تۈركمەنىستان پاختا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە رېكورت ياراتتى. %80زېمىنى قۇملۇق بولغان تۈركمەنىستان 2012 - يىلى 1 مىليون 110 مىڭ توننا پاختا ئىشلەپچىقاردى. ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولغان تۈركمەنىستان دېھقانچىلىق ساھەسىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن تۈركمەنىستان دۇنيادىكى يەتتىنچى چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە تۈركمەنىستاننىڭ ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا ئىمپورت دۆلىتىگە ئايلاندى.