بېرتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ دۆلەت بايرىقى
دۆلەت بايرىقى بولسا دۆلەتنىڭ بىر خىل بەلگە خاراكتىرلىك تۇغى، ئۇ مەلۇم شەكىل، رەڭ ۋە نۇسخا ئارقىلىق بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقىدىكى رەڭ ئاساسلىقى قىزىل، ئاق، يېشىل، كۆك، سېرىق، قارا قاتارلىقلار. نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقى قارىماققا ئانچە پەرقلەنمەيدۇ؟
كۆپ قىسىم ئەھۋالدا، قارىماققا ناھايىتى ئوخشاش بولغان دۆلەت بايرىقىغا ئىگە دۆلەت، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە مىللەت تەرەپتىنمۇ ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە. ئادەتتە ئۇلار نەسىلداش، تومۇرداش، ئۇلارنىڭ دۆلەت بايرىقىدىكى بەلگە ۋە رەڭمۇ ئوخشاش مەنىگە ئىگە. ئاۋال بىز ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەت بايرىقىدىكى بەلگىلەرنى كۆرۈپ باقايلى. ئەڭ ئاۋال كىشلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان «UnionJack» ئەنگىلىيە دۆلەت بايرىقىدىن باشلايلى، ئۇ نۇرغۇنلىغان دۆلەتنىڭ ئېلىمىنىتىنى بىر بايراققا مۇجەسسەملىگەن، ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپلىگەن بايراقنىڭ باشلامچىسىغا ئايلانغان. UnionJack ئارقىلىق سىز دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە سىموۋول قىلىنغان بەلگىنىڭ قانداق قىلىپ دۇنيا مىقياسىدا باغلىنىشلىق بولغانلىقىنى ۋە نىمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپلىگەن بايراقنىڭ قارىماققا مۇشۇنداق ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىز.
ئەنگىلىيە دۆلەت بايرىقى پەقەت دېڭىزدا بولغاندا ئاندىن «Union Jack» ئەنگىلىيە دۆلەت بايرىقى دېيىلىدۇ، ئادەتتە «Union Flag» دېيىلىدۇ.
بۇ ئەنگىلىيە ھازىر ئىشلىتىۋاتقان دۆلەت بايرىقى، ياۋروپا دۆلەت بايرىقىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئۇ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن قىزىقارلىق تەتقىقات.
ئاۋال دانىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىدىن باشلايلى.
دانىيە
سىكاندىناۋىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىدىكى كىرىست بەلگىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە رەڭ تاللىشى ھەممىسىدە ئوخشاشلىق بار، بۇ بەلكىم دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە كېڭىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
فىنلاندىيە
نورۋىگىيە
شىۋىتسىيە
دەسلەپكى مەزگىلدىكى دانسىكلار ۋە سىكاندىناۋىيەلىكلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار سىكاندىناۋىيەدىن بىراقلا ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگىچە كېڭەيگەن. بۇ دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ۋە مۇستەملىكە قىلىشقا ئەگىشىپ بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقى تەسىرگە ئۇچىرىغان.
ئۇ يەنە بېرتانىيە ئارىلى توپىدىكى نۇرغۇنلىغان بايراققا تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ بايراقلار بۈگۈنگىچە ئوخشاش شەكىلدە ساقلىنىپ قالغان. ھازىرقى ئەنگىلىيە دۆلەت بايرىقى كەمىدە ئۈچ خىل تارىخى بايراقنىڭ بىرىكتۈرۈلىشىدىن شەكىللەنگەن. ( سانىت ئاندرېۋ كىرىسى، سانىت گىئورگى كىرىسى ۋە سانىت پاتىرىك كىرىسى).
شوتلاندىيە (سانىت ئاندرېۋ كىرىسى)
ئېنگىلانىد( سانىت گىئورگى كىرىسى)
بۇ ئىككى بايراق بىركىپ دەسلەپكى مەزگىلدىكى بېرتانىيە بايرىقىنى پەيدا قىلغان. ئۇ جامىس I نىڭ ئەنگىلىيە ۋە شوتلاندىيەنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. جامىس I ئەسلىدە شوتلاندىيە پادىشاھى، ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان، ئۇ دۆلەتنى بىرىكتۈرۈش بىلەن بىرگە دۆلەت بايرىقىنىمۇ بىرىكتۈرگەن. Union Jack تىكى Jack دەل جامىس I نىڭ لاتىنچە تەلەپپۇزىدىن كەلگەن.
كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا سان پاتىرىك كىرىسى قوشۇلغان، 1800-يىلىغا كەلگىچە سان پاتىرىك كىرىسى ئىزچىل ئېرلاندىيەنىڭ سىموۋولى دەپ قارالغان.
بۇ ئۈچى 1801-يىلى بىرىكىپ بېرتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئايلانغان ھەمدە دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۈيۈك بېرتانىيەنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسىگە ئايلانغان. ئۇنىڭغا ئاشۇ دەۋردىكى ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دائىم ئۇچىرايدىغان رەڭ ۋە نۇسخا يۈكلەنگەن، يەنى بۈگۈنكى ياۋروپا دۆلەت بايراقلىرىدىمۇ يەنىلا ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىدىن بىز قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭنى ھەم كىرىسنى ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بايرىقىدىمۇ بۇ خىل رەڭنى كۆرگىلى بولىدۇ.
فرانسىيە
گوللاندىيە
پولشا
شىۋىتسارىيە
ياۋروپا دۆلەتلىرى بايرىقىدىكى كىرىسمۇ بىر خىل كۆپ ئۇچىرايدىغان باش تېما ھەمدە دۆلەت بايرىقى پۈتۈن دۆلەتتە ئىتراپ قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن ۋاقىتنى كاتولىك دىننىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان زامانلاردىن ئىزدەشكە بولىدۇ.
بۇ 1801-يىلىدىكى بېرتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ بايرىقى
ئەڭ ئاخىرىدا، بىز ئەنگىلىيە بايرىقىغا قايتىپ كەلسەك، سىز ئۇنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، ئەكىسچە ئۇ بۆلىۋېتىلگەن، سىز ئۇنىڭدىن ئەنگىلىيەنىڭ تارىخىنى كۆرۈپلا قالماستىن، ھەتتا ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم تارىخى ھەم ئورتاق مەدەنىيەت، قىممەت قاراش ۋە ئېتقادىنى كۆرەلەيسىز. ئۇنىڭدا كىشلەرنىڭ مىڭ يىلغا يېقىن ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگۈرىشى ۋە ئىلگىرلەش ئۈچۈن پەيدا بولغان تەپەككۇرى ئىپادىلەنگەن. ئەمما ھېكايە ھەرگىزمۇ بۇ يەردە ئاخىرلاشمايدۇ.
ئاۋىستىرالىيە
يەنە بىر قىسىم دۆلەت بايرىقىنىڭ مەنبەسىنى ئۇلارنىڭ بۈيۈك بېرتانىيە تەرىپىدىن مۇستەملىكە بولغان مەزگىلىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇلار ئەنگىلىيە بايرىقىنىڭ ئوڭ بۇرجەككە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ خىل مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرگەن.
يېڭى زىنلاندىيە
فىجى
يەنە بىر قىسىم مۇستەملىكىلەرنىڭ دۆلەت بايرىقىدا ئەنگىلىيە بايرىقى پەيدا بولغان، ئەمما ئۇلار يەنە ھەرخىل شەكىلدىكى قالقان شەكىللىك گىرىبنى ئۆزىنىڭ زىمىنىغا ۋەكىل قىلىپ ئىشلەتكەن. ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ئەنگىلىيە بايرىقى يۈكلەنگەن بۇ دۆلەتلەر ئاللىقاچان مۇستەقىل بولدى ياكى ئەنگىلىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ بىر قىسىمى، ئەمما ئۇلار يەنىلا مۇستەملىكە ۋاقتىدىكى بايراقنى ئىشلىتىدۇ.
بېرمۇدا
تۇۋالۇ
بۇ ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى دۆلەت بايرىقى
ئۇنداقتا ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقىغا قانداق تەسىر قىلغان؟ ئوخشاشلا مۇستەملىكە قىلىش دىپلوماتىيەسى. سىز ئىلگىرىكى ئامېرىكا قىتئەسدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ناھايىتى ئوخشىشىدىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.
لىبىرىيە
پورتورىكو
سابىق تېكساس جۇمھۇرىيىتى
بۇلار ياۋروپادىلا شۇناق ئەمەس، بىز ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە قىسمەن ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراپ باقايلى.
يەمەن
سۈرىيە
مىسىر
ئىراق
پەلەستىن
سۇدان
ئىئوردانىيە
ئەرەب ساخارا دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى
ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى
ئىران
تاجىكىستان
لىۋىيە
ئەزەربەيجان
ئالجىرىيە
پاكىستان
تۈركىيە
تۇنىس
مالايسىيا
يۇقارقى دۆلەتلەرنىڭ بايرىقىدىكى ئوخشاشلىق ئۇلارنىڭ ئورتاق مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بايراقتىكى يۇلتۇز ۋە ھىلال ئاينى ئوسمان ئېمپىرىيەسىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ۋېنسۇئېلا
لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقىمۇ ناھايىتى ئوخشاش. كولومبىيە، ۋېنسۇئېلا ۋە ئېكۋادور ھەممىسى ئۈچ خىل رەڭلىك، رەڭگىنىڭ تەرتىپىمۇ ئوخشاش. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەينى يىلدىكى بۈيۈك كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلغان.
كولومبىيە
ئېكۋادور
بولۋىيە
ئارگىنتىنا
يەنە بىر قىسىم لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىدا ئارگېنتىنا ۋەكىللىك قىلغان. رەڭگىنىڭ مەنىسى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
گۋاتمالا
بايراقتىكى رەڭ بالداق ئەينى يىللاردىكى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەرنىڭ تاللىشىغا ئايلانغان.
سالۋادور
نىكاراگۇا
ھوندۇراس
روسىيە
يەنە بىر قىسىم دۆلەت بايراقلىرى سىلاۋىيان دۆلەت بايراقلىرى دېيىلىدۇ.
سېربىيە
سىلوۋىنىيە
چېخ
سىلوۋاكىيە
سىلاۋىيان سېستىمىسى دۆلەت بايرىقىدىكى ئۈچ خىل رەڭ ئەينى يىللاردىكى موسكىۋا كىنەزلىكىدىن كەلگەن، كېيىن گوللاندىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان.
جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بايرقىدا گوللاندىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئافرىقا ئۆز تۇپىرىقىنىڭ قارا\\يېشىل\\سېرىق رەڭگى ئورۇن ئالغان.
فرانسىيە
كۆپلىگەن دۆلەتلەر دۆلەت بايرىقىدا ئۈچ خىل رەڭلىك تىك بالداقنى ئىشلىتىشنى ياقتۇرىدۇ. بۇلار فرانسىيە چوڭ ئىنقىلابى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئىتالىيە
ئېرلاندىيە
بېلگىيە
نورۋىگىيەنىڭ بايرقىدا كۆپ دۆلەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتكەن.