رۇسىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013 - يىلى فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتى يەرلىك ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن 7 مىليارد 750 مىليون رۇبلى مەبلەغ سالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2 مىليارد 150 مىليون رۇبلىسى ئىجارە تولۇقلىمىسى قىلىنىدىكەن، قالغان قىسمى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىكەن. رۇسىيە يەرلىك ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى نۆۋەتتە يەنىلا بىرقەدەر قالاق ھالەتتە بولۇپ، 2002 - يىلىدىن باشلاپ مالىيەدىن ئايرودرومنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا 145 مىليارد 300 مىليون رۇبلى مەبلەغ سېلىنغان.
رۇسىيە تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 2020 - يىلىدىن بۇرۇن يەرلىك ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ئىقتىدارىنى 1 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پىلانلىدى.