
ئون يىل ئىلگىرى بالىلارنىڭ سۈننەت تويىنى ئۆتكۈزگەندە، ئۆزگىچىرەك قىلىپ ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە خېلى كۆپ باش قاتۇرۇش بولاتتى . چۈنكى ئەينى چاغدا سۈننەت تويلاردا چوڭلار بەكرەك گەۋدىلىنىپ، توينىڭ ئەسلىي ئىگىسى بولغان بالىلار «ئېتىبارسىز قالىدىغان» ئەھۋاللار ئومۇملىشىپ قالغانىدى. بالىلارنىڭ سۈننەت تويىغا ئازراق بولسىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلىگەن بولساقمۇ، دېگەندەك قانائەت ھاسىل بولمىغان .
يېقىنقى ئىككى - ئۈچ يىلدىن بېرى سۈننەت توي رىياسەتچىلىكى دېگەن يېڭى بىر كەسىپنىڭ پەيدا بولۇپ، ئەينى چاغدا مەن ئارزۇ قىلغانغا ئوخشاش بالىلارنى توينىڭ ھەقىقىي ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، تويلارغا ئۆزگىچە مەنە ئاتا قىلىۋاتقانلىقىغا ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ .