شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئىيون تېلېگىراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىشى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلەتىمىز ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرگە يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇپ باقمىدى، ھەر قانداق شەكىلدىكى ھەرىبىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگىمۇ قاتناشمىدى. بىز يادرو كۈچىمىزنى دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ئېھتىياجىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىدە ساقلاپ كېلىۋاتىمىز. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز يادرو قورالىنى پۈتۈنلەي چەكلەش ۋە ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشىنى ئىزچىل ۋە ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزىنى قوغدايدىغان يادرو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنى قەتئىي قۇۋۋەتلىدى.