رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى كابېنت يىغىنىدا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى 2030~2013- يىللىرى 600 مىليارد رۇبلى تەخمىنەن 19 مىليارد 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ رۇسىيە كېمىسازلىق سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى فېدېراتسىيە خامچوتىدىن ئاجرىتىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە كېمىسازلىق سانائىتى تەرەققىيات پىلانىنىڭ نىشانى يېڭى ھەربىي ئىشلار بۇيۇملىرى يەنى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئاچىدىغان تەكشۈرۈش پاراخوتى ۋە يېڭى ئەۋلاد چوڭ تىپتىكى مۇز يارغۇچى پاراخوتنى ياساپ چىقىشتىن ئىبارەتكەن.