باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

گېرمانىيە فىدىراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ۋە دۆلەت گرىبى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-17 17:05:07

‹‹گېرمانىيە فىدىراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ۋە دۆلەت گرىبى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

گېرمانىيە فىدىراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ۋە دۆلەت گرىبى

    

گېرمانىيە بايرىقىگېرمانىيە بايرىقى

گېرمانىيە بايرىقىدىكى ئۈچ خىل رەڭ ئۇزاقتىن بۇيان پان گېرمانلارنىڭ بىرلىككە كېلىش، مۇستەقىل بولۇش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەلگەن. مىلادىيە 1 - ئەسىردە رىم ئىمپېرىيسى باشلامچى بولۇپ، بۇ بايراقنى ئىشلەتكەن، 1848 - يىلى، گېرمانىيە بۇرژۇئازلىرى مۇستەبىت كېنەزلەر ۋە ماركىزلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دېموكراتىك ئىنقىلاب يولىدا چۇقان كۆتۈرگەن. قارا رەڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ بىسىلغان پاجىئەلىك ھالىتىنى بىلدۈرگەن؛ شوخ قىزىل رەڭ لاۋىلداپ كۆيگەن ئوتتەك خەلقنىڭ ئەركىنلىككە ئىنتىلگەن قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن، كېيىنكى بىر مەزگىلدە بۇ بايراقنىڭ ئورنىنى كۆپ قېتىم باشقا بايراقلار ئىگىلىۋالغان.

     1871- يىلى قۇرۇلغان گېرمانىيە ئىمپېرىيسى قىزىل، ئاق ۋە قارا رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن؛ 1918 - يىلى قۇرۇلغان ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى تارىخىنىڭ چاڭ - توزانلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بۇ بايراقنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىققان. 1933 - يىلى گىتلېر ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن 3 - ئىمپېرىيە ناتسىستلارنىڭ پارتىيە گېربى دۆلەت بايرىقى ئورنىدا ئىشلەتكەن. 1949 - يىلى سېنتەبىردە، قارا، قىزىل ۋە سېرىق رەڭلىك بايراق يەنە دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە گېرمانىيە زېمىنىدا جەۋلان قىلغان.

گېرمانىيەنىڭ دۆلەت گرىبىگېرمانىيەنىڭ دۆلەت گرىبى



  گېرمانىيەنىڭ دۆلەت گىرىبى: 1950 - يىلى تۈزۈلگەن گېرمانىيە دۆلەت گېربىمۇ تارىخىنىڭ مەھسۇلىدۇر. توپا رەڭ قالقانغا تومشۇقى بىلەن بارمىقى قىزىل، ئۆزى قارا بىر شۇڭقار ئالاھىدە ئۇسلۇبتا سىزىلغان. شۇڭقارنى گېربىنىڭ بەلگىسى قىلىش 9 - ئەسىردىلا پەيدا بولغان بولۇپ، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا بۇ نۇسخىنى فرانكو پادىشاھى چارلېس Ⅰ نىڭ ئارمىيىسى رىم ئىمپېرىيىسىدىن گېرمانىيىگە تارقاتقانىكەن. بۇ نۇسخىنىڭ گىرىب سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئەڭ بۇرۇن 12 - ئەسىردىكى ھوخېنسولون جەمەتىدىن پەيدا بولغان، بۇ جەمەتتىكىلەر پروسىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، كېيىن گېرمانىيىنىڭ خان جەمەتىگە ئايلانغان.     

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号