ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئېلى دېھقانلار ئىنقىلابى ھەققىدە
  • ئۇيغۇر خانلىرى ۋە خانلىقلىرى
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(2)
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(3)
  • ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە ھېكايە
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(1)
  • ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش(4)
  • ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ، تۆھپىكار مائارىپچى
  • شۋېتسىيىدىكى تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇرشۇناس Gustaf Raquette
  • ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ مەرىپەتچىلىك تەشەببۇسلى ...
  • 2. ئاپپاق خوجا - خۇنخۇر، قاتىل زاتتۇر (8)
  • يازغۇچى ئەخەت ھاشىم ئەپەندىنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقىنى م ...
  • سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ
  • ئاپپاق خوجىنىڭ يازما ئەپسانىلەردىن ئۈزمىلىرى (3)
  • ئۇيغۇر خانلىرى
  • ئاپپاق خوجىنىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا (4 )
  • مىرزا ھەيدەر كوراگان
  • مەھمۇت سىجاڭنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدى كەينىدە
  • قۇمۇل ۋاڭلىرى
  • شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر
  • 1. ئاپپاق خوجا توغرىسىدىكى بەزى مەنبەلەر ھەققىدە
  • قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناس، دوكتور گېگېل ئىسھاق ...
  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
  • تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى
  • ئاپپاق خوجا « ھاكىمىيىتى » نىڭ جىنايى پاجىئەلىرى توغرى ...
  • 4. ئاپپاق خوجا - مەرىپەت ۋە ئەھلى مەرىپەتچىلەر كۈشەندىس ...
  • ئاپپاق خوجىنىڭ ئەمىرى - مەرۇپلىرىدىن كەلىمىلەر (2)
  • مۇھەممەتجان راشىدىن
  • 8. ئاپپاق خوجا - نەسلى - نەسەب ۋاباسىدۇر (11)
  • پېشقەدەم تىلشۇناش، تەتقىقاتچى-مىرسۇلتان ئوسمانوف
    يوللىغان ۋاقىت:2012-03-31 ئاۋاتلىقى:648
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

           يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىنى پارتىيىنىڭ توغرا مىللەتلەر تىل-يېزىق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى ھەم ئۇنىڭ توغرا ئىجرا قىلىنغانلىقىدىن، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى تىل تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ئالىم-مۇتەخەسسىسلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىجتىھاتلىق ئەمگىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت-شىۋىلىرى تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قېلىپلىشىش-ئۆلچەملىشىش ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقان پېشقەدەم تىلشۇناش، تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەنە شۇ ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى، ئۇ بۇ يىل 81 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، يەنە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشماقتا.

      ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى شۇ كىشىنىڭ ئۆمرىدە قىلغان ئىشىنىڭ ئەھمىيىتى بىلەن ئۆلچەنسە، ئۆمۈر ھەقىقىي رەۋىشتە مەنە تاپىدۇ. بەزىلەر شۇنچە ياشقا كىرسىمۇ، پۈتۈن ھاياتىنى كۆرگىنىم-ئاڭلىغىنىم كۆپ دەپلا خۇلاسىلەيدۇ، يەنە بەزىلەر شۇنچە ياشىسىمۇ ئۆزىنىڭ نېمە كۆرگەن، نېمە ئاڭلىغىنىنى ئاڭقىرالماي «بوۋاق» پېتى كېتىدۇ. بەزىلەر قىسقا ياشىسىمۇ ئەلگە پايدا-نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇزۇنغىچە كىشىلەرنىڭ تىلى ۋە دىلىدا يادلىنىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي ئۆمۈر ھېسابلىنىدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئالىملارنىڭ ھاياتىنى ھەقىقىي مەنىدىكى ھايات دېسەك ئەڭ مۇۋاپىق.
    مىرسۇلتان ئوسمانوف ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىمىز. ئۇ 1929-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىگە قاراشلىق ئاقكەنت يېزىسىدا تۇغۇلغان . 1932-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە غۇلجا ناھىيىسىگە كۆچۈپ كەلگەن، 1935-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك «ئايدىڭ» باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1943-يىلى غۇلجا گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەن. 1945-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە نابۇرچىك ۋە كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. 1951-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە، سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇغان. بىر يىلدىن كېيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلىنىپ، تىل فاكۇلتېتىدىكى ئىككى قارار خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن. دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئومۇمىي تىلشۇناسلىقى بىلىملىرىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش، ئانا تىلىنى يېڭىۋاشتىن سىستېمىلىق ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىستىكى قوزغالغان. مىرسۇلتان ئوسمانوف مۇشۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسى ۋە ئوقۇتۇشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمەت ئۆمىكىنىڭ 6-ئەترىتىگە قاتنىشىپ، 1955-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدە، 1956-يىلى كۈز ھەم قىش خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت-شىۋىلىرىنى تەكشۈرگەن.

      مىرسۇلتان ئوسمانوف 1957-يىلى بېيجىڭدىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، 1965-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئومۇمىي تىلشۇناسلىق دەرسلىرىنى ئۆتكەن. ئۇ بۇ جەرياندىمۇ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى جانلىق تىلنى تەكشۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، 1960-يىلى يازدا لوپنۇرنىڭ مىرسالى، چارا، كۆزلەك، تىكەنلىك ۋە مىرەن يېزىلىرىدا، 1962-يىلى تۇرپان ھەم ئۈرۈمچىلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت-شىۋىلىرىنى تەكشۈرگەن. مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ تىلشۇناس نەسرۇللا يولبولدى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە يازغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق كىتابى 1964-يىلى يېڭى يېزىقتا نەشىر قىلىنغان.

      مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى 1965-يىلىدىن تاكى 1978-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ تەتقىقات بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ مەزگىلدە، 1965-يىلى يازدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، قەشقەر ھەم خوتەندە نەخ مەيدان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1967-يىلى ياز ۋە كۈزدە، قازاق تىلى بويىچە ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەن رايونىدا، ئالتاي، كۈنەسنىڭ يايلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان دالا تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىپ، بىر مۇنچە تىل ماتېرىيالى يىغقان.
     1978-يىلى 10-ئايدا تيەنجىندە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك تارىخشۇناسلىق يىغىنىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھەم خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش، سسىتېمىلىق بىر «ئۇيغۇر تارىخى» كىتابىنى يېزىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەملىكەتلىك پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات پىلانىغا رەسمىي كىرگۈزۈلگەن. بۇ تېما تەبىئىي ھالدا قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى بولغان. 1979-يىلى، مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ خىزمىتى مۇشۇ ئاكادىمىيىنىڭ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا يۆتكەلگەن. بۇ ئورۇن ئانا تىلغا ئاشىق ھەر بىر خادىم ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك مەرىپەت سورۇنى ئىدى. مىرسۇلتان ئوسمانوف شۇنىڭدىن باشلاپ ئېنسىكلوپېدىيىلىك نادىر ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلاش تېما گۇرۇپپىسىدا باشلامچىلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئۈچ توملۇق بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ 2- ۋە 3-توملىرىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى تەرجىمە قىلىش-نەشىرگە تەييارلاش جەريانى، ئەمەلىيەتتە، ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىش-تەتقىق قىلىش ھەم جانلىق تىلنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش جەريانى بولدى. مىرسۇلتان ئوسمانوف ئۇستاز ئىبراھىم مۇتئىي بىلەن 1980-يىلى يازدا ئاتۇش ۋە يېڭىسار ناھىيىلىرىدە «دىۋان»غا ئائىت لېكسىكا مەسىلىلىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، 1982-يىلى قەشقەردە «دىۋان»نى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. بىزدە «تىرىشقان ئوزار، تىرىشمىغان توزار» دېگەن ماقال بار. تۆھپىكار ئۇستاز، نەتىجىلىك تىلشۇناش مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ئىزدىنىش مۇساپىسى مۇشۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ جانلىق دەلىلى بولالايدۇ.

      مىرسۇلتان ئوسمانوف ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ئالىمىمىز. ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق ئىلمى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ئۈچۈن تۆككەن تەرى دائىرە نۇقتىسىدىن تىلشۇناسلىقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە، زامان نۇقتىسىدىن ھازىرقى زاماندىن قەدىمكى زامانغىچە تۇتىشىپ كېتىدۇ.

      مىرسۇلتان ئوسمانوف 1989-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات باشقارمىسىغا يۆتكەلگەن. ئۇ بۇ ئورگاندىمۇ بىر قولدا تەتقىقاتنى، يەنە بىر قولدا تىل تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتقان. ئۇ شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تىلشۇناس ئامىنە غاپپار بىلەن بىرلىكتە قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ يېزىسىدا نەق مەيدان تىل تەكشۈرۈشى قىلىپ، «قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ شېۋىسى توغرىسىدا» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئېلان قىلغان. 1996-يىلى يازدا، شەرقىي شىنجاڭدىكى قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ تۆمۈرتى، ئاقتاش يېزىلىرىدا تىل تەكشۈرگەن. ئۇ ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ھەم ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەر توغرىسىدا»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەۋىشلەر توغرىسىدا»، «چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز»، «‹قۇتادغۇ بىلىك›تە ئىپادە قىلىنغان ئەدەبىي تىل توغرىسىدا» قاتارلىق بىر مۇنچە ئىلمىي ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىشى»، «قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تاۋۇشلىرىنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەتقىقاتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنى ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ۋۇجۇدقا چىقارغان. بۇ ئەسەرلەردىن بىر قانچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا ئالاھىدە دەرىجىلىك، 1-ۋە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە «جاھاننامە»، «ئۇيغۇر شېۋىلىرى سۆزلۈكى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. 1985-ۋە 1999-يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان چاغاتاي تىلى ئۆگىنىش كۇرسىغا چاغاتاي تىلى گرامماتىكىسىدىن دەرس ئۆتكەن. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن، يەتتە قارارلىق 10 نەچچە ئاسپىرانتقا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى ۋە چاغاتاي تىلى دەرسلىرىنى ئۆتۈپ، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى بويىچە ماگىستىر تەربىيىلەش خىزمىتىگىمۇ تېگىشلىك ھەسسە قوشقان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلىرىنىڭ ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنلىرىدا باھالىغۇچى بولغان.

    مىرسۇلتان ئوسمانوف يەنە چەتئەللەردە ئىلمىي زىيارەتلەردە بولۇپ ھەم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، چەتئەلدىكى كەسىپداشلارغا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدە ھەققىدە بىر قانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەن. 1999-يىلى ياپونىيىنىڭ كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا «لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ ئالاھىدىكى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا، 2000-يىلى تۈركىيىدە خوتەن دىئالېكتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ، لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغان.

      مىرسۇلتان ئوسمانوف 1960-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىدا لېكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا، 1983-ۋە 1987-يىللىرى كاندىدات تەتقىقاتچى ۋە تەتقىقاتچى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان. 1991-يىلى مەملىكەت بويىچە تۆھپە ياراتقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس دەپ باھالىنىپ، ھازىرغا قەدەر گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ 1992-يىلى 3-ئايدا رەسمىي دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى تىرىشچانلىق سۇسلاشمىدى، قولىدىكى قەلىمى توختىمىدى، يېنىدىن شاگىرتلىرى ئۈزۈلمىدى، نەتىجىلىرىمۇ ئۆزلۈكسىز چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى رەتلەش، نەشر قىلىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن نۇرغۇن شەرەپلەرگە نائىل بولدى. 2005-يىلى قەشقەردە ئېچىلغان «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا مىرسۇلتان ئەپەندى بىلەن باشقا توققۇز ئالىمغا «دىۋانشۇناسلىقتىكى تۆھپىكار» شەرەپنامىسى بېرىلدى. 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا مىرسۇلتان ئەپەندى بىلەن ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىگە دىۋانشۇناسلىقتىكى تۆھپىسى ئۈچۈن تون كەيدۈرۈلدى.
    مىرسۇلتان ئوسمانوف يەنە چەتئەللەردە ئىلمىي زىيارەتلەردە بولۇپ ھەم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، چەتئەلدىكى كەسىپداشلارغا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدە ھەققىدە بىر قانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەن. 1999-يىلى ياپونىيىنىڭ كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا «لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ ئالاھىدىكى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا، 2000-يىلى تۈركىيىدە خوتەن دىئالېكتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ، لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغان.

    ئانا تىل مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ يىلتىزى. ئانا تىلنى ئۆگىنىش، قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەنە شۇ تىل ئارقىلىق تىلى چىققان ھەر قانداق كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى، بۇرچى ۋە ئانا تىل ئالدىدىكى قەرزى. بىر نېمىس ئالىمى شۇنداق دەيدۇ: «بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ روھى، بىر مىللەتنىڭ روھى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدۇر». 60 نەچچە يىلدىن بۇيان ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مېھنەت قىلىۋاتقان، مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مىننەتسىز تەتقىق قىلىۋاتقان، تەر تۆكۈۋاتقان، ھېرىش-چارچاشنى بىلمەيدىغان ئالىم مىرسۇلتان ئوسمانوف يېشىنىڭ چوڭىيىپ قېلىشى، سالامەتلىكىنىڭ بۇرۇنقىغا يەتمەيۋاتقانلىقىغا قارىماي، خۇددى 50 نەچچە يىل بۇرۇنقىدەكلا خىزمەتكە ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ھازىرمۇ ياشانغىنىغا قارىماي، دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەۋاتىدۇ.

      مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى تىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولسا، ئىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، تۇرمۇشتىكى ئاددىي-ساددىلىقى، ئەل-جامائەتكە تۇتقان دوستانە-خۇشچاقچاقلىقى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئۈلگىسىدۇر. بىر مىرسۇلتان ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە ئەبەدىي خاتىرجەملىك، زېھنىيىتىگە چەكسىز قۇۋۋەت تىلەيمىز!

      

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ