باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

Re:فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-17 17:05:01

‹‹Re:فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

  فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى

    فىلىپپىنىڭ دۆلەت بايرىغى فىلىپپىن خەلقىنىڭ مۇستەملىكىگە قارشى تۇرۇش، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى  قولغا كەلتۈرۈشتىن  ئىبارەت باتۇرانە كۈرەش قىلىش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن. 1543-يىلى  ئىسپانىيە فىلىپپىننى بېسىۋېلىپ ،ئۈچ ئەسىر مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىقنى ئېلىپ بارغان، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىردا ،گېنىرال ئاكۇينا فىلىپپىن خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. شىياڭگاڭغا قېچىپ بارغان . فىلىپپىننىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتىپاقى »دۆلەت بايرىغىنى  لايىھەلەپ چىققان. 1898-يىلى ئىيۇندا فىلىپپىن مۇستەقىل بولغاندا بۇ بايراق تۇنجى قېتىم ئۆز زىمىنىدا لەپىلدىگەن .دۆلەت بايرىغىدىكى قۇياش نۇرى ھۆرلۈك نۇرىنىڭ فىلىپپىن زىمىنىنى يورۇتۇپ تۇرغانلىغىنىڭ  سىمۋولى بولغان ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپقا چېچىپ تۇرغان تارام نۇرلار  مۇستەقىللىق ھەركىتىنى دەسلەپتە ئېلىپ بېرىشقا قوزغالغان سەككىز ئۆلكىنى ،قالغانلىرى باشقا ئۆلكىلەرنى بىلدۈرگەن. قۇياش ئەتراپىدىكى  بەش بۇرجەكلىك ئۈچ يۇلتۇز  فىلىپپىن ئەتراپىدىكى ئۈچ چوڭ  ئارال --لۇسۇن،منداناۋ ۋە سېبۇ ئاراللىرىنى  بىلدۈرگەن . ئۈچ بۇرجەكلىك ئاق بايراق تېنچلىق رە خاتىرجەملىككە بولغان تەشنالىقنى ، قېنىق كۆك رەڭ  ساداقەتلىك ۋە سەمىمىلىكنى ، قىزىل رەڭ توختىماي  ئالغا بېسىشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتىنى بىلدۈرگەن . دۆلەت بايرىغىدا فىلىپپىن خەلقىنىڭ  مىللىي ئەركىنلىك ۋە دۆلەت مۇستەقىللىغىنى  قولغا كەلتۈرۈش غايىسى شەرەپ  بىلەن  بېغىشلانغان .

      فىلىپپىننىڭ دۆلەت بايرىقى:

 

فىلىپپىننىڭ دۆلەت گىرىبى:

     فىلىپپىننىڭ دۆلەت گېرىبى ئاستىغا ئىككى ھايۋاناتنىڭ رەسىمى سىزىلغان. كۆك زىمىندا قانات قېقىۋاتقان  ئاقباش بۈركۈت ئامىرىكىنىڭ فىلىپپىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 50يىلدىن كۆپ ۋاقىتنىڭ خاتىرىسى، ئوڭ تەرەپتىكى قىزىل زىمىنغا  سىزىلغان ئالتۇن رەڭلىك شىر ئىسپانىيىنىڭ فىلىپپىننى 350يىلدىن كۆپ ئىدارە قىلغانلىقىنىڭ خاتىرىسى. دۆلەت بايرىقىدىكى ئۈچ يۇلتۇز ۋە ھۆرلۈك نۇرىنىڭ  مۇستەملىكە قىلىنغان جاينى يورۇتۇپ تۇرغانلىغىنىڭ  بەلگىسى بولۇپ،  فىلىپپىن خەلقىنىڭ جاپالىق ۋە ئاجايىپ كۈرەشنى  باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدىن ئۈزۈل -كېسىل قۇتۇلۇپ ،مۇستەقىللىققا ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىگىنى بىلدۈرگەن .

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:41:37]

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号