ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • يۇرتىمىز توقۇمىچىلىق تارىخىغا دائىر ئۇچۇرلار
  • ھەر قايسى دىن ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئادەتلەر
  • قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ زىبۇ - زىننەت تاقاش ئادىتىگە نەزە ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى
  • غىل تېيىلىش
  • ئۇيغۇرلاردىكى ھەر قايسى يۇرت ئادەملىرىنىڭ مىجەز - خۇلق ...
  • تۇزنى ئۇلۇغلاش ئادىتى
  • كېريىدىكى ئۆرپ- ئادەتلەر
  • ئۇيــــغــۇرلار ۋە زاكــــات پەرزى
  • ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش ئادىتى
  • رامىزان ۋە ئۇيغۇرلار
  • ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە، نەزىر مۇراسىملىرىغا نەزەر ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ بىرى - مەشرەپ
  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
  • ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى
  • ئۇيغۇرلارنىڭ بازار مەدەنىيىتى
  • ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك ئادەتلىرى
  • قۇربان ئېيت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايرام كۈنى ...
  • تۇپراققا بولغان ئېتىقاد
  • ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى
  • ئۇيغۇرلاردىكى قوشنىدارچىلىق يوقاپ كېتەرمۇ
  • قىسمەن مۇسىبەت،دەپنە ئادەتلىرىمىز
  • قىسمەن مۇسىبەت، دەپنە ئادەتلىرىمىز
  • خۈيزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى
  • كېريىدىكى ئۆرپ- ئادەتلەر
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-13 ئاۋاتلىقى:2730
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

                                                1. قۇلاق تەشمە                                                   
     
       قۇلاق تىشىش: ئاساسەن قىزلارنىڭ 4-5 يېشىدا قۇلىقىنى تىشىدىغان ئادەت بۇلۇپ ، بۇ ئىسلام دىنى ئەقىدىچىلىگىنىڭ [ سۈننەت] قىلىش كاتىگورىيىسىگە كىرمەيدۇ. قۇلاق تىشىش ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى شامان دىنى دەۋرىدە بۇددىسلارنىڭ ئادىتى ئىدى، ئۇيغۇرلار 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنمۇ بۇ ئادەت ئىسلام  دىنى ئەقىدىسى بىلەن  تەڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا ساقلىنىپ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن.  دىمەك قۇلاق تىشىپ مونجاق سالىدىغان ئادەت ، خېلى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئادەت.ئلگىرى ئۇيغۇرلار قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشمەكچى بولسا ، بالىغا تۇخۇم پىشۇرۇپ  تەييار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، بالىنى قۇلاق تىشىدىغان مەخسۇس ئادەم [ ئۇستام] قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ناھايىتىمۇ ئۇچلۇق بولغان جىگدە شۇخىسى بىلەن ياكى مەخسۇس تەييار قىلغان ئالتۇن دىرەپشە قۇلاقنى بوش ئۇۋۇلاپ قېنىنى قاچۇرۇپ [ پاس] قىلىپلا قۇلاقنى تىشەتتى. بالا يىغلىغان ھامان ئاغىزىغا تۇخۇم تىقىپ يىگۈزۈپ تۇرۇپ قۇلاقنىڭ تەشكەن جايىغا ئىشلىتىلمىگەن يەرلىك  سۈپۈرگىنىڭ ياغىچىنى تىقىپ قۇياتتى .  يېقىندىن بېرى ناھىيە مەركىزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا قۇلاقنى دۇختۇرلار تىشىدىغان  ئادەت كىلىپ چىقتى . ئەمما سۈپۈرگىنىڭ ياغىچىنى تىقىپ قۇيۇش ئادىتى ئۆزگەرگىنى يوق.
       ئىلگىرى بىر ئائىلىدە بىر قىزنىڭ قۇلىقىنى تەشسە ، ئۇرۇق- تۇققان، قۇلۇم- قوشنا ، يېقىن- يۇرۇقلار كىرىپ مۇبارەكلەپ چىقاتتى. ئەمما [ قۇلاق تەشمە توي ] دەپ مەخسۇس باغاق يېزىپ ، مىھمان چاقىرىدىغان ئادەت يوق ئىدى. ئاتا-ئانىسى ،ئۇرۇق-تۇققان، يېقىن- يۇرۇقلار قۇشۇلۇپ ئاددى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلەتتى. شۇ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى قىزنىڭ قۇلىقىغا ئالتۇن ياكى كۈمۈش ، ئىشقىلىپ تاپقىنىغا بېقىپ مونجاق سېلىپ قۇياتتى. يېقىندىن بېرى [ قۇلاق تەشمە توي] غا باغاق يېزىپ مەرىكىسىنى قىلىش كېريىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا پەيدا بولۇپ ، ھازىرمۇ ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۇمۇملاشقان ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. قىسقىسى ئۆرۈپ ئادەت ، ئالاھىدىلىك جەھەتتە يېڭى بىر خىل شەكىل قوشۇلۇپ ، ئاياللار باراۋەرلىگى ئېڭى كىچىكىدىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى .

       جۇۋان توي


         جۇۋان توي قىلىش ئادىتى كېرىيلىكلەردە  ئاتەشپەرەسلىك دىنى دەۋرىدىن تارتىپ يېقىنقى مەزگىلگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئادەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ، جۇۋان توينى قىلىش ئاساسەن ئاياللار 32 ياشتىن 38 ياشقىچە بولغان  ئارلىقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى . جۇۋان توي قىلىش ئەرنىڭ ، ئايالىغا بولغان مىھرى -مۇھەببىتىنىڭ مەڭگۈ چىڭىپ بېرىشىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى جانلىق پاكىتى. شۇڭا جۇۋان توي قىلىشتا ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىغا [ جۇۋانچە كۆڭلەك] ۋە [ پەرەنجە ] تەييار قىلدۇرۇپ ، پۈتۈن تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم-قوشنىلارنى چىللاپ چوڭ قازان ئېسىپ، ئايالنىڭ جۇۋان تويىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ.
       جۇۋان توي بولغان كۈنى ،جۇۋان توينى قىلغان ئايال ماڭلاي چېچىنى كەينىگە تاراپ ، چېچىنى ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە ئايرىپ، ئىرى تىكتۈرۈپ بەرگەن [ جۇۋانچە كۆڭلەك] ئۈستىگە پەرەنجە كىيىپ ، ئاق ياغلىق چىگىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەلپەكنى قاداپ مىھمانلارنى خوشخۇيلۇق بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقان، قۇلۇم-قوشنىلارمۇ قۇرۇق كەلمەيدۇ. [شوكۇم] ئېلىپ كىلىدۇ. جۇۋان تۇيى بولغان ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېينىئانا-قېينىئاتىسى بالىسىنىڭ جۇۋان تويىغا ئاتاپ پەرەنجە، جۇۋانچە كۆڭلەك قۇيۇپ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆزىنىڭ ئاتىغانلىرىنى جۇۋان تويدا بىرىۋالىدۇ. جۇۋانچە كۆڭلەك ئاياللارنى جەزبىدارلىققا ۋە كۆركەملىككە ئىگە قىلىپ ، ئاياللارنى ئاجايىپ جەڭگىۋار  ۋە لاتاپەتلىك تۈسكە ئىگە قىلىدۇ.
       جۇۋان توي كېرىيىلىكلەرنىڭ  تۇرمۇشىدا مۇھىم ئۇرۇننى تۇتۇپ كەلگەن ئادەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇ ئاياللارنىڭ چوڭ بۇلۇپ قۇدىلىشىش باسقۇچىغا يەتكەنلىگىنى شەكىل جەھەتتىن يۇرۇتۇپ بىرىدىغان ۋە مىھرىبانلىقىنى ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى ئىدى . ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە [ دىن بۇيان ] جۇۋان توي تەدرىجى ئىستىمالدىن قېلىپ ، ھازىرغا كەلگەندە پەقەت قىلىنمايدىغان بۇلۇپ قالدى .

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ