زېرىكىشلىك جىنسىي تۇرمۇشنى تەڭشەشنىڭ 6 خىل ئۇسۇلى

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > جىنسىيەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : BAXLAN       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-11 12:31:13

زېرىكىشلىك جىنسىي تۇرمۇشنى تەڭشەشنىڭ 6 خىل ئۇسۇلى

كۆپلىگەن توي قىلغان ئەرئاياللار جىنسىي تۇرمۇشنىڭ رىتىمسىزلىقى ، شېرىن ئەمەسلىكىدىن قايغۇرىدۇ ، ئېغىرراقلىرى بولسا نىكاھىغا تەسىر يېتىدۇ . 
ئەرئاياللار ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن نورمال جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بارالماسلىق ئەھۋاللاردىن باشقا جىنسىي تۇرمۇش شېرىن ، رېتىملىق بولماسلىقتىكى سەۋەبلەر ئاساسەن  جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان ئاساسىي بىلىمىنىڭ كەمچىللىكى ھەم توغرا تونۇپ يەتمىگەنلىكتۇر . يەنە كېلىپ كۆپىنچىسى روھىي جەھەتتىكى مەسىلىلەردۇر . شۇڭلاشقا ، جىنسىي تۇرمۇشنى بىمەنە ھېس قىلىۋاتقان ئەر-ئاياللار تۆۋەندىكى بىر قانچەتەرەپتىن ئۆزىنى تەڭشەپ باقسا بولىدۇ :

         1. جىنسىي تۇرمۇش گۈزەل ، شېرىن بولۇش ئۈچۈن ئەر-ئايال بىربىرىگە بولغان مۇھەببەتنى ئاساس قىلىش كېرەك .

      ئەر-ئايالنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتىكى مۇددىئاسى ، پەقەتلا بالا تۇغۇش بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى پۈتۈن نىكاھ ، ئەر ئايال تۇرمۇشتىكى مۇھىم بىر قىسمى . جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ مەقسىتى دەل قارشى تەرەپكە بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىش ھەم قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىدىن ھوزۇرلىنىشتۇر . شۇڭلاشقا جىنسىي مۇناسىۋت ئۆتكۈزگەندە يۇقىرى پەللىگە يېتىش يەتمەسلىك ئانچە مۇھىم ئەمەس .


2.جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە جەريانغا دېققەت قىلىش كېرەك .

      مەلۇم بىر جىنسىي بىلىم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخخەسىس مۇنداق دىگەن ، ئەر ئايال ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي تۇرمۇش خۇددى تەنتەربىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانغا ئوخشايدۇ ، پەقەت ئاخىرقى نەتىجىگىلا قىزىقماستىن بەلكى ، تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ جەريانىغا تېخىمۇ قىزىقىشى كېرەك . بولمىسا ، ئەر ئايال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە زىيادە جىددىيلىشىش ياكى تېزراق ئىشنى تۈگىتىشتەك روھىي بېسىم پەيدا بولۇپ ، يۇقىرى پەللىگە يېتەلمەي قالىدۇ .


3.ۋاقتىدا قارىش تەرەپكە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش

     جىنسىي بىلىم مۇتەخخەسىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن ، ئەر ئايال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ، جىمجىت سۈكۈتتە تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتنى ئىپادىلىمىسە ، بۇ ناھايىتى ئەخمىقانىلىق بولۇپ قالىدۇ . جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ ، قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئاسان ھېسسىياتلىنىدىغان ئورۇنلىرىنى ھەم قانداق قىلسا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ھېسسىياتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا زور ياردىمى تىگىدۇ .


4.جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ھەرخىل ھەر ياڭزا بولۇش كېرەك .

     بىر خىلا جىنسىي تۇرمۇش ئۇسۇلى ئادەمنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئەر ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ھەر خىل بولسا بولىدۇ ، خۇددىي ھەر بىر ئادەم تاماق تۈرىنى ئۆزگەرتىپ تۇرغاندەك ئۆزگەرتىپ تۇرسا ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ، شېرىن بولۇشىغا ياردىمى بولىدۇ .


5.ياخشى بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان سورۇن ھازىرلاش كېرەك .

       ئەر ئايال جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بارغاندا ، خۇددىي تەتىللىك ساياھەتكە بارغاندا ، ئىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى ياخشى قىلىش كېرەك  ، ئىشتىن بۇرۇن ياخشى بىر يۇيۇنۇپ ، بالىنى بالدۇرراق ئۇخلىتىۋېتىش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆينىڭ مۇھىتىنىمۇ ياخشى ھازىرلاش كېرەك ، مەسىلەن بىرەر كىچىك رەڭلىك چىراقنى غۇۋا يېقىپ قويسا بولىدىۇ . يەنە قارشى تەرەپنى ھېسسىياتلاندۇرىدىغان جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىش كېرەك .


6.شېرىن ،گۈزەل جىنسىي تۇرمۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا مۇھتاج .

       بەزى ئەر ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشنىڭ رىتىمسىزلىقى ، گۈزەل بولماسلىقىنى دائىم قارشى تەرەپكە دۆڭگەپ قويۇپ ، قارشى تەرەپنىڭ ياخشى ماسلاشمىغانلىقىدىن قاخشايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ھەر بىر قېتىمقى جىنسىي مۇناسىۋەت ئەر ئايال تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشىگە ، ھەمكارلىشىشىغا ، كۈچ چىقىرىشىغا كېرەك . شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ۋاقىتتا ، ئىككى تەرەپ بەزى جىنسىي بىلىملەرگە مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى ئوقۇپ  ، ئەر ئاياللارنىڭ روھىي جەھەتتىكى ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى ئوخىشىمايدىغان جايلىرىنى تېپىپ چىقىش كېرەك . شۇندىلا ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ جىنسىي تۇرمۇشنى تېخىمۇ شېرىن ، گۈزەل ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يانفون رادىياتسىيەسىگە سەل قارىماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك سوقۇشى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بوۋاقلار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قۇۋۋەت ئىچىملىكى قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇش ساۋاتلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ساغلاملىق بىلىملىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىشتا قول-پۇتى ئاساس مۇزلايدىغان ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ۋە ئاياللار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نورمال ئەرلەرنىڭ ئاشنىسى بىلەن توي قىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قىشتا كۆز ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قېرىشنىڭ دورىسى چىقتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەزى كېسەللىكلەرنى چاي ئىچىپمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا يىڭى ھاياتىي كۈچ ئىلىپ كەلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما تېخىمۇ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مۇساپىرلار «قۇربانلىق قوي» ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيە ساقچى تەرەپ بىلەن تېررورچىلار شىددەتلىك ئېتىشىپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى بومبا ھۇجۇمىنى قوزغىغۇچىنىڭ رەسىمى ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى بومبا تەھدىتىگە ئۇچراپ، قونۇشقا مەجبۇر بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما APEC رەھبەرلىرى يىغىنىدا ما يۈن بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆزىتىش كامىراسىدا توققۇزىنچى ھۇجۇم قىلغۇچى پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى قار-يامغۇر 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015