يەنئەن شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەپۇ سورىدى

02013-06-08 12:24:29   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  7-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، يەنئەن شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى، باشقۇرۇش خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا كەلتۈرۈپ چىقارغان «بېشىغا دەسسەش» زوراۋانلىق ۋەقەسىدىكى دەۋاگەردىن رەسمىي ئەپۇ سورىدى. دەۋاگەر ليۇ گوفېڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئاداقىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    31-ماي يەنئەن شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇش رېۋزىيە ئەترىتى سۇمرۇغ چوڭ ئەترىتىنىڭ بىرىنچى ئوتتۇرا ئەترىتى شەھەر ئىچىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرى ئەتراپىدىكى ئاقما تىجارەتچىلەرنى تەكشۈرىۋاتقاندا، ياڭجيالىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان بىر ۋېلسپىت دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ۋە خوجايىننىڭ بىر چۆپقىتى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان. ئارىدىكى بىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم دۇكان خوجايىنى ليۇ گوفېڭنىڭ بېشىغا ۋەھشىيلىك بىلەن دەسسەپ، ئۇنىڭ يۈز قىسىمىنىڭ قانىشى، چېكە سۆڭىكىنىڭ سۇنۇشى، ئوڭ تەرەپ كۆرەك بوشلۇقىنىڭ قانىشى، ئوقۇرەك سۆڭىكىنىڭ ئىككىلەمچى زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    يەنئەن شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنچاۋ مۇنداق دېدى: «ئىدارىمىز دەۋاگەردىن رەسمىي ئەپۇ سورىدى، ئىدارىمىز دەۋاگەرنىڭ بارلىق داۋالىنىش چىقىمىنى كۆتۈرىدۇ، ھەمدە مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ دەۋاگەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەگەر دەۋاگەر باشقا جايدا داۋالانماقچى بولسا، ئىدارىمىز ئوخشاشلا بارلىق داۋالىنىش چىقىمىنى كۆتۈرىدۇ.»
    زىيانلانغۇچى ليۇ گوفېڭ مۇنداق دېدى: «بولار ئىش بولدى، ھازىر مەن ئىككى كۈن ئىچىدە بۇ ئىشنىڭ بىر تەرەپ بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى. ئۇندىن باشقا چۆپقىتىمنىڭ مۇسادىرە قىلىۋېلىنغان ۋېلىسپىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشى، بۇزۇلغان بولسا ئەسلى باھاسى بويىچە تۆلەپ بېرىشى كېرەك.»
    تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، يەنئەن شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شۇ كۈنى نەقمەيداندا بار 8 نەپەر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم ۋە ئىككى نەپەر باشقۇرغۇچىغا پارتىيە ئىچىدە ئىنتىزام جازاسى بەرگەن؛  يەنئەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋەقەگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى جىڭ دىڭۋېننى جىنايى ئىشلار بويىچە، جىنايەت گۇماندارى ليۇ جاۋرۈينى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويغان.