شېئىر گۈزەللىك، مېھرىبانلىق، سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ قۇرىماس بۇلىقى. ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى تارىختىن بۇيان قەلبلەر ئارا چۈشىنىش ۋە مېھىر - مۇھەببەت ئويغىتىپ كەلگەن. كىشىلەر خۇشال بولغاندا ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا كۆپىنچە شېئىرغا مۇراجىئەت قىلىشىدۇ. شېئىر تىنىقى، روھى، گۆشى، قېنى بار مەنىۋى مەھسۇلات، شۇنداقلا شائىر ھاياجانلانغاندىلا ئاپىرىدە بولىدىغان ھېسسىي ھاسىلات. شېئىر بولمىسا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى مۇكەممەل بايان قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ ماھىيەتتە كىشىنىڭ روھىغا تاقىلىدىغان، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىپ، كۈلدۈرۈپ - يىغلىتىدىغان، ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىلاھىي كۈچ.
مەشھۇر شائىر يەن يى: «ئەگەر شېئىرنىڭ گۈزەللىكىنى چىرايلىق قىزغا تەقلىد قىلساق، ئۇنىڭدا گۈزەل ئىچكى دۇنيا، روھ ۋە ھېسسىيات، ئۇنىڭدىن باشقا گۈزەل تاشقى قىياپەت، ئەپچىل كومپوزىتسىيە، يېڭى غايىۋى مەنزىل، ساددا تىل بولۇشى كېرەك. يەنە مۇزىكىدىكى ئاھاڭدارلىق، ھەيكەلتىراشلىقتىكى شەكىلدارلىق، رەسىمدىكى رەڭدارلىق بولۇشى كېرەك»دېگەن. شائىر ئەي چىڭ «شاراب» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازغان:
«سۆيۈملۈكتۇر ئۇ،
بولغاچ ئۇنىڭ ئوتلۇق مىجەزى
ھەم زۇمرەتتەك
سۈپسۈزۈك پەيزى.
خۇشاللىقنىڭ پەرىشتىسى ئۇ.
نەدە شادلىق، تەنتەنە بولسا،
ئۇ شۇ يەردە بولىدۇ پەيدا.»
بۇ مىسرالاردىكى سۈزۈكلۈك، شائىر قەلبىدىن سىرغىپ چىققان ئارامبەخىش تۇيغۇلار ھەقىقەتەنمۇ مۇڭلانغان قەلبلەرگە مەلھەم بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭۈل غەشلىكلىرى ئۈچۈن رومانتىك مۇھىت پەيدا قىلغان.
بىز شېئىرنىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق قەلبىمىزدىكى ئارزۇ - ئارمان، گۈزەل ئىنتىلىشلىرىمىزنى ئاشكارىلايمىز. ئۇنىڭ مىسرالىرى ئارىسىدىن ئۈمىدۋارلىق شولىسىنى كۆرگەندەك، دىلىمىز ئېزگۈ ئوي - پىكىرلەر بىلەن تولۇپ، قەدىر - قىممىتىمىزنى بىلگەندەك بولىمىز. شېئىر مېھرىبانلىقنىڭ جارچىسى ھەم ئۇنىڭ ئەبەدىيلىك پەرىشتىسى. بىز «شاھنامە»، «خەمسە»، «فائۇست»، «گۈل»، «ئويغان»، «يىللارغا جاۋاب»، «ئىز»، «تۈگىمەس ناخشا» قاتارلىقلاردىن شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ ئىزگۈلۈكىنى، گۈزەللىكىنى، ھاياتىي كۈچ - قۇدرىتىنى تېخىمۇ كونكرېت بىلىپ يېتەلەيمىز. شۇڭا «شېئىر بىزنىڭ روھىي دۇنيارىمىزنى بېيىتىدۇ ھەمدە ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرنى چۈشىنىش قابىلىيىتىمىزنى يېتىلدۈرىدۇ»(توماس ئېلىئوت). شائىر ئىبراھىم نىيازنىڭ «شېئىرنىڭ ئارخىپى» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق مىسرالار بار:
«ئېھ، ھايات!
شېئىر بىلەن تىنىقلىرىڭ بىر،
توغراق كەبى يىلتىزلىرىڭدا
ئاجايىپ بىر ئارمانلىرىڭ بار.»
بۇنىڭدىكى شېئىرغا بولغان ئىشەنچ، مۇھەببەت ۋە شېئىرنىڭ ھاياتىي كۈچىگە بولغان مەپتۇنكارلىق كىشىنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدۇ. مانا بۇ شېئىردىكى گۈزەللىكنىڭ جەۋلان قىلىشى، ئوقۇرمەن قەلبىنى ئۈزلۈكسىز لەرزىگە سېلىپ شېئىرنىڭ قۇدرەت - كامالىغا تەھسىن ئېيتقۇزۇشى. شېئىر شۇنداق بىر گۈزەل گۈلزاركى، ئۇنىڭ قوينىدا سۈزۈك فونتانلار توختاۋسىز ئېتىلىپ تۇرىدۇ. قۇشلار بەس - بەستە سايرىشىپ گۈللەرنى مەھلىيا قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا شېئىر گۈزەللىك بىلەن بىر ئۇقۇم سۈپىتىدە تەلقىن قىلىنىپ كەلگەن. داڭلىق يىزۇ شائىرى جىدى ماجيا »شېئىرنىڭ ئاۋازى شائىرنىڭ روھىي چوڭقۇرلۇقىدىن چىقىدىغان ئەڭ ماھىيەتلىك ئاۋاز بولۇشى كېرەك، شېئىردىكى دۇنيا ئادىمىيلىك ۋە مۇھەببەت بىلەن تويۇنغان دۇنيا بولۇشى كېرەك« دېگەن.
«سەھەردە يورۇدى ئاسماندا قۇياش،
تۇرىمەن دېرىزەم ئالدىدا تەنھا.
خىياللار تەۋرىتەر روھىمنى شۇ تاپ،
ھېسلىرىم قېتىدىن كەلگىن مەرھابا.»
شائىرە رەشىدە سېيىتنىڭ «بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئىزدەپ كەل مېنى» ناملىق لىرىكىسىدىكى بۇ مىسرالاردا كىشىنى رومانتىك تۇيغۇلار قوينىغا باشلاپ، ئۇزاققىچە ھاياجانغا سالىدىغان لىرىك مەنزىرە نامايان. بىز بۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇغاندا خېلى بىر چاغلارغىچە يېنىك، تارتىملىق، شېرىن تۇيغۇنىڭ ئىلكىدە ئەللەيلىنىمىز. شېئىرنى ھەزىم قىلغاندا ئۇنىڭدىكى تۇيغۇ، رىتىم، ھېسسىيات، ئىدىيەنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالىمىز - دە، ئۇنى ئۆزىمىزگە ئايلاندۇرۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز. مانا بۇ شېئىرنىڭ بىزنى مەھلىيا قىلىپ، ئۆزىمىزنى تامامەن ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىدىغان سېھرىي كۈچى.
بىز شېئىرنى ئاددىي، نوقۇل ھالدا دەۋر روھىنى تارقاتقۇچى دەپ قارىماستىن، ئۇنى ھەقىقىي تۈردىكى ئوبرازغا ئايلاندۇرۇپ يېزىش ۋە شۇ ئاساستا چۈشىنىشىمىز لازىم. شېئىر ھېسسىيات ئارقىلىق ھەرىكەتكە كېلىپ، ئوقۇرمەن قەلبىگە ئۈزلۈكسىز ئېقىپ تۇرىدىغان توختاۋسىز بۇلاق. ئۇنىڭ سۈيى (مەزمۇنى) ئاجايىپ سۈزۈك ۋە لەززەتلىك. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى كۆپ. بالدۇر ياكى كېيىن، بۇرۇن ياكى ھازىر ئۇنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ روھى، رەڭگى، پۇرىقى، ھېسسىياتى، تۇيغۇسىنى ئۆز تۇرمۇشىغا تەقلىد قىلىدىغانلار ھامان ئۆكسىمەيدۇ. چۈنكى شېئىر مەڭگۈ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ھەم ئەبەدىي ئاخىرىلاشمايدۇ. بېلنىسكى«شېئىرنىڭ ماھىيىتى شەكىلسىز ئىدىيەگە جانلىق، ھېسسىي، گۈزەل ئوبراز بېرىشتە» دېگەن. مانا بۇ شېئىرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك تەرىپىنى ئىپادىلىگەن ئوبرازلىق بىر جۈملە بولسا كېرەك.
يىغىنچاقلىغاندا، شېئىر تۇرمۇشنى گۈزەللەشتۈرىدىغان، ئۇنىڭغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ، دەۋرنىڭ تومۇرىدا ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان ئىسسىق قان. ئۇ گۈزەللىك دېگەن ئۇقۇمنى تېخىمۇ جانلىق ۋە ئوبرازلىق كۆرسىتىپ، ئوقۇرمەن قەلبىنى كۈنسېرى تىنىمسىز لەرزىگە سالىدىغان ئىلاھىي تۇيغۇ. ئۇنىڭ روھى، جىسمى، تىلى ۋە ئىدىيەسى دەل شېئىرنىڭ جېنىدۇر.