رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيانى ھاياجانلاندۇردى

02013-04-03 10:41:52   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   شياڭگاڭدىكى <<ئەلچى گېزىتى>> يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ج ك پ مەركىزىي كومتېتىنىڭ 5-ئەۋلاد رەھبىرى شى جىنپىڭ <<دىپلوماتىيە مۇساپىسىنى باشلىدى>>، ئۇنىڭ سەپىرى دۇنيا ئەللىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە قىزغىن مۇنازىرە پەيدا قىلدى.

   بولۇپمۇ شى جىنپىڭ مۇسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىدا سۆزلىگەن نۇتۇق <<جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە يېڭى ئۇسلۇبى>> غا مۇقەددىمە بولدى، ئۇنىڭغا كىشىلەر يېڭىچە ئۈمىد بىلەن نەزەر سالدى. بۇ نۇتۇق ئاددىي، لېكىن ئىشەنچكە تولغان، ئەمەلدارلارغا خاس تەلەپپۇزدىن خالىي، يېقىملىق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەر شى جىنپىڭنىڭ مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان دۇنيا ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئېنىق مەيدانى ۋە روشەن تەشەببۇسىنى نامايان قىلدى.

  پەلسەپەۋى قائىدىگە تويۇنغان، راست ۋە سەمىمىي سۆزلەنگەن بۇ نۇتۇق جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدىكى <<شى جىنپىڭ ئۇسلۇبى>> نى نامايان قىلىپلا قالماستىن، يەنە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇش كېرەكلىكىنى خەلقى ئالەمگە بىلدۈردى؛ شۇنداقلا دۇنيادىكى كۆپ سانلىق ئەرلەر، بولۇپمۇ كىچىك، ئاجىز ۋە نامرات دۆلەتلەرنىڭ ساداسىنى جاراڭلاتتى، دۇنيا بۈگۈكى جۇڭگونىڭ رەھبەرلىرىدن يېڭىچە تەسىراتقا ئىگە بولدى ۋە يېڭى ئۈمىدلەرگە چۆمۈلدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: <<سەنئەتكار ۋە جامائت پاراۋانلىقى ئەلچىسى بولغان پېڭ لىيۈەن <1-خانىم>لىق سالاھىيىتى بىلەن شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ، خەلقئارا دىپلوماتىيە سەھنىسىنى ھاياجانلاندۇردى، ئۇنىڭ سالاپىتىدۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا <پېڭ لىيۈەن قىزغىنلىقى> نى قوزغىدى. ئادەتتە ھەممىگە شەپقەتسىزلىك قىلىدىغان ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئۇنىڭ جەلىپكارلىقى ئالدىدا تىز پۈكۈپ، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان يېڭى ئاممىۋى مۇناسىۋەت چولپىنىغا ئايلانغانلىقىنى تەن ئالدى. جۇڭگونىڭ <باش قەد كۆتۈرۈش> ى غۇلغۇلا قوزغىغان بۈگۈنكى كۈندە، پېڭ لىيۈننىڭ سېھرىي كۈچى جۇڭگونى خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەي ئامال يوق!>>.