تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىرقەدەر كېچىكىپ قالدى. گەرچە نۆۋەتتە ئىقتىساد - سودا تەرەققىياتىدا ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى رايون ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا.
بىرىنچى، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىشنىڭ يېڭى سودا قائىدىلىرىگە ئۇيغۇنلىشىشىدا قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت
جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ئېلىپ بارغاندا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىرىگە ئەمەل قىلىشى زۆرۈر. بۇ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىشىغا بەلگىلىك قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىلگىرى دۆلەت تاشقى سودا كارخانىلىرىغا قاراتقان باج ۋە نورما جەھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالاشقان ۋە قېلىپلاشقان سودا قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى تاشقى سودا كارخانىلىرى يېڭى تۈزۈلمىگە ماسلىشىشى كېرەك.
يېڭى سودا مۇھىتىغا پۈتۈنلەي سىڭىپ كىرىشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىشتا قايتىدىن ماسلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ مۇقەررەركى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى تەننەرخىنى ئارتتۇرۇپ، ئېلىمىز تاۋارلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدىكى ئۈلۈشىنى كېمەيتىۋېتىدۇ.
بۇندىن باشقا، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىش ۋاقتى قىسقا، دەرىجىسى تۆۋەن بولۇشى، شۇنداقلا دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا تاشقى سودا تەجرىبىلىرىنىڭ بىرقەدەر ئاز بولۇشى ھۆكۈمەت ۋە تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ يېڭى سودا قائىدىلىرىگە ماسلىشىشىغا كۆپ قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرقەدەر ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى سودا قائىدىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، يېڭى تۈزۈلمىگە ماسلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. تەبىئىيكى، بۇ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىشى ئۈچۈن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
گەرچە ھازىرقى باسقۇچتا يېڭى سودا قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن يىراقنى كۆزلىگەندە تاشقى سودىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى خەلقئارا ئادەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشىپ، زۆرۈرىيىتى بولمىغان تەننەرخنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان، دۆلەت ۋە تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ پايدا - مەنپەئىتىنىمۇ زىيانغا ئۇچراتمايدىغان ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
ئىككىنچى، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا كارخانىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدا كۈچلۈك رىقابەتچىلەرگە يۈزلەنمەكتە
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئىستىراتېگىيەلىك بايلىق زاپىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا كۈچلەر تالىشىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئىستېمال بازىرىمۇ غايەت زور، 56 مىليون 560 مىڭ نوپۇسى بار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 856 ئامېرىكا دوللىرى. ئەگەر بۇ كىرىملەرنىڭ ھەممىسى ئۈنۈملۈك ھالدا ئوبوروت قىلىنىپ ئىستېمال مەبلىغى قىلىنسا، ئۇ ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنىڭ سىغىمى 48 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇنداق غايەت زور بازارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خەلقئارا كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى تالىشىشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ماددىي ئەشيالار بولۇپمۇ كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىنتايىن كەمچىل ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، جۇڭگو ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا ئوڭايلا كىرىۋالدى ھەمدە يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىدى. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا قارىتا دىققەت - نەزىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى چۆرىدىگەن خەلقئارا رىقابەت بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، جۈملىدىن ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تاۋارلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى بەس - بەستە ئىگىلەشكە باشلىدى.
ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو پەقەت قازاقىستاننىڭ ئۈچىنچى چوڭ سودا شېرىكى، ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان سودا سوممىسى ھەتتا ئالدىنقى يەتتىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونلىرىنىڭ سانائەتلىشىش سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك، ئىختىساسلىقلار ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇپ، ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدا شۆھرەت قازانغان جۇڭگو تاشقى سودا كارخانىلىرى »چەتلىشىش« تەھدىتىگە دۇچار بولماقتا. ئومۇمەن، خەلقئارا كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە بازىرى ۋە ئىستېمال بازىرىنى تالىشىشى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا. بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، جۇڭگو تاشقى سودا كارخانىلىرى تاۋار سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، داڭلىق ماركا يارىتىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، قىسمەن تىرانسپورت سىستېمىلىرىنىڭ نامۇۋاپىقلىقى ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە
ئېلىمىز غەربىي رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىرقەدەر ئاستا، ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى چوڭ، نوپۇسى شالاڭ، تەبىئىي مۇھىتى بىرقەدەر ناچار بولۇپ، پۈتكۈل رايوننىڭ تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بىرقەدەر قالاق. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى سودا ئالاقىسى ئېلىپ بارغاندا چېگرا سودىسىغا تايىنىدۇ، شۇڭا چېگرا پورتلىرىدا تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ راۋان بولۇش - بولماسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭنى ئالساق، قىسمەن تىرانسپورت سىستېمىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق ئەمەس، بولۇپمۇ ئالاتاغ چېگرا پورتىدا سودا تەتۈر پەرقى چوڭ بولغانلىقتىن، چېگرا پورتى كەسىپلىرى ئالدىراش مەزگىلدە ئىمپورت تاۋارلىرى چېگرا پورتىدا زور مىقداردا بېسىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى سەۋەبىدىن سودا جانلىنىش پەسلى ۋە كاساتچىلىق پەسلىدىكى توشۇش مىقدارى زور پەرقلىنىدۇ، بۇ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىشتا شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، شەرقتىن كىرگۈزۈپ غەربكە چىقىرىشتىكى تۈگۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇرماقچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن شىنجاڭ چېگرىسىدىن تاۋار كىرگۈزۈش - چىقىرىش ھەم ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى توشۇشتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ تۆمۈريول تىرانسپورتى راۋان بولماسلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك.
تۆتىنچى، سودا ھېسابات شەكلى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا
جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى سودا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغاندا ئىككى تەرەپ قوللىنىدىغان ھېسابات شەكلى بىرقەدەر ئاز بولۇپ، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالماي، شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان جۇڭگولۇق سودىگەرلەر پۇللىرىنى يەرلىك بانكىلارغا قويۇشتىن قورقىدۇ، جۇڭگوغا كېلىپ مال سېتىۋالىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرىمۇ نۇرغۇن پۇلنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھازىرچە ئىنتايىن ياخشى بولغان سودا ھېسابات ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققىنى يوق. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سودىسىدا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تەسىس قىلغان بانكا ھېسابات سىستېمىسى ئارقىلىق ھېسابات ئېلىپ بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. شۇڭا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سودا پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئۈنۈملۈك ھېسابات شەكلىنى قوللىنىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.