يۇرتىمىز ئەڭ بۇرۇن كېۋەز ئۆستۈرگەن رايونلارنىڭ بىرى ، شىنجاڭدا تېرىلىپ كەلگەن كېۋەز ئەڭ بالدۇر ئافرىقىدىن كىرگەن . پاختىچىلىقنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ توقۇمىچىلىق ئىشلىرىمۇ راۋاجلانغان . تۇرپاندا مىلادى 5-6- ئەسىرلەردىلا پاختىدا يىپ ئېگىرىپ رەخت توقۇلغان ، مەھسۇلاتىمۇ كۆپ بولغان ، 7-ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە ئارىلىقتا يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن ، تارىخى پۈتۈكلەردە شىجۇدىن (تۇرپان دىيارىدىن -- يىلان ) يۇڭجۇ رايونلۇق تۇرشاۋۇل مەھكىمىسى (ئورنى بۈگۈنكى شىئەن - يىلان )گە ھەربىيلەرگە كېرەكلىك بوز يىپ خالتىلاردىن يۈزلەپ كەلتۈرۈلگەنلىك يېزىلغان .ئەينى چاغلاردىكى قاراخانلار دائىرىسىدىكى قەشقەر ،خوتەن ،يەكەن ،ئاقسۇ قاتارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسى پاختىچىلىق زور تەرەققىي قىلغان رايونلار ئىدى . بۇ رايونلاردا < مەللە كېۋەز>دېگەن يەرلىك كېۋەز ئومۇملاشقان بولۇپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى دۆلەتلەر ئۇنى < پاكىز ھەم يۇمشاق ، ئۇنىڭدىن يىپ ئېشىپ شوينا قىلغىلى ،ئېسىل رەختلەرنى توقۇغىلى بولىدۇ > دەپ ماختىغان .< تۈركىي تىللار دېۋانى >دە ، كېۋەزلىك ۋە كېۋەز تېرىغۇچىلار ھەققىدە چۇشەنچىلەر بېرىلگەن . 1959-يىلى مارالبېشىدىكى < 9ساراي > قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى دەۋرىگە ئائىت (تەخمىنەن 9- ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ - يىلان ) پاختىدىن توقۇلغان ئاق رەخت ۋە تېگى كۆك ،گۈلى ئاق ناھايىتى كۆركەم رەختلەر تېپىلىپ قالماستىن يەنە بىر ئاز چېگىتمۇ تېپىلغان .گۈللۈك رەختنىڭ ئۇزۇنلۇقى 26 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 12 سانتىمېتىر ، تېگى قىلىن بولۇپ كۆك رەڭلىك ئارقاققا ئۆز رەڭگىدىكى ئاق پاختا يىپتىن ئۆرۇش قويۇپ گۈل چىقىرىلغان .روشەنكى ،بۇ خىل رەخت شۇ يەردىكى دەستىگاھتا توقۇلغان ، بۇنداق دەستىگاھ ۋە باپكارچىلىق تېخنىكىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە . ------------------------------------------ < شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىقى > دىن قىسقارتىلدى .
|