شەكىلداش سۆز بىلەن ئاھاڭداش سۆزنىڭ پەرقى ۋە ئۇنى توغرا قوللىنىش توغرىسىدا
تىلىمىزدا قوللىنىلىدىغان لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ بىر قىسمى شەكىلداش ۋە ئاھاڭداش بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەنىسى بىر - بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مەنىسى ئوتتۇرىسىدا لوگىكىلىق مۇناسىۋەت بولمايدۇ. ئۇنداق سۆزلەر ئۆز ئالدىغا ئايرىم - ئايرىم مۇستەقىل مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىدا ھەر خىل سۆز تۈركۈملىرىگە مەنسۇپ بولغان سۆزلەردىن بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىر - بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى يۇقىرى.
1 - مىسال:
كۆك ئىسىم بىز بۈگۈن كۆك چۆچۆرىسى يېدۇق.
كۆك)سۈپەت كۆك ئەتلەستىن تىكىلگەن كۆينىكى ئۇنىڭغا خوپلا ياراشقانىدى.
2 - مىسال:
چاقماق ئىسىمھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چاقتى.
چاقماق سۈپەتچاقماق كۆينەك كىيگەن بىرى يېنىمدىن ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئىككى گۇرۇپپا جۈملىگە قارايدىغان بولساق، شەكىل جەھەتتە ئوتتۇرىدىكى پەرق ئىنتايىن كىچىك، بۇلارنى پەرقلەندۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا بۇ سۆزلەرنىڭ پەرقى ۋە ئستېمالدىكى قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلىسەكلا، توغرا ۋە جانلىق قوللىنالايمىز.
بىرىنچى، شەكىلداش سۆز بىلەن ئاھاڭداش سۆزنىڭ پەرقى
1. شەكىلداش سۆز
يېزىلىشى ئوخشاش، ئەمما مەنا ۋە تەلەپپۇزى ئوخشىمايدىغان سۆزلەر شەكىلداش سۆز دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن:
1 ئاتا - بالا ئىككەيلەندىن ئاققان قان بىر پارچە كىگىزنىڭ ئورنىدەك يەرنى قىپ - قىزىل قانغا بويىۋەتكەنىدى.
2 بالا - قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت - قولىنى ساڭگىلىتىپ.
يۇقىرىقى ئىككى جۈملىدە بالا سۆزى ئوخشاشلا ئىسىم تۈركۈمىگە تەۋە بولسىمۇ، بىراق مەنىلىرى ئوخشىمايدۇ.
2. ئاھاڭداش سۆز
يېزىلىشى ۋە تەلەپپۇزى ئوخشاش، بىراق مەنىلىرى ئوخشىمايدىغان سۆزلەر ئاھاڭداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن:
1 خەير - خوش، ياخشى چۈش كۆرۈڭ.
2 ئوغلۇم شوتىدىن ئالدىرىماي چۈش.
يۇقىرىقى بىرىنچى جۈملىدە چۈش سۆزى ئىسىم تۈركۈمىگە، ئىككىنچى جۈملىدە پېئىل تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىزىلىشى ۋە تەلەپپۇزى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما مەنىلىرى ئوخشىمايدۇ.
ئىككىنچى، شەكىلداش سۆز بىلەن ئاھاڭداش سۆزنى توغرا قوللىنىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
1. مەيلى شەكىلداش سۆز بولسۇن ياكى ئاھاڭداش سۆز بولسۇن، كۆپىنچە ھاللاردا ھەر خىل سۆز تۈركۈملىرىگە تەۋە بولىدۇ.
2. شەكىلداش سۆزلەرنىڭ يېزىلىشى ئوخشاش بولىدۇ، بىراق تەلەپپۇزى ۋە مەنالىرى ئوخشىمايدۇ.
مەسىلەن:
1 ئوغلۇم، ئۆرۈكنىڭ شېخىنى ئاچا بىلەن يۆلەپ قويايلى.
بۇ جۈملىدە ئاچا سۆزى دەل - دەرەخلەرنى يۆلەپ قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاچىماقنى كۆرسىتىدۇ.
2مەن ئاچام بىلەن ھازىرلا كۆرۈشۈپ كەلدىم.
بۇ جۈملىدە ئاچا سۆزى ئۆزىدىن چوڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىنى كۆرسىتىدۇ.
3. ئاھاڭداش سۆزلەرنىڭ يېزىلىشى ۋە تەلەپپۇزى ئوخشاش بولىدۇ، ئەمما مەنىلىرى ئوخشىمايدۇ.
مەسىلەن:
1 مەن بازاردىن بىر كىلو ئالما سېتىۋالدىم.
بۇ جۈملىدە ئالما سۆزى بىر تۈرلۈك مېۋىنى كۆرسىتىدۇ.
2 باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئالما.
بۇ جۈملىدە ئالما سۆزى ئىنسانلارنىڭ ئېلىم - بېرىم مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.
4. ئەگەر يىزىلىشى ئوخشاش بولغان ئىككى سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسى قىسقا سوزۇق تاۋۇش ياكى ھەممىسى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار ئۇرغۇسىزتاۋۇش بولسا، بۇ ئىككى سۆز ئۆزئارا ئاھاڭداش سۆزلەر ھېسابلىنىدۇ.
مەسىلەن:
1 مەن ئات مىنىشكە ئامراق.
2 بالام، قولۇڭدىكى نەرسىنى نېرى ئات.
يۇقىرىقى بىر گۇرۇپپا جۈملىدىكى ئات سۆزىنىڭ تەلەپپۇزى ۋە يېزىلىشى ئوخشاش، ئەمما مەنىلىرى ئوخشىمايدۇ ھەمدە »ئا« تاۋۇشىدا ئۇرغۇ پەرقى بولمايدۇ.
ئەگەر ئىككى سۆزنىڭ بىرى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش، يەنە بىرى قىسقا سوزۇق تاۋۇش ئۇرغۇلۇق تاۋۇش بولسا، بۇنداق سۆزلەر شەكىلداش سۆزلەر ھېسابلىنىدۇ.
مەسىلەن:
1 دادام بازاردىن بىر دانە ئارا سېتىۋالدى.
2 مېنىڭ ئۆيۈم ئارا مەھەللىدە.
يۇقىرىقى بىر گۇرۇپپا جۈملىدىكى ئارا سۆزىنىڭ يېزىلىشى ئوخشاش، ئەمما مەنا ۋە تەلەپپۇزى ئوخشىمايدۇ. كېيىنكى جۈملىدە ئۇرغۇ سۆزنىڭ ئاخىرىقى بوغۇمدىكى »ئا« تاۋۇشىغا كۆچىدۇ، يۇقىرىقى بىر گۇرۇپپا جۈملىدىكى ئاراسۆزىنىڭ يېزىلىشى ئوخشاش، ئەمما مەنىلىرى ۋە تەلەپپۇزى ئوخشىمايدۇ.
قىسقىسى، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا، شەكىلداش سۆزلەر بىلەن ئاھاڭداش سۆزلەرنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ ئىستېمال قىلىش ۋە توغرا قوللىنىش كېرەك.