سۇ تېجەش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش − شىنجاڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى

0 2013-09-29 17:49:28   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى ھېسابلىنىدۇ، كىلىماتى تىپىك مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك قۇرغاق ئىقلىمغا تەۋە، سۇ بايلىقى كەمچىل ھەم تەكشى ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى، دېھقانچىلىق شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ساھەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ناچار كىلىمات شارائىت بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەش رولىنى ئوينىماقتا. شۇڭا چەكلىك سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئېتىبار بېرىش كېرەك:
      بىرىنچى، سۇ بايلىقى بىلەن ئىقتىساد، مۇھىت ۋە ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىش
      سۇچىلىق ئىشلىرىدا تونۇشنى يېڭىلاپ، ئەنئەنىۋى سۇچىلىقتىن زامانىۋى سۇچىلىققا، مۇھىت سۇچىلىقىغا، ئىمكانىيەت سۇچىلىقىغا يۈزلىنىپ، سۇ بايلىقىنى ئېچىش بىلەن تېجەپ ئىشلىتىشنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سۇ بايلىقى بىلەن ئىقتىساد، مۇھىت ۋە ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىر تەرەپتىن سۇ مەنبەسىنى ئېچىش ۋە تېجەشكە زور كۈچ سەرپ قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ۋە سۇ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
      ئىككىنچى، ئۈزلۈكسىز ھالدا تېخنىكا يېڭىلاپ تۇرۇش
      پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى. شۇڭا يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن پايدىلىنىش جەھەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلغار تېخنىكىلارنى داۋاملىق كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئاز سۇ ئىشلىتىپ كۆپرەك يەر سۇغۇرۇش، سۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
      ئۈچىنچى، سۇ ئىسراپچىلىقىدىن ئامالنىڭ بېرىچە ساقلىنىش
      گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۇ ئامبارلىرى ۋە سۇ سىڭمەس ئۆستەڭلەر كۆپلەپ ياسالغان بولسىمۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېرىلغۇ يەرلەر ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەنلىكتىن، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئىشلىرى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. شۇڭا سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدۇر. شۇڭا ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
      1. ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك
      شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۇ بايلىقىنى ئاسراپ تېجەپ ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، سۇ تېجەش نۇقتىلىرىنى ۋە سۇ تېجەش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، سۇ ئىشلىتىش نورمىسىنى بەلگىلەش، مۇۋاپىق بولمىغان ئېھتىياجنى تەڭشەپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى چەكلەش كېرەك.
      2. بوز يەر ئېچىشقا قارىغۇلارچە مەبلەغ سېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك
      ھەرقايسى جايلار بوز يەر ئېچىشتا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشى، بوز يەر ئېچىش ۋە سۇغۇرۇشقا كېتىدىغان سۇ مىقدارىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن ئاساستا پىلان تۈزۈپ چىقىشى ھەم شۇ بويىچە ئىجرا قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا چەكلىك سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ.
      تۆتىنچى، سۇ بايلىقىنىڭ مەنبەدىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
      ھازىر شىنجاڭدا دەريا ۋە كۆللەرنىڭ سۇ مۇھىتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ، تۈزەشكە تېگىشلىك دەريا - ئېقىن ۋە كۆللەرنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق سۇ بايلىقىنىڭ مەنبەدىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
      بەشىنچى، خۇلاسە
      شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېزا ئىگىلىكىنى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇش زۆرۈر. ھالبۇكى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى بولسا سۇدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئەزەلدىن سۇ قىس بولىۋاتقان شىنجاڭدا سۇ تېجەش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تىكلەپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، يېڭى ۋە ئىلغار سۇغۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، سۇنى تېجەشلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە تەقەززاسى بولۇپ قالدى. پۈتكۈل جەمئىيەتتە سۇ تېجەشكە ئالاقىدار تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، جامائەتچىلىككە سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېنىق تونۇتقاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنى سۇ تېجەش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە تامامەن ئۆزگەرتكىلى، سۇ بايلىقىدىن پىلانلىق ھەم ئىلمىي يوسۇندا پايدىلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تېجەشلىك سۇ ئىشلىتىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، سۇ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدىن مېڭىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر