مالايسىيا زۇڭلىسى فىللىپپىن قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ شەرتىسىز تەسلىم بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ،ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلغان

0 2013-03-08 11:08:31   huanqiu.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئەنگىلىيە رېيتىر ئاگىنتلىقى 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرى،مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىب 7-چىسلا جاكارلاپ ،ھازىر قېچىپ كەتكەن فىللىپپىن قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى چوقۇم شەرتىسىز تەسلىم بولۇشى كېرەك دېگەن ،ئۇ يەنە فىللىپپىن قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى ئوتتۇرغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى رەت قىلغان .

   7-چىسلا سابا شىتاتى ئۇرۇش رايونىغا كەلگەن نەجىبتىن قوغلاش ھەرىكىتى قاچان ئاياغلىشىدۇ دەپ سورالغاندا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن :<ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتسە ،ھەركەت شۇ ۋاقىتتا ئاياغلىشىدۇ >دېگەن.

   3-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان سابا توقۇنىشىدا تەخمىنەن 40ئادەم قازا قىلغان ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى پەنجىۋىن 6-چىسلا باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مالايسىيانىڭ شەرقى قىسمى سابا شىتاتىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا ئۈندىگەن ،ھەر قايسى تەرەپلەرنى تىنىچ يول بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博