(ھېكايە)
پولات ئاماننۇرى
مەھەللە دوقمۇشىدىن قايرىلىپ، سەل نېرىراقتىكى گېزىت تاختىسىنىڭ يېنىدا گېزىت كۆرۈۋاتقان سۇلايمىنىكامنى كۆرۈپ قالدىم. ئەزەلدىن گېزىت بىلەن خۇشى يوق سۇلايمىنىكامنىڭ گېزىت كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سەل ھەيران بولدۇم. «بۇنچە قىزىقىپ نېمە خەۋەر كۆرۈۋاتقاندۇ؟» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ، سۇلايمىنىكامنىڭ يىنىغا باردىم.
— ئوھۇي، سۇلايمىنىكا. بۈگۈن كۈن نەدىن چىققاندۇ؟ سېنىمۇ گېزىت بار يەردىن تاپقىلى بولىدىكەن-ھە! — دېدىم مەن چاقچاق قىلىپ.
— ھەي، ئۇكام. ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەيلا دېدىم.
سۇلايمىنىكامنىڭ ئەلپازىدىن خاپىلىق تېپىۋالغاندەك كۆرۈنەتتى. «سۇلايمىنىكامنىڭ چىرايى ئەجەپ تۇتۇلۇپ كېتىپتۇ-يا، ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغۇدەك زادى قانداق خەۋەر بېسىلغاندۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ، گېزىتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە كۆز يۈگۈرتتۈم.
— سۇلايمىنىكا، زادى نېمە ئىش بولدى؟ — دېدىم مەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي.
— ماۋۇ ئادەمنى تونۇدۇڭمۇ؟ — دېدى سۇلايمىنىكام بىگىز بارمىقى بىلەن گېزىتنىڭ مەلۇم بىر يېرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
— «پاكىز شەھەر بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم كىشلەر يەنىلا ئۆز سەنىمىگە دەسسەۋاتىدۇ»، بۇ رەسىمدىكى كىشى ئەجەپ تونۇش چىرايغۇ؟
— بۇ تونۇش چىراي دەل مەن. ئەتىگەن ئۇدۇل قوشنام «گېزىتكە چىقىپسەن» دېۋىدى، چاقچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
سۇلايمىنىكامنىڭ سۆزىدىن چۆچۈپ، رەسىمگە سىنچىلاپ قارىدىم. رەسىمدىكى باش پىرسوناژ سودا ساراي ئالدىغا قويۇپ قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، گازىر چېقىۋاتقانىدى. ئۇ دەل سۇلايمىنىكام ئىدى.
— قايسى كۈنى ئىكەنلىكى تازا ئېسىمدە يوق. ھەدەڭ بىلەن بازارغا چىققان. ھەدەڭ «مايكا كۆرۈپ قويغانىدىم» دەپ سودا-سارايغا كىرىپ كەتتى. ئىچىم پۇشۇپ، گازىرچى بالىدىن بىر سوملۇق گازىر ئېلىپ چاققاچ ئولتۇرغانىدىم. كۆرمەمسەن، بىردەمدىلا گېزىتكە چىقىپتۇ. سۈرەت ياندىن تارتىلغاچقا، ئانچە چېنىپمۇ كەتمەپتىمەن.
سۇلايمىنىكام سۆزلەۋىتىپ ئۆزىچە كۈلۈپ كەتتى. مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم. سۇلايمىنىكام ئۆزىنىڭ گېزىتكە چىققانلىقىنى كۆرۈپ خۇشلىقىدا كۈلدىمۇ ياكى ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلدىمۇ بۇنى تازا چۈشىنەلمىدىم. «سۇلايمىنىكام بۇ ئىشتىن ساۋاق ئالسىلا بولدىغۇ» دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى سىرتتىن يىنىپ ھويلىغا كىرسەم، سۇلايمىنىكام يۈگۈرگىنىچە يىنىمغا كەلدى.
— ئۇكام، سەن كۈندە گېزىت كۆرۈپ تۇرىسەنغۇ-ھە؟
— نېمە بولدى؟ يەنە گېزىتكە چىقىدىغان ئوخشىمامسەن؟
— ھەدەڭ قايسى كۈنى گېزىتكە چىققانلىقىمنى كۆرۈپ، سەل ئەندىشە قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كوچىدا بىر كىشىگە پال ئاچقۇزغانىكەن. ھازىر مۇخبىرلار يامان بولۇپ كىتىپتۇ، «بىر قىسىم كىشلەر يەنىلا پالدىن بېرى كېلەلمەيۋاتىدۇ» دەپ ھەدەڭنىڭ سۈرىتىنى قوشۇپ گېزىتكە چىقىرامدىكىن دەيمىنا.
— نېمە؟
(بۇ ھېكايە يەنە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 2012-يىل 29-مارت سانىدا ئېلان قىلىنغان)