قىلىشى لازىم ، شۇنىڭدەك ئىككى پۇت ئالقىنىنى ئىسسىق ياغلار بىلەن ئىشقىلاش كېرەك ، چۈنكى بۇ بۆرەك ۋە ئۇرۇقداننى قۇۋۋەتلىك قىلىدۇ>.
قىسقىسى،جىنسىي ئاجىزلىق مۇرەككەپ ،ئومۇمىي تەسىرى ناھايتى روشەن بولىدىغان بىر خىل جىنسىي كېسەللىك.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يانفون رادىياتسىيەسىگە سەل قارىماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك سوقۇشى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بوۋاقلار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قۇۋۋەت ئىچىملىكى قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇش ساۋاتلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ساغلاملىق بىلىملىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىشتا قول-پۇتى ئاساس مۇزلايدىغان ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ۋە ئاياللار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نورمال ئەرلەرنىڭ ئاشنىسى بىلەن توي قىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قىشتا كۆز ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قېرىشنىڭ دورىسى چىقتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەزى كېسەللىكلەرنى چاي ئىچىپمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا يىڭى ھاياتىي كۈچ ئىلىپ كەلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما تېخىمۇ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مۇساپىرلار «قۇربانلىق قوي» ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيە ساقچى تەرەپ بىلەن تېررورچىلار شىددەتلىك ئېتىشىپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى بومبا ھۇجۇمىنى قوزغىغۇچىنىڭ رەسىمى ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى بومبا تەھدىتىگە ئۇچراپ، قونۇشقا مەجبۇر بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما APEC رەھبەرلىرى يىغىنىدا ما يۈن بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆزىتىش كامىراسىدا توققۇزىنچى ھۇجۇم قىلغۇچى پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى قار-يامغۇر 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015