ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • يۇرتىمىز توقۇمىچىلىق تارىخىغا دائىر ئۇچۇرلار
  • ھەر قايسى دىن ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئادەتلەر
  • قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ زىبۇ - زىننەت تاقاش ئادىتىگە نەزە ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى
  • غىل تېيىلىش
  • ئۇيغۇرلاردىكى ھەر قايسى يۇرت ئادەملىرىنىڭ مىجەز - خۇلق ...
  • تۇزنى ئۇلۇغلاش ئادىتى
  • كېريىدىكى ئۆرپ- ئادەتلەر
  • ئۇيــــغــۇرلار ۋە زاكــــات پەرزى
  • ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش ئادىتى
  • رامىزان ۋە ئۇيغۇرلار
  • ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە، نەزىر مۇراسىملىرىغا نەزەر ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ بىرى - مەشرەپ
  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
  • ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى
  • ئۇيغۇرلارنىڭ بازار مەدەنىيىتى
  • ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك ئادەتلىرى
  • قۇربان ئېيت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايرام كۈنى ...
  • تۇپراققا بولغان ئېتىقاد
  • ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى
  • ئۇيغۇرلاردىكى قوشنىدارچىلىق يوقاپ كېتەرمۇ
  • قىسمەن مۇسىبەت،دەپنە ئادەتلىرىمىز
  • قىسمەن مۇسىبەت، دەپنە ئادەتلىرىمىز
  • خۈيزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى
  • ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-30 ئاۋاتلىقى:2337
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

       بۇرۇن ئوغۇل بالىلار يىگىتلىك يېشىغا (16 ياشتىن ئاشقاندا ) يەتكەندە ، بېشىغا گۈللۈك چىمەن دوپپا كىيەتتى . ئۇچىسىغا ( يەڭ ، ياقا ، پەۋازلىرىغا ) گۈل ، چىلتەك - جىيەكلەر تۇتۇلغان قاپ شەكىللىك كۆڭلەك كىيەتتى . بىلىگە پوتا ياكى كەمەر باغلىمايتتى . ئىشتانباغنىڭ ئۇچىغا پۆپۈك قىلىپ ، ئۇنى قىزىل رەڭدە بوياپ ، ئىككى ئۇچىنى تىزىغىچە ساڭگىلىتىۋالاتتى . پۇتىغا قونجىنى قايرىماي يالاڭ ئۆتۈك كىيەتتى . ساقال - بۇرۇت قويمايتتى .
    يىگىتلەر توي قىلغاندىن كېيىن ، بېشىغا چىرايلىق گۈل كەشتىلەنگەن دوپپىنى بېشىنىڭ ياڭشىقىغا ( بېشىنىڭ يان تەرىپىگە ) كىيىۋالاتتى . ئۆرە ياقىلىق كۆڭلەك كىيىپ ، بېلىگە گۈل كەشتىلەنگەن ياغلىقنى تۇمارچە (ئۈچ بۇرجەك) شەكلىدە يانپاش سۆڭگىچىنى باستۇرۇپ چىگىۋالاتتى . ئۆتۈكنىڭ قونجىسىنى ئىككىلىك قايرىپ ، قونجىغا غىلاپلىق پىچاقنى قىستۇرۇۋالاتتى . ئۆتۈك ئىچىگە تىزىنى يىپىپ تۇرىدىغان كەشتە پايپاق كىيىۋالاتتى ھەم بۇرۇت قويۇۋالاتتى .
    ئەرلەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن ، بۇرۇتىدىن باشقا يەنە داقال قوياتتى . بېلىگە قىزىل ياكى جىگەر رەڭلىك پوتا باغلايتتى . ئۆتۈكنىڭ قونجىنى يېرىمىغىچە قايرىۋالاتتى . غىلاپنى پوتىسىغا ئېسىۋالاتتى . رەڭگى تۇتۇقراق كىيىملەرنى كىيەتتى .
    بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق : " داقال " ---- ئۇنىڭ بالىلىق بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى . " پوتا " ---- ئۇنىڭ رەسمىي ئەر بولۇپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى . " پوتا " ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . غىلاپنىڭ پوتىسىغا ئېسىلىشى --- ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ، بالىلىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىگىنى بىلدۈرەتتى . كىيىملەرنىڭ تۇتۇقراق رەڭلىرى بولسا ، ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىغىنى بىلدۈرىدۇ .
    ئەرلەر بالا - چاقىسى كۆپەيسە " قارا ساقال ئەر " دەپ ئاتىلىدۇ . ساقال قويىدۇ ، بېشىغا سىدام ياكى تۇتۇق رەڭدىكى گۈل كەشتە قىلىنغان دوپپىلارنى ، كۇلا - تۇماقلارنى كىيىدۇ . ئۇچىسىغا يان ئىزمىلىق ياكى قاپ شەكىللىك ، تىك ياقا كۆڭلەك كىيىپ ، بېلىگە پوتا باغلايتتى . پۇتىغا قىشتا ئۆتۈك ، باجىڭگىر ، يازدا شىۋەك كىيەتتى .
    بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق: سىدام دوپپىسى ---- ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىن ئەسەر قالمىغانلىقىنى ؛ ساقال --- كۆپ بالا - چاقىلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ؛ تىك ياقىلىق قاپ كۆڭلەك --- تۇرمۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ رىجىمىغا ئېلىنغانلىقىنى ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە ئاۋارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى .
    ياشانغان ( 45 ياشتىن ئاشقان ) ئەرلەر بېشىغا يازدا سىدام دوپپا ياكى شاپاق دوپپا ، كۈزدە ياكى قىشتا كەمچەت تۇماق كىيەتتى . ئۇچىسىغا يازلىقى يەكتەك ، قىشتا پىرىجە ( تون ) ، پۇتىغا مەسە - كالاچ كىيەتتى . ياشانغان ئەر كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كىيىنىش ئادىتى ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت .


    ئاياق كىيىملىرى

    1 . چورۇق : چورۇق ---- كالا ، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ خام تېرىسىنى پۇتقا ماس كەلگۈدەك كېسىۋېلىپ ، چۆرىسىگە تۆشۈك ئېچىپ ، تاسما ، شوينا قاتارلىق ( بوغقۇچ ) نى ئاشۇ تۆشۈكلەردىن ئۆتكۈزۈپ ، پۇتقا چىڭ باغلىۋالىدۇ ، پۇت تەبىئىي قىلىپ ) مودېل ) بولىدۇ . بۇ خىل ئاياق كىيىمىنى كىشىلەر " چورۇق " دەپ ئاتايدۇ .

    2 . ئۆتۈك : ئۆتۈك --- ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ كىيىپ كېلىۋاتقان ئاياق كىيىملىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ئۇ ، ئاساسەن ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كۆن - خۇرۇم ، چەم ھەم بۇلغارلاردىن تىكىلىدۇ . ئۇنىڭ ( ئەرەنچە - ئايالچە ) نۇسخىلىرى نەچچە ئون خىلغا يېتىدۇ . ئۇنىڭ يەنە قىشلىق - يازلىقلىرى پەرقلىنىدۇ . قىشتا كىيىدىغانلىرىغا ( ئەستىرىگە ) نېپىز تېرە ياكى كىگىزلەر قات قىلىنىدۇ . كۈزدە كىيىلىدىغانلىرى يالاڭ تىكىلىدۇ . ئايالچە ئكتۈكلەرنىڭ پاشنىسى ئېگىزرەك بولىدۇ . رەڭگى ھەر خىل بولىدۇ . سىپتا تىكىلىدۇ . قونجى ۋە باش قىسمىغا تىكمە ، باسما ھەم چاپلىما قىلىپ ، ھەر خىل نۇسخىدىكى گۈل - نەقىشلەر قىلىنىدۇ . ياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىق ئەر - ئاياللار ئومۇميۈزلۇك كىيىدۇ . ئۇنىڭ يەنە ، قىشلىق كىيىلىدىغان ، يۇڭدىن ئىشلىنىدىغان " كىگىز ئۆتۈك " دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تۈرىمۇ بار .

    3 . مەسە - پايپاق : مەسە پايپاقلار ئاساسەن ئىچكى ئاياق كىيىم ھېسابلىنىدۇ . كۆن - خۇرۇم ۋە بۇلغاردىن تىكىلگەن پايپاقلارنى " مەسە " دەپ ئاتايدۇ . ئۇ يەنە " ئۆتۈك مەسە " ۋە " پايپاق مەسە " دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ . پايپاق مەسىلەر ، ئۇزۇن قونجىلىق ، كالتە قونجىلىق قىلىپ ، نېپىزرەك ماتىرىياللاردىن سىپتا قىلىپ تىكىلىدۇ ، ئاقۇرت قويۇلمايدۇ ، يۇمشاق بولىدۇ . ئۇنى ياز ، كۈز - ئەتىيازلىقى كىيىدۇ .

    4 . كالاچ : كالاچ ---- پۇتنى سېپىپ كىيىدىغان بىر خىل ئاياغ كىيىم ھېسابلىنىدۇ . كالاچ -- ئاساسەن مەسە بىلەن كىيىلىدۇ . سۇڭ تەرىپى پەس بولىدۇ ، ئاقورتى بولمايدۇ ، كىيىپ - سېلىشقا ئەپلىك . كۆن - خۇرۇم ، چەم ھەم بۇلغارلاردىن تىكىلىدۇ ، پاشنىسى پەس بولىدۇ . ئۇنى ، ئوتتۇرا ياشلىق ھەم ياشانغان ئەر - ئاياللار ئورتاق كىيىدۇ . كالاچ --- پايپاق كالىچى ، ئۆتۈك كالىچى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ ، شەكلى ئۇچلۇق تۇمشۇق ، توغرا تۇمشۇق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ .

    5 . ساپما كەش : ساپما كەش ( تو شېي ) ، سۇڭى بولمىغان ، پۇتىنى سىپىپ كىيىپ سۆرەپ يۈرۈشكە قولايلىق بولغان بىر خىل ئاياغ كىيىم .

    6 . شىۋەك : شىۋەك ---- كالاچقا ئوخشاش سېپىپ كىيىشكە قولايلىق بولغان يازلىق ئاياق كىيىم . ئۇ ، كۆن ياكى خۇرۇمدىن تىكىلىدۇ ، شەكلى كالاچقا ئوخشايدۇ . ئەمما ، سۇڭى بار بولۇپ ، ئاقۇرت قويۇلۇپ ، ئازراق پاشنا قويۇلۇپ تىكىلىدۇ . ئۇ نېپىزرەك ( يالاڭ ) بولىدۇ . كىيىپ - سېلىشقا قولايلىق ، يېنىڭ ، ئازادە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە .

    7 . پوپۇچ : پوپۇچ -- بۇ ئاساسەن قىزلارنىڭ ئاياغ كىيىملىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ، لاتىدىن ھەم خۇرۇم ياكى بۇلغاردىن تىكىلىدۇ . ئۇ يېنىك ، يۇمشاق بولىدۇ . كىيسە پۇت ئازادە تۇرىدۇ . ئۇنىڭ تۈر ، نۇسخىلىرى كۆپ .

    8 . باجىڭگىر : باجىڭگىر -- دېگەن بۇ ئاتالغۇ " بوغ - جەم - گىر " دېگەن ئۈچ سۆزنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان بىرىككەن ئىسىم ( ئاتالغۇ ) . " بوغ " --- بوغۇش ، چىگىش ، باغلاش دېگەن مەنىلەرنى ؛ " جەم " --- توپلاش ، يېغىش ، جەملەش دېگەن مەنىلەرنى ؛ " گىر " ---- قىسىش ، سىقىش ، چىڭىتىش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . بۇ خىل ئاياق كىيىمنى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەر - ئاياللار ئورتاق كىيىۋېرىدۇ . بۇ خىل ئاياق كىيىمنى كۆن - خۇرۇم ، چەم ھەم بۇلغارلاردىن تىكىدۇ . ئۇنىڭ ئۇزۇن قونجىلىغى ، كالتە قونجىلىغى ھەم قونجىسىزلىرى بولىدۇ . ئۇنىڭ يەنە قىشلىق ۋە ، كۈز - ئەتىيازلىق كىيىدىغان تۈرلىرى بولىدۇ .

    9 .توپلەي : توپلەي ---- ئاياللار كىيىدىغان باجىڭگىرنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ، ئۇنىڭ تىكىلىشى ، نۇسخا - پاسونلىرى ئەرلەر كىيىدىغان باجىڭگىر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ ، ئەمما ، زىلۋاراق ھەم پاشنىسى ئېگىزرەك بولىدۇ .
    ئەسكەرتىش : ---- بۇ يوللانما پەقەت دىيارىم مۇنبىرىگىلا تەۋە ! يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرقانداق كىشىنىڭ باشقا تور بەتلىرىگە كۆچۈرۈپ چاپلىشىغا ۋە ئۇلىنىش قىلىشىغا بولمايدۇ .

    باش كىيىملىرى

    تۇماق --- ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئاساسلىق باش كىيىمى ھېسابلىنىدۇ . باش كىيىم تۈلكە ، سۆسەر ، قاما ، قۇندۇز ، قوزا ، سۈلەيسۈن ، تىيىن قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن پىششىقلاپ ( ئەيلەپ ) ئىشلەنگەن ماتىرىياللاردىن تىكىلىدۇ . تۇماقلارنىڭ كەمچەت (قاسقانلىق) تۇماق ، كۇلا تۇماق ، پىپى تۇماق ھەم سالۋار تۇماق دەيدىغان تۈرلىرى بار ، تۇماقلار ئاساسەن قىشلىق باش كىيىم ھېساپلىنىدۇ . ئەمما ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر ( ئەر - ئايال ) تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىيىۋېرىدۇ . تۆۋەندە باش كىيىملەرنىڭ تۈرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى :

    1 . كۇلا تۇماق : ----- بۇ خىل تۇماق " رومبا " شەكلىدە ئىگىز قىلىپ تىكىلىدۇ . بۇ خىل تۇماققا ئاساسلىقى قوزا تېرىسى ( كۆپە ) ئىشلىتىلىدۇ . ئىچى كىگىز ياكى رەخت بىلەن ، سىرتى قوزا تېرىسى ( كۆپە ) بىلەن قاپلىنىدۇ .

    2 . پىپى تۇماق : ---- بۇ خىل تۇماق غەكىل جەھەتتىن " كەمچەت تۇماق " بىلەن ئوخشاش بولىدۇ ، ئوخشىمايدىغان يېرى ، ئاغزىغا توم قاسقان قىلىنماي ، ئاددىي جىيەك تۇتىلىدۇ . رەخت بىلەن سىرتى قاپلانمايدۇ ، بەزىلىرىگە زىننەت ئۈچۈن زىغىرلىق تۇتىلىدۇ ، تېرىدىن تىكىلىدۇ . موم ( يۇڭ ) تەرىپى ئىچ تەرەپ قىلىنىدۇ .

    3 . سالۋار تۇماق : ------ بۇ خىل تۇماق ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلىدۇ . شەكلى " پىپى " تۇماققا ئوخشايدۇ . بىراق ، ئاغزىغا ھېچقانداق جىيەك تۇتۇلمايدۇ . تېرىنىڭ يۇڭلىرى سىرتىغا سالۋاراپ چىقىپ قالىدۇ ، شۇڭا بۇ خىل تۇماق " سالۋار " تۇماق دەپ ئاتىلىدۇ .

    4 . تەلپەك :------ خوتەن رايونىدىكى ياش ھەم ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ باش قىسمىغا قادىۋالىدىغان بىر خىل زىننەت بويۇمى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ شەكلى كېسىك كۇنۇشقا ئوخشايدۇ . ئۈستى تەرىپىگە چىرايلىق گۈل نۇسخىلىرى كەشتىلىنىدۇ . قالغان قىسمى قارا رەڭدە ئىنتايىن نەپىس ھەم سىپتا قىلىپ سىركاي چوڭلىقىدا قىلىپ تىكىلىدۇ . ياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئۇنى باش ياغلىقى ئۈستىگە قوندۇرىۋالىدۇ .

    5 . دوپپا : ---- دوپپا ----- ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئەنئەبىۋى باش كىيىمى بولۇپ ، ئۇنى ئەر - ئاياللار ئورتاق ھالدا ياز ، كۈز ھەم ئەتىيازدا كىيىدۇ . ئەمما دوپپىنىڭ رەڭگى ، گۈل نۇسخىلىرى ھەمدە ئىشلىتىلگەن ماتىرىياللىرىغا قاراپ تاللاپ ، ئۆزىنىڭ ياش قورامىغا ، جىنسىغا ھەم نەسەب - مەرتىۋىسىگە قاراپ ماسلاشتۇرۇپ كىيىدۇ .

    6 . قالپاق : ----- ( شىلەپە ) ئىلى رايونىدىكى تارانچى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل باش كىيىم . ئۇنىڭ شەكلى قىرغىزلارنىڭ قالپىقىدىن پەرقلىنىدۇ . رەڭگى مەللە رەڭدە بولۇپ ، چەكمەن رەختتە قاتۇرۇپ تىكىلىدۇ . ئالدى تەرىپىدە چىكى بولىدۇ . تەلپقكى ئۈستى تەرەپكە قايرىلىپ تۇرىدۇ .

    7 . قۇلاقچا : ----- قىشلىقى كىيىلىدىغان ئەرلەرنىڭ باش كىيىمى ھېسابلىنىدۇ . قۇلاقچىلارغا كۆپە ( قوزا تېرىسى ) ، سۆسەر ، قاما ، قۇندۇز ، تاۋرغان ، تۈلكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئەيلەنگەن تېرىلىرى ، تېشىغا ھەر خىل رەڭلىك رەختلەر ھەم خۇرۇم ، بۇلغار قاتارلىق ماتىرىياللار ، قىتىغا پاختا ، يۇڭ ھەم كىگىز قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ .

    8 . كۇلا : ----- سوپى - ئىشان ، باخشى - دەرۋىشلەر كىيىدىغان باش كىيىم ھېسابلىنىدۇ . بۇ خىل باش كىيىم ھەر خىل گۈللۈك ھەم سىدام رەختلەردىن قاتۇرۇلۇپ ، ئۇزۇن كۇنۇس شەكلىدە تىكىلىدۇ .

    9. پوسما : ---- ئاساسەن بالىلارنىڭ باش كىيىمى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ كۇلاسىمان ) كۇنۇس شەكلىدە ) بۆكىسىمان ، تۇماقسىمان شەكىللىرى بار .

    10 . ياغلىق ( رومال ) :------- ( باش ياغلىقى ) ياكى شال دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقان باش كىيىملىرىنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ . ياغلىق پاختىدىن ، يۇڭ - تىۋىتتىن ، مەشۈت ھەم يىپەكتىن ، سۈنئىي تالالاردىن توقۇلىدۇ .
    ئەسكەرتىش : بۇ يوللانما پەقەت دىيارىم مۇنبىرىغىلا تەۋە . يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز ، باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا ۋە ئۇلىنىش قىلىشقا بولمايدۇ .


    ئۈستىۋاش كىيىملەر ( ئىڭىل )

    1 . چاپانلار : چاپانلار --- ئۈستىۋاش كىيىملەر ئىچىدە تاشقى ( سىرتقى ) كىيىم ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ شەكىل ، تۈرلىرى ، نۇسخا - پاسونلىرى ناھايىتى كۆپ خىل . ئۇنىڭ يالاڭ ، ئەستەرلىك ھەم پاختىلىق تۈرلىرى ھەم ئۇزۇن چاپانلار تون ----( پىرىجە) ، پەلتۇ (پەشلىك تون ) ، پىلاش (قىسقا پەشلىك تون ) ، جەندە قاتارلىقلار كىرىدۇ . قىسقا چاپانلارغا --- كاستوم قاتارلىق چاپانلار كىرىدۇ . چاپانلارغا ، ھەر خىل رەڭدىكى سىدام رەختلەر ، چاقماق رەختلەر ، خۇرۇم قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ . ئىچىگە يەنە تېرە ، يۇڭ ، پاختا قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ . چاپانلارغا ھەر خىل شەكىلدىكى يانچۇقلار قىلىنىدۇ . قەدىمكى زامانلاردا ئە كىشىلەرنىڭ تونلىرى ئۇزۇن ھەم قىسقا بولاتتى . ئايالچە تونلار -- ئارقا بوي پۈتۈن بولاتتى . ئوتتۇرا ياش ھەم ياشانغان ئاياللار كىيىدىغان يەنە بىر خىل توننىڭ پاسونلىرى ھەم فورمىلىرى ، ئەرلەرنىڭ تونلىرىغا ئوخشايتتى .

    2 . پەرىجە : پەرىجە --- ئاساسەن ئوتتۇرا ياشلىق ھەم ياشانغان ئەرلەر كىيىدىغان ئۇزۇن پەشلىك (ئىتەكلىك) تون ھېسابلىنىدۇ . پەرىجىگە ھېچ يېرىگە چەك قويۇلمايدۇ . گۈل - بېزەكلەر قىلىنمايدۇ . ئارقا بوي پۈتۈن بولىدۇ . ئالدى ئىككى پەش ئوچۇق بولىدۇ . ياقىسى ئويما شەكلىدە بولىدۇ . ئەستەرلىك ياكى پاختىلىق قىلىپ تىكىلىدۇ . ئۇنى كىشىلەر كۈز - ئەتىيازلىقى ھەم قىشلىقى كىيىدۇ .

    3 . قىسقا تون : قىسقا تون ---- بەزى كىشىلەر " گاچا تون " دەپ ئاتايدۇ ، تىكىلىش پاسونى پەلتوغا ئوخشايدىغىنىنى "پىلاش " دەپمۇ ئاتايدۇ . ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇغى تىزنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ . تونغا ئوخشاش تىكىلىدىغانلىرىنى " كالتە تون " دەپ ئاتايدۇ .

    4 . جەندە : جەندە --- قۇراق تون دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ ھەر خىل رەخت پارچىلىرىنى قۇراشتۇرۇپ تىكىلىدىغان تون ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ئۇنى ئادەتتە " قۇراق چاپان " دەپمۇ ئاتايدۇ .

    5 . كاستيوم ---- بەلكى بۇ ، "كاستون " ( كاسسىدا تون ) دېگەن ئاتالغۇ بولىشىمۇ مۈمكىن . دېمىسىمۇ بۇ خىل چاپان كىيىمنىڭ بويلىرىنىڭ ئۇزۇنلىغى ، كىيگەن كىشىنىڭ كاسسىسىغا كېلىدۇ . بۇ خىل كىيىمنى ياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىق ئەر - ئاياللار يازدا ھەم كۈز - ئەتىيازدا كىيىدۇ . ئۇ ، يالاڭ ياكى ئەستەرلىك قىلىپ تىكىلىدۇ . پاسونى ، تىكىلىش فورمىسى پەلتۇغا ئوخشاش بولىدۇ .

    6 . جۇۋا : جۇۋا --- ئاساسەن ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى پىششىقلاپ ماتىرېيال قىلىدۇ . ئۇنىڭ تىكىلىش شەكلى ئۇزۇن ھەم قىسقا بولىدۇ . تېرە تەرىپى سىرتىغا ، يۇڭ تەرىپى ئىچىگە قىلىپ تىكىلگەنلىرىنى " پور جۇۋا " دەپ ئاتايدۇ ، بەزى جايلاردا " ياغاق جۇۋا " دەپمۇ ئاتايدۇ . سىرتىغا ھەر خىل رەختلەرنى قاپلاپ تىكىلگەنلىرىنى " تاشلىق جۇۋا " دەپ ئاتايدۇ . ئۇزۇنلۇقى تىزدىن يۇقۇرراق بولغان ، رەخت بىلەن تاشلانمىغان ( قاپلانمىغان ) جۇۋىلارنى " كالتە جۇۋا " ياكى " پىگازا " دەپ ئاتايدۇ . بۇ خەنزۇچە " پىي گېزى " ( تېرە كىيىم ) دېگەنلىك بولىدۇ . جۇۋىلارغا قوي تېرىسى ، تاغ تېكىسى ( ياۋا ئۆچكە ) ھەم جەرەن تېرىلىرى ، يولۋاس تېرىسى ، تۈلكە تېرىسى ھەم سىلەۋسۇن تېرىسى ھەم بۇغا تېرىسى ئىشلىتىلىدۇ . ئاياللار كىيىدىغان جۇۋىنىڭ تېرىلىرى قۇندۇز ، قاما ، بورسۇق قاتارلىق قىممەتلىك ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرى بولۇپ ، موي تەرىپى تېشىغا ( سىرتىغا ) قارىتىپ تىكىلىدۇ .

    7 . نىمچە : نىمچە ---- "يېرىم " كىيىم دېگەنلىكتۇر . بۇ خىل كىيىمنى تۇرپان ، قۇمۇل رايونىدا " كەنجازا ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا " كەمزۇل " . شىمالىي شىنجاڭ تەۋەسىدە " جىلىتكە " ياكى " تۇجۇركا " دەپ ئاتايدۇ . نىمچە --- يالاڭ ياكى ئەستەرلىك قىلىپ تىكىلىدىغان ، ئۇ كۆڭلەكنىڭ سىرتىغا ، چاپاننىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان ئۈستىۋاش كىيىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ھەر خىل رەختلەردىن تىكىلىدۇ .

    8 . يالاڭ ئۈستىۋاش كىيىملەر : ئۇيغۇرلار ئۈستى تەرىپىگە كىيىدىغان يالاڭ كىيىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ " كۆڭلەك " دەپ ئاتايدۇ . كۆڭلەكلەر --- ئۇزۇن ، قىسقا ، كالتە بولىدۇ . شەكلىگە قاراپ يەكتەك ، ئۇزۇن ئېتەك نىمچە (ساراپان ) ، كالتە كۆڭلەك ، ئالدى ئوچۇق ، ئىزمىلىق ، تار بەللىك ، بەل پۈرمە ، كەڭ ئېتەك قاتارلىق شەكىللىرى بار . ھازىر كىشىلەر ئاياللارنىڭ ئۈستى تەرىپىگە كىيىدىغان كالتە كۆڭلىكىنى " كوپتا " ئاستى تەرىپىگە كىيىدىغان كالتە كۆڭلىكىنى " يوپكا " دەپ ئاتىماقتا .
    ئەسكەتىش : بۇ يوللانما پەقەت دىيارىم مۇنبىرىگىلا تەۋە . يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا ، ئۇلىنىش قىلىشقا بولمايدۇ .

    ياردەمچى بويۇملار

    1. سەللە : سەللە --- ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بىر خىل مەدىنىيەتتۇر . ئۇ ، پاختىدىن ، يىپەكتىن ئىشلەنگەن نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەن رەختنى ، ئەرلەر باش كىيىمىنىڭ سىرتىغا ئورىۋالىدىغان بويۇم ھېسابلىنىدۇ . سەللىگە ، ئاق رەڭ ئاساسلىق رەڭ ، باشقا رەڭلەر قوشۇمچە رولدا بولىدۇ . ئۇيغۇرلار ئۇنى پەقەت دىنىي پائالىيەت بولىدىغان سورۇنلاردا ئىشلىتىدۇ .

    2 . چۈمبەل( نىقاپ ) : چۈمبەل ----- قىزلارنىڭ يۈزىنى توسۇشقا ئىشلىتىدىغان نىقاپتۇر . بۇنى ئاساسلىقى ، بويىغا يەتكەن (رەسىدە) قىزلار ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، ئەرلەرگە يۈزىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن يۈزىگە تارتىۋالىدۇ .

    3. شارپا (بويۇنباغ ): شارپا ---- بوينىغا ئورىۋالىدىغان ، پوتىغا ئوخشايدىغان بىر خىل بويۇم . ئۇ ، يۇڭ تىۋىتتىن ، پاختىدىن ، يىپەك ھەم چىگىدىن توقۇلىدۇ ، ئىككى ئۇچىغا چۇچا قىلىنىدۇ . ھەر خىل رەڭلەردە بولىدۇ . نېپىز ھەم قېلىن تۈرلىرى بولىدۇ . ئۇنى ، ياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىق ئەر - ئاياللار ئورايدۇ . ئۇنىڭ بىرىنچىدىن ، بويۇن - پاتاڭنى ئىسسىق تۇتۇش ، ئىككىنچىدىن ، كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ياقىسىنى كىر بولۇشتىن ساقلاش ، ئۈچىنچىدىن ، زىننەت بويۇمى بولۇشتەك روللىرى بار .

    4 . پوتا: پوتا ---- بەلنى ئوراپ باغلىۋالىدىغان ( رەخت ياكى توقۇلما ) بويۇم . پوتا نەچچە يۈز مېتىر ئۇزۇن ئەن رەختنى يىغىپ توملاپ ، بەلنى ئايلاندۇرۇپ ئوراپ باغلىۋالىدۇ . قىزىل ، بېغىر رەڭلىرىنى ياش ئەرلەر ، تۇتۇقراق رەڭلىكلىرىنى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئورايدۇ . ھازىدار ئەر - ئاياللار قارىلىق تۇتقۇچىلار ئاق رەڭلىك پوتا باغلايدۇ . ئۇنىڭ يەنە ، يۇڭ - تىۋىت شوينىسىدىن توقۇلىدىغان تۈرىمۇ بار . بۇنى " يۇڭ پوتا " دەپ ئاتايدۇ . بۇنداق پوتىغا ئۆزىدىن چۇچا چىقىرىلىدۇ . پوتا باغلىغان ئەر ، توي قىلغانلىقىنى ، رەسمىي ئەر كىشى بولۇپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان شەرتلىك بەلگە ھېسابلىنىدۇ . شۇڭلاشقا ، بەزى ئاتا - ئانىلار بەڭۋاش ئوغۇل بالىلىرىغا تەنبىھ بەرگەندە " قېنى سەنمۇ چوڭ بولارسەن ، بېلىڭگە پوتا باغلاپمۇ قالارسەن " دېيىشىدۇ .

    5. كەمەر (بەلباغ) : كەمەر ---- تېرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كۆن ، چەم ، تاسما قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق كەڭلىكتە قىلىپ ، بىر تەرىپىگە ( بېشىغا ) جىرىم قاداپ ، بىر تەرىپىگە قاتار تۆشۈك ئېچىپ ، بەلنى باغلايدىغان بەلۋاغ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرى بار .

    6 . ئىشتانباغ : ---- پاختا يىپتىن نەچچە قات قىلىپ ئۆرۈپ ئىشتاننىڭ لىپىزىگە ئۆتكۈزۈپ ، بەلگە باغلايدىغان بويۇم .

    7. بوقۇچ ( بوغقۇچ ) :---- كىيىملەرنى چىتىپ باغلاشقا ئىشلىتىلىدىغان بويۇم . ئۇ ، يىپلارنى ئېشىپ توقۇپ ، تاسما ( تېرىنى ) قىلىپ تەييارلىنىدۇ . ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ . يەنى ، قۇلاقچىنىڭ سالپىڭىنى ئېڭەكتىن چېگىشكە ، باجىڭگىرنىڭ يۈز پەشلىرىنى ئېتىشكە ھەم كىيىملەرنى چېتىشقا ئىشلىتىلىدۇ .

    8. قولقاپ (پەلەي ): ----- قولغا كىيىۋالىدىغان بىر خىل كىيىم ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ھەر خىل رەختلەردىن ، خۇرۇم ، بۇلغار ، تېرە قاتارلىق بويۇملاردىن تىكىلىدۇ . ئۇ يەنە ، يۇڭ - تىۋىت شوينىلىرىدىن ، پاختا - مەشۈت ھەم يىپەك يىپلاردىن توقۇلىدۇ ، ئۇنىڭ يازلىق ، كۈز - ئەتىيازلىق ، قىشلىق كىيىلىدىغان ، يالاڭ ، ئەستەرلىك ھەم پاختىلىق ھەمدە تېرىدىن تىكىلىدىغان تۈرلىرى بار .

    9 . پەشتاما:----- كىيىملەرنى ئاسراش ئۈچۈن ئالدىغا تارتىۋالىدىغان نىقاپتۇر . ئۇ ئىككى خىل بولىدۇ . بىر خىلى ، ئالدى بىلەن بوينى پۈتۈن توسۇيدىغان نىقاپ ، بۇنى ، " پەرتۇق " دەپ ئاتايدۇ . يەنە بىر خىلى بولسا ، پەقەت بەلنىڭ ئاستى تەرىپىنى توسۇيالايدىغان نىقاپ بولۇپ ، ئۇنى " پەشتامبال " دەپ ئاتايدۇ . پەشتاما--- يالاڭ رەختتىن ، خۇرۇم ، بۇلغاندىنمۇ تىكىلىدۇ . " پەرتۇق " نى موزدۇزلار ، ياغاچچىلار ، تۆمۈرچىلەر تارتىدۇ . " پەشتامبال " نى تىككۈچى ( سەيپۇڭ " ھەم ئاشپەزلەر تارتىدۇ . ئۇ كىيىم - كېچەكلەرنى پاسكىنا بولۇشتىن ، يىرتىلىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ .

    10 . شالداما : ----- بوۋاقلارنىڭ ئاغزىدىن ئاقىدىغان شالنىڭ كىيىملىرىنى بۇلغىۋېتىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن كىيىمىنىڭ ئالدىغا تارتىپ قويىدىغان نىقابتىن ئىبارەت .

    11 . خالات :----- بۇنى يەنە " قاپ كۆڭلەك " دەپمۇ ئاتايدۇ . ئۇ كىيىم - كېچەكلەرنىڭ سىرتىغا قاپلاپ كىيىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمىدۇر . ئۇنى ئادەتتە " ئىش كىيىمى " ياكى " خىزمەت كىيىمى " دەپمۇ ئاتايدۇ . خالاتتىن ھەر خىل رەختلەردىن قاپ شەكلىدە ياكى بولمىسا ئالدى تەرىپى ئوچۇق قىلىپ تىكىلىدۇ ، ئۇنى پەقەت خىزمەت (ئىش ) ئۈستىدىلا كىيىدۇ .


    بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادەتلىرىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى

    قىزلار بويىغا يەتكەن ( رەسىدە بولغان ) مەزگىلىدە بېشىغا چىمەن دوپپا كىيەتتى . چېچىنى ئۇششاق ئۆرۈۋالاتتى . چېچىنى بوغمايتتى . يۈزىگە چۈمبەل تارتاتتى . پۇتىغا يوپۇچ كىيەتتى . بۇ خىل كىيىنىشلەرنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىلىرى مۇنداق : چىمەن دوپپا ئۇنىڭ بويىغا يەتكەنلىكىنى ، گۈل - غۇنچىدەك مەزگىلى ئىكەنلىكىنى ، ئۇچۇرما بولغانلىقىنى بىلدۈرەتتى . سېكىلىكى بولسا ئۇنىڭ تېخى تولۇپ يېتىلىپ بولمىغان بالا ئىكەنلىكىنى ، توي قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى . چۈمبىلى بولسا " يۈزى ئېچىلمىغان قىز " ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتى .
    قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن چېچىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ ئىككى تال ئۆرۈيدۇ . ماڭلاي ( سېكىلەك ) چېچىنى چېچىغا قوشۇۋېتىدۇ . قاش - كىرپىكلىرىنى تېرىپ ياسايدۇ . قاشلىق ئېتىدۇ . يۈزىدىكى تۈكچىلەرنى ئالغۇزۇپ ، ئۇپا - ئەڭلىك سۈرۈپ گىرىم قىلىدۇ . چۈمبەل تارتمايدۇ .بېشىغا گۈل كەشتىلىك دوپپىلارنى كىيىدۇ . ھالقا ، زەنجىر ، ئۈزۈك ، بىلەيزۈك قاتارلىق زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقايدۇ .
    بالىلىق بولغان ئاياللار ئالدى تەرىپى ئوچۇق كۆڭلەك كىيىدۇ . رەڭگى تۇتۇقراق كىيىملەرنى كىيىدۇ . كەمزۇل كىيمەيدۇ . گىرىم قىلمايدۇ . پۇتىغا ئۆتۈك ياكى توپلەي كىيىدۇ . بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق: ئالدى ئوچۇق كۆڭلەك كىيىدۇ ، لىپتىك (باغىرداق) تاقىمايدۇ . ---- بالا ئېمىتىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ . كىيىملەرنىڭ تۇتۇق رەڭ بولۇشى ، گۈزەل ياشلىقى ، ئارزۇ - ھەۋەسلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ، بارلىقىنى بالىسىغا ، ئائىلىسىگە ئاتىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەك مەدىنىيىتى ھەم كىيىنىش - ياسىنىش ئادەتلىرىنى چوڭقۇر قېزىشىمىز ، ئۇنى چۈشۈنىشىمىز ھەمدە ئۇلارنى ئىلمىي ئاساستا يەكۈنلەپ ، ئۇلارنى ھازىرقى دەۋر ياشلىرىغا بىلدۈرۈپلا قالماي ، يەنە كېيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ مىراس قىلىپ قالدۇرىشىمىز كېرەك
     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ