قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى: تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، ئۇزۇنلىقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 5:3. بايراق تەكتى قىزىل رەڭدە. بايراق مەركىزىدە ئالتۇن رەڭلىك قۇياش، قۇياش ئوتتۇرىدا 6 يوللۇق يۇمۇلاق شەكىل بار. قىزىل رەڭ غالىبىيەتنىڭ، قۇياش پارلاق نۇر ۋە ئىللىقلىقنىڭ سىمۋولى، قۇياش ئوتتۇرىسىدىكى 6سىزىق دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكىنىڭ، بىرلىكىنىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ۋە دوستلۇقىنىڭ ئازاتلىق يولىنىڭ پارلاق ئىستىقبالغا تۇتىشىدىغانلىقىنىڭ سىمىۋولى.
قىرغىزىستان 1936-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، 1952-يىلدىن باشلاپ ئىشلەتكەن دۆلەت بايرىقىدا يۇلتۇز ۋە ئورغاق-بولقا چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق بولۇپ، ئوتتۇرىدا توغرىسىغا ئاق رەڭلىك تار بەلۋاغ، ئاستى-ئۇستىدە كۆك رەڭلىك بەلۋاغ بولغان.
1991-يىل ئاۋغۇستتا مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، ھازىرقى دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن. قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت گىرىبى: يۇمۇلاق چەمبەر شەكلىدە. چەمبەر ئۇستىدە قانات كېرىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بۇركۈت، ئارقىسىدا تاغ چوققىسى ۋە قۇياش بار، ئىككى يان تەرىپىدە بۇغداي باشىقى ۋە پاختا لېنتا شەكلىدە چۈشۈرۈلگەن. دۆلەت گىرىبىدە قىرغىز (سلاۋىيان) يېزىقىدا "КЫРГЫЗ РЕСПУБЛИКАСЫ" (قىرغىز جۇمھۇرىيىتى) دەپ يېزىلغان.
[admin تەستىقلىدى . 2010-5-31 13:37:37]