مەملىكىتىمىزدە ئالىي مائارىپنىڭ ئاممىبابلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، كەسپىي مائارىپمۇ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى ۋە كۆپلىگەن كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتلىرى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا تېخنىكوم قاتلىمىدىن ئالىي تېخنىكوم قاتلىمىغا ئۆتكەن كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرى نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتلىرى ئادەتتە ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپلەرگە قارىغاندا كۆلىمى كىچىك، كەسىپ ئايرىمىسى ئېنىق بولغاچقا، كۇتۇپخانا جۇغلانما قۇرۇلۇشىدىمۇ ئالاھىدە خاسلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. جۇغلانما قۇرۇلۇشىدىكى خاسلىق دېگىنىمىز بىر كۇتۇپخانىنىڭ باشقا كۇتۇپخانىدىكى جۇغلانمىلارغا ئوخشىمايدىغان ھۆججەتلەرنى جۇغلاپ خاس ھۆججەتلەر توپى شەكىللەندۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرىنىڭ جۇغلانما گەۋدىسىدە خاسلىق يارىتىش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى
1 كەسپىي مائارىپنىڭ تەلىپى بەلگىلىگەن. كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرى مەكتەپنىڭ ئۇچۇر مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىلمىي مۇلازىمەت ئورگىنى، شۇنداقلا ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا باھا بېرىشتىكى مۇھىم بەلگە. كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتلىرى كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە تەلىپى بويىچە بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنى باشقۇرۇشتىمۇ ئۆزىگە خاس كەسپىي ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
2سېلىنمىنىڭ چەكلىكلىكى بەلگىلىگەن. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە ئۇچۇر مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ھۆججەتلەرنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە باھاسىمۇ كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا. ۋاھالەنكى، كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرىدا سېلىنما ۋە ئادەم كۈچى كەمچىل بولۇش، كۇتۇپخانا كۆلىمى كىچىك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغانلىقتىن، ھۆججەت - ماتېرىياللارنى جۇغلاشتا بەلگىلىك چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا كەسپىي ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرى چەكلىك سېلىنمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، جۇغلانما گەۋدىسىدە مەزكۇر كۇتۇپخانىنىڭ خاسلىق ئالاھىدىلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان جەۋھەرلەرنى تاللاپ، جۇغلانمىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى زۆرۈر كەسپىي بىلىملەر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
2. كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرىنىڭ جۇغلانما گەۋدىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك خاسلىق
1 مەكتەپتىكى كەسىپ تۈرلىرى ۋە تەتقىقات تېمىلىرىنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىش: كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرى مەكتەپنىڭ خاراكتېرى، ئېچىلغان كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، تۈرى بويىچە ھۆججەت - ماتېرىياللارنى جۇغلايدۇ. مەسىلەن: يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتلىرىنىڭ كۇتۇپخانىلىرىدا مەكتەپ نۇقتىلىق ئاچقان يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزا ئىگىلىك ئاساسىي پەنلىرى، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق ئىلمى ۋە دېھقانچىلىق سەنئىتى ئىلمى، ئۆسۈملۈك ئاسراش، باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق، ئوۋچىلىق، پىلىچىلىك، ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقى، سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە بېلىقچىلىق، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرگە ئالاقىدار ھۆججەت - ماتېرىياللار ئاساس قىلىنىدۇ.
2 يەرلىك ھۈججەت - ماتېرىياللارنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش: كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتلىرى كۇتۇپخانىلىرىدا تۇرۇشلۇق رايوننىڭ يەرلىك تارىخىي تەزكىرىلىرى، مۇھىم ئىشلار خاتىرىلىرى، ئىستاتىستىكا يىلنامەلىرى، جۇغراپىيەلىك مۇھىت ئەۋزەللىكى ۋە شۇ رايونغا تەۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھۆججەتلەر، قول يازمىلار، شۇ رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى بايان قىلىنغان ھۆججەتلەر ۋە يەرلىكتە بېسىپ تارقىتىلغان نەشر بۇيۇملىرى تولۇق ساقلىنىدۇ.
3 ئىچكى ماتېرىياللار جۇغلانمىسىنى بەرپا قىلىش: كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرى ئۆز مەكتىپىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلار، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى لايىھەلەر، ئوقۇتۇش قوللانمىلىرى، تەجرىبىگە يېتەكچىلىك قىلىش قوللانمىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار تۈزگەن دەرىسلىكلەر ۋە كونسىپېكلەر، شۇنداقلا چوڭ - كىچىك يىغىن خاتىرىلىرى، پەن - تېخنىكا دوكلاتلىرى ۋە مەكتەپلەردە بېسىپ تارقىتىلغان گېزىت - ژۇرناللارنى جۇغلاپ ساقلايدۇ.
3. جۇغلانما گەۋدىسىدە خاسلىق گەۋدىلەندۈرۈشتىكى تەدبىرلەر
1 كۇتۇپخانىنىڭ كىتاب سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرى كۆپ ھاللاردا توختاملاشقان كىتابخانىلار تەمىنلىگەن كىتاب تىزىملىكىدىن ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ سېتىۋالىدۇ ياكى كىتابخانا ۋە كىتاب كۆرگەزمىلىرىگە بېرىپ تاللاپ سېتىۋالىدۇ. شۇڭا كىتاب سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ھەرقايسى فاكۇلتېتلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەكتەپ ئاچقان ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ تۈرى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر قېتىم كىتاب سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن كىتابخانىلار تەمىنلىگەن كىتاب تىزىملىكىنى مەكتەپ تورىغا ئاشكارا چىقىرىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەركىن تاللىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش، ئوقۇتقۇچىلارنى كىتاب تونۇشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق جۇغلانمىلارنىڭ سەرخىللىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
2 كەسپىي ھۆججەتلەرنى نۇقتىلىق جۇغلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرىدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ كەسىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك جۇغلانمىلار تولۇق بولغاندىلا، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا يېقىندىن ماسلىشىپ مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ تۈردىكى ھۆججەت - ماتېرىياللارنى نۇقتىلىق جۇغلاپ سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
3مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئورۇنلار ياكى كارخانىلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ھۆججەت - ماتېرىيال بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتلىرى »ئوقۇتۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىقاتنى تەڭ ئېلىپ بېرىش« تىن ئىبارەت ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغانلىقتىن، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلار بىلەن بىرقەدەر زىچ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرى بۇنداق ئەۋزەل شارائىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كارخانىلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا دەلىللەنگەن، ئىلمىيلىكى كۈچلۈك كەسپىي بىلىملەر خاتىرىلىرىنى پائال توپلاش بىلەن بىرگە، يەنە كارخانىلارنىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بايلىقى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇ خىل ھەمكارلىق كۇتۇپخانىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى يېڭىشتىكى، ئەڭ مۇھىمى خاسلىق بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.
4 يەرلىك ھۆججەت - ماتېرىياللارنى جۇغلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يەرلىك ھۆججەت - ماتېرىياللار كۇتۇپخانا جۇغلانما گەۋدىسىدە خاسلىق بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدا كەم بولسا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرى يەرلىك ھۆججەت - ماتېرىياللارنى يىغىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى كېرەك.
5ئىچكى ماتېرىياللارنى جۇغلاشقا سەل قارىماسلىق كېرەك. كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇت كۇتۇپخانىلىرى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ھۆججەت - ماتېرىياللىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تولۇق جۇغلاپ ۋە رەتلەپ، جۇغلانمىنىڭ مۇھىم تەكىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرغاندىن سىرت، يەنە مەكتەپنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى يېتەرلىك سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
6 خاس سانىدان قۇرۇپ چىقىش كېرەك. كۇتۇپخانىدىكى ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەسلىھەلەرنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇغلانمىلارنىڭ ماس سانىدانىنى قۇرۇپ چىقىشتىن باشقا، يەنە ئېلېكتىرونلۇق كىتاب، نۇر دېسكا، كەسپىي ھۆججەتلىك فىلىملەر، لېكسىيەلەر مەخسۇس سانىدانى قۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ مول كەسپىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.