|
|
12مۇقامىمىزنى قوغداش مىزانىنى كۆرۈپ قويۇڭ |
يوللىغان ۋاقىت:2012-03-22 ئاۋاتلىقى:843 |
|
|
|
1 – ماددا بۇ نىزام ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش، ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى. 2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ. بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئۇيغۇر مۇقامى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››، ‹‹تۇرپان مۇقامى››، ‹‹قۇمۇل مۇقامى››، ‹‹دولان مۇقامى›› قاتارلىق مۇقاملارنىڭ ئومۇمىي نامى (تۆۋەندە مۇقام دېيىلىدۇ) بولۇپ، ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلىدۇر. بۇ نىزامدا ئېيتىلغان قوغداش مۇقامنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئارخىپلاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش، ساقلاش، قوغداش، تەشۋىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. 3 – ماددا مۇقامنىڭ مۇنۇ ئوبيېكتىلىرى قوغدىلىدۇ: (1) مۇقام ئەدەبىياتى، مۇزىكىسى، ئۇسسۇللىرى؛ (2) مۇقامنى ئەنئەنىۋى ئورۇنلاش ماھارىتى؛ (3) مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت، بەدىئىي شەكلى شۇنىڭدەك چالغۇ، كىيىم – كېچەك، جابدۇق قاتارلىقلارنى تەييارلاش ھۈنىرى؛ (4) مۇقامغا دائىر تىپىك ئىپتىدائىي ماتېرىيال، نەرسە، سورۇن ۋە ئەسلىھە؛ (5) مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلار؛ (6) مۇقامنىڭ قوغدىلىدىغان باشقا ئوبيېكتىلىرى. 4 – ماددا مۇقامنى قوغداشتا قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىش، كەلگۈسى پىلانىنى تۈزۈش، قەدەملىك يولغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چىنلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە ئەنئەنىۋى خاسلىقىنى ساقلاش كېرەك. 5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى ئوبلاستلىق، (شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك) ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمە) لەر (تۆۋەندە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېيىلىدۇ) مۇقامنى قوغداش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇقامنى قوغداش خىزمىتىگە مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. 6 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئاپپارات مۇقامنى قوغداش خىزمىتىنى كونكرېت ئۈستىگە ئالىدۇ. مالىيە، ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – تېلېۋىزىيە، مىللەت – دىن، ساياھەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مۇقامنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ. 7 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويۇشى؛ مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويۇشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 8 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇقامنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەل ئىچىدىكى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنى بېكىتىپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ھەمدە نام بېرىش، يۆلەش، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ۋارىسلىق قىلغۇچى شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋارسلىق قىلىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك. 9 – ماددا مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇستا مۇقامچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، مۇقامنى رەتلىشى، تەتقىق قىلىشى، ۋارىسلىق قىلىشى، كۆرسىتىشى ۋە تارقىتىشى كېرەك. باشقا كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ مۇقامنى ئورۇنلاش، كۆرسىتىش، ۋارىسلىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. 10 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇقام بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەمدە ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارنى قۇتقۇزۇش، توپلاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشى، مۇقامغا دائىر ئەسەرلەرنى تەييارلاش، نەشىر قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. 11 – ماددا سەنئەت ئىنستىتۇت – مەكتەپلىرى ۋە شارائىتى بار ھەردەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەرنىڭ مۇقامغا دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئۆگىتىشىگە؛ مۇقام تەتقىقات پائالىيىتى، ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىدىغان، ئۇنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە قوغدايدىغان يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. 12 – ماددا ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى قاتارلىق جامائەت تارقىتىش ۋاسىتىلىرى مۇقام بىلىملىرىنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشى كېرەك. 13– ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تىپىك مۇقامغا دائىر تاشقى ئالاقە پائالىيىتىنى بىر تۇتاش تەشكىللەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇقام ئىلمىي نەزەرىيەسى، قوغداش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش جەھەتلەردىكى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 14– ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، مۇقام تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇئەييەن سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى قوغدىشى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى (نۇقتىلىرى)، مىللىي خاسلىققا ئىگە كوچىلار (تۇرالغۇلار)، مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيىت – بايرام، مۇقام بايرىمى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مۇقامنى تارقىتىش ۋە كۆرسىتىشكە مەدەت بېرىشى كېرەك. مۇقام ئورۇنلىنىدىغان، كۆرسىتىلىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچى ئاسرايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىدۇ. 15 – ماددا مۇقامنى مول، مۇكەممەل، ئۆزگىچە شەكىللەر بىلەن ئورۇنلايدىغان، كەڭ ئاممىۋى ئاساسى بولغان مۇئەييەن رايونلاردا مۇكەممەللىكنى ساقلاش يۈزىسىدىن مۇقام ئېكولوگىيەسى مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇشقا بولىدۇ.
|
|
|