تۇزنى ئۇلۇغلاش ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە ، شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر . تۇزنىڭ چىرىشتىن ساقلاش ، يېپىشقاقلاشتۇرۇش ، دورىلىق ، تائامغا تەم كىرگۈزۈشتەك كۆپ خىل خۇسۇسىيەتلىرى ئىنسانلاردا بارا - بارا تۇزغا بولغان ئېتىقادنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان .
تۇزنىڭ بايقىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشى ھەققىدە ھەرقايسى خەلقلەر ئارىسىدا خىلمۇ -خىل رىۋايەتلەرنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئوخشاش ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۇ خاسىيەتلىك ماددىنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە مۇقەددەسلەشتۈرىدىغان قىزىقارلىق ئەپسانە - رىۋايەتلەر بارلىققا كەلگەن .
ئۇيغۇرلار تۇز پەقەت يېمەكلىكلەرگە تەم بېرىپلا قالماي ، يەنە كىشىلىك تۇرمۇشقا ، ھاياتقا ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرگىمۇ تەم ئاتا قىلىدۇ ، دەپ قارايدۇ . ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىدا تۇزغا بولغان ئېتىقاد ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ . يىگىت - قىزلار توي قىلىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن ، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە " ئاش سۈيى " ئاپىرىدۇ . ئاش سۈيى قاتارىدا تۇز كەم بولسا بولمايدۇ . مانا بۇ ئىككى تەرەپنىڭ توي ئىشلىرىنىڭ پۈتۈمدۇر . توي كۈنى قىز بىلەن يىگىت قولداشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا تۇزغا چىلانغان ناندىن بىر بۇردا يەيدۇ . ئادەتتە بۇ نان تالىشىپ يېيىلىدۇ . بۇ ، ئىككى ياشنىڭ مۇھەببىتى ئۆزگەرمىسۇن ، بېشى ئاقىرىپ ، چىشى سارغايغىچە بىر - بىرى بىلەن ئېجىل - ئىناق ئۆتسۇن ، تۇرمۇشى بەختىيارلىققا چۆمسۇن ، دېگەن خەيرلىك تىلەكلەر بىلەن شۇنداق قىلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا تۇزدا بىر ئىلاھىي قۇدرەت بار ، دەپ قارالغاچقا قىز بىلەن يىگىتتىن قايسىسى ئالدى بىلەن تۇزغا چىلانغان ناننى يەۋالسا ، تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشتا شۇنىڭ گېپى ئۆتىدۇ ، دېگەن قاراشمۇ بار . يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندە ئۆيگە ئالدى بىلەن تۇزنى ئېلىپ كىرىدىغان ئادەت بار . بۇ شۇ ئۆيگە بەرىكەت ھەمراھ بولۇشنى تىلەشتىن كەلگەن . " كومىراجىۋا" ناملىق كىنو سىنارىيىسىدە ئۇيغۇرلار تۇزنى ئۇلۇغلاش ئادىتىمۇ روشەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ ، كومىراتان بىلەن مەلىكە جىۋانىڭ توي مۇراسىمىدا " ئۇستاز پۇتۇشما كومىراتان بىلەن مەلىكە جىۋاغا تۇزغا چىلانغان ناننى بىر بۇردىدىن يىگۈزىدۇ " . بۇ بىر جۈملە بايان قارىماققا ناھايىتى ئاددىيلا قىلىنىپ يېزىلغاندەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلاردىكى توي - تۆكۈنلەردە قىز - يىگىتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇشى ، بىر - بىرى بىلەن مەڭگۈ ئايرىلماسلىقىنى تىلەپ نىكاھ ئوقۇش ۋاقتىدا تۇزغا چىلانغان بىر بۇردىدىن نان يېگۈزۈش ، قىسقىسى تۇزنى ئۇلۇغلاش ئادىتىنىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 1650 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىمۇ ئەكس ئېتىشىدىن ئىبارەت ئىدى ، خالاس .
مەنبە : ئەزىزى ئاتاۋۇللا سار تېكىننىڭ " مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى